كىرىش ئېغىزى بۇ يەردە
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !! نۇر تورىغا خۇش كەپسىز---ئادرىسىمىز : www.Nur.cn

سۈرىيە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانى تۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

  • مەنبە: www.xjtsnews.com
  • 2011-05-03 12:41

    29–ئاپرېل ، سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن ئېتىراز بىلدۈرگۈچى ئامما ئوتتۇرىسىدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، سۈرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 30–ئاپرېل تېخىمۇ كۆپ تانكا بىلەن دېلا شەھىرىگە كىردى . سۈرىيە زۇڭلىسى ئادىل سافار ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانىنى تۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

    دېلا سۈرىيە ئارمىيەسى ۋە نامايىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئەڭ كۈچلۈك بولغان شەھەرلەرنىڭ بىرى . 25–ئاپرېلدىن بۈگۈنگىچە ، دېلا شەھىرى توك ۋە سۇ توختاش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىق ، خاماس قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ 29–ئاپرېل زور كۆلەمدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى . خەۋەرلەردىن ئىگىلىنىشىچە ، توقۇنۇش يۈز بېرىپ بۈگۈنگىچە ئاز دېگەندە 560 ئادەم قازا قىلغان .

    ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن چوڭ كۆلەمدىكى نامايىشتىن بۇيان ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دەمەشىققە كىرىپ سۈرەتكە ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغان .  

    سۈرىيە زۇڭلىسى ئادل سافار 30–ئاپرېل مۇنداق دېدى : پۇقرالارنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ، سۈرىيە ھۆكۈمىتى كەلگۈسى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانىنى تۈزىدۇ .سافار شۇ كۈنى كەچتە ئىچكى كابېنت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ ، بۇ تۈردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش پىلانى سىياسىي ، بىخەتەرلىك، ئەدلىيە ئىسلاھاتى ؛ ئىقتىسادىي ئىسلاھات ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت ؛ مەمۇرىي ئىسلاھات ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى ئىسلاھات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى .

    ئۇ مۇنداق دېدى: مەمۇرىي، تېخنىكا ۋە قانۇن قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەشكىل تاپقان ئۈچ كومىتېت ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولىدۇ . ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، خەلق ئىچى تەشكىلاتى ، ھەرقايسى پارتىيە–گۇرۇھلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرساھە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ.

    سۈرىيە ھۆكۈمىتى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندىن بۇيان ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تىنچلاندۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تەدبىر ۋە قانۇنىي لايىھەلەرنى تۈزدى .

    سۈرىيەدىكى داۋالغۇش ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

    18–مارتتىن باشلاپ ، سۈرىيە ۋەزىيىتى كۈنسېرى جىددىيلەشتى ، ئامېرىكا بۇ دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئورگىنى ۋە ئەمەلدارلىرىغا قارىتا جازالاش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . سۈرىيەدىكى داۋالغۇش قانچىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ ؟ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى جۇ جاۋيى مۇنداق دەپ تونۇشتۇردى: سۈرىيە مۇھىم تەسىر ۋە ئورۇنغا ئىگە چوڭ ئەرەب دۆلىتى ، بۇ دۆلەت ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوتتۇرا شەرق، ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

    تېخىمۇ مۇھىمى ، ئامېرىكا سۈرىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئوتتۇرا شەرق دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىدۇ . بۇ يىل ، يانۋاردا ئامېرىكا سۈرىيەگە يېڭىدىن ئەلچى ئەۋەتتى. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە ، ئامېرىكا سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە بىلەن سۈلھىلىشىپ ، ئىراننىڭ ئامېرىكىغا بولغان بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن .

    جۇ جاۋيى مۇنداق دېدى : سۈرىيە ئەمەلىيەتتە غەرب دۇنياسى بىلەن ئىران ، ئىراق، لىۋان، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم دۆلەت ، بۇ دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگىلا ئەمەس ، ھەتتا خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۆنىلىشىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.


تەھرىر :
گۈلباھار
يوللانغان ۋاقىت :
2011-05-03 12:41


  1. سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىتنىڭ ق

  2. ياپونىيلىك سەنئەتكار تەشت

  3. دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن قو

  4. زەمبىرەكچى توشقان

  5. زوراۋان موتسىكلىت

  6. 2011-يىل نادىر ئىتوتلار

  7. نەبىرەگە ياردەم قىلامسىز؟

  1. مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
  2. ئاففانىستان خەلقىنىڭ قۇرئان كۆيدۈرگەنلەرگە قارشى نارازىلىقى تېخىمۇ كۈچەيدى
  3. سۈرىيىنىڭ نۇرغۇن جايلىرى«قۇراللىق تېرورچى ئۇنسۇرلار»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
  4. ئامېرىكا پارلامېنتى بىئولۇگىيىلىك ھۇجۇم تەھدىت خېتى تاپشۇرۋالدى
  5. پېرۇنىڭ سابىق ئەلبېشى فۇجىمۇرى كېسەل سەۋەبىدىن تۈرمىدىن چىقىپ داۋالانماقتا
  6. قار كۆچۈشتە يارلانغان گوللاندىيە شاھزادىسى يەنىلا خەتەرلىك مەزگىلدىن ئۆتۇپ كەتمىدى
  7. غەربنىڭ ئىككى مۇخبىرى سۈرىيەدە توپ ئوقى يەپ ئۆلۈپ كەتتى
  8. كىم جۇڭئىن چاۋشيەن خەلق ئارمىيىسىنىڭ 842-قىسمىنى كۆزدىن كەچۈردى
  9. يۇرتىدىن ئايرىلغان پاكىستاندىكى ئافغانىستانلىق سەرگەردانلار
  10. دۇنيادىكى قار-مۇزلاردىن ياسالغان ئەڭ سوغۇق مېھمانساراي
  11. ئارگېنتىنادىكى پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە 49ئادەم ئۆلۈپ600ئادەم يارىلاندى
  12. ئارگىنتىنادا بىر پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىپ،40 ئادەم ئۆلۇپ،550 ئادەم يارلاندى
  13. لىۋاندىكى بىر تەشكىلات: سۈرىيە مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك
  14. ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى: ئىران يادرو قورالنى ئەزەلدىن تەرەققى قىلدۇرۇپ باقمىدى
  15. زىمىستاندا ھاياتىغا تەۋەككۇل قىلغاچ تارتىلغان سۈرەتلەر
  16. مېدىدىۋ: روسىيە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ

  1. ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى
  2. ئاجايىپ مۆجىزە! ئۆلگىلى 3 مىڭ يىلدىن ئاشقان مۇمىيا ھامىلىدار بولۇپ قالغان
  3. غەربكە ساياھەت فىلىمىدىكى ئۇيغۇر يىگىت-غاپپارجان تۇرسۇن
  4. ئۇيغۇر ‹‹مودېل›› خانىم-قىزلىرى قىزغىن ئالقىشلاندى
  5. شىنجاڭلىق قىز زەھەرلىك جانىۋارلارنى چىشلىگىنىچە ئۇسسۇلغا چۈشتى
  6. ماۋۇ ئادەملەرگە پەقەت ئامال يوق جۇمۇ!
  7. مۇنۇ شاكىچىك ئۇيغۇرچە ئېلانلارنى دوراپ قويىدىكەن جۇمۇ!
  8. 60 ياشلىق ئايالنىمۇ ھامىلىدار قىلالايدىغان ھىندىستان بوۋاقلار زاۋۇتى
  9. دۇنيا مودا ناخشا ساھەسىدىكى داڭلىق ناخشىچى شاكىرا دېڭىز شىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
  10. پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان پاكىستانلىق زەھەر چەككۈچىلەر
  11. دۇنياغا داڭلىق كىنو چولپىنى چېڭلۇڭنىڭ شەخسىي ئايروپىلانىنى كۆرگەنمىدىڭىز