ساركوزى 9 – ماي كەچتە فىرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە سەككىز دۆلەت گۇرۇھى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پارىژغا كەلگەن ھەر قايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە: ھەر قايسى دۆلەت غەنىيمەت ئالغان زەھەر ئەتكەسچىلىرى گۇرۇھى مەبلىغىنى جۇغلاپ، ب د ت نىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈش ھەم زەھەر ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىش مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك، دېدى.
ساركوزى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ فوندنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت زەھەر ئەتكەسچىلىكىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۈچلۈك ئۇچرىغان دۆلەتلەرنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش. بۇ مەبلەغنى ب د ت قارىمىقىدىكى ئاپپارات باشقۇرۇپ، مەبلەغدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ساركوزى ھەر قايسى دۆلەتنىڭ ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ئالاقىدار جىنايەتلەرنى جازالاش بويىچە پۇختا، مۇكەممەل خەلقئارالىق تور قۇرۇشىنىمۇ تەكلىپ قىلدى.
گۇگېل خىزمەتچىلىرىنىڭ خىز
چېمپىيونلۇق لوڭقىسى:ئىنتې
چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى: بارېن
كىم جۇڭئىن چاۋشيەن خەلق ئا
ئەگەر سىز مۇنداق ئادەتتىن
سۈرئىتى ئادەتتىن تاشقىرى «
ئاجايىپ تەسەۋۋۇرغا تويۇنغ
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كىرىس
گرېتسىيە 130 مىليارد ياۋرۇ ق
سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئىتنىڭ ق
ياپونىيلىك سەنئەتكار تەشت
دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن قو
مۇنۇ شاكىچىك ئۇيغۇرچە ئېلا