باش بەت

del103

2149يوللانما
48مەستانە

بىر iPhone Xنىڭ پۇلىغا شياۋمىنىڭ ھەممە مەھسۇلاتىدىن بىردىن ئالغىلى بولىدۇ

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:00 0 ئىنكاس چۈشتى

IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن سەھەردە ئالما شىركىتى «جوبىس تىياتىرخانىسى»دا يېڭىچە ئۇسلۇبتا لايىھەلەنگەن iPhone X يانفونىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. iPhone X يانفونىغا پۈتۈن ئېكرانلىق لايىھە قوللىنىلىپ، A11 تىپلىق ئەڭ يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، شۇنداقلا يېڭىدىن Face ID نامىدىكى سالاھىيەت بېكىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان، باھاسىمۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان: 64GB لىق نۇسخىسى 8388 يۈەن، 256GBلىق نۇسخىسى 9688 يۈەن. دېمەك iPhone Xنىڭ باھاسى ئون مىڭ يۈەنگە يىقىنلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا خالىغانلا ئادەمنىڭ ئۇنى سېتىۋالالىشى ناتايىن.

ئەمما مۇشۇ پۇلغا ئەگەر شياۋمى مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالساق، ئۇنداقتا ئائىلىگە كېرەكلىك بىر يۈرۈش ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ:

شياۋمى MIX 2 يانفونى (3299يۈەن/بىر دانە) + شياۋمى سۇ تازلىغۇچ (1999 يۈەن/بىر دانە) + شياۋمى 2-ئەۋلاد كۆچمە توكدانى، 20000mAh لىك نۇسخىسى (149يۈەن/بىر دانە) + شياۋمى ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ (599 يۈەن/بىر دانە) + شياۋمى AI ئەقلىي ياڭراتقۇسى (299 يۈەن/بىر دانە) + شياۋمى iHealth تېمپىراتۇرا ئۆلچىگۈچ (129 يۈەن/بىر دانە) + شياۋمى ئەقلىي ئائىلە يۈرۈشلۈكى (299 يۈەن/بىر يۈرۈش) + شياۋمى نائۇشنىكى (499 يۈەن/بىر دانە) + شياۋمى 4A تېلېۋىزورى (1099 يۈەن/بىر دانە)، بۇلارنىڭ جەمئىي باھاسى 8371 يۈەن.

يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان iPhone Xنىڭ باشلىنىش باھاسى 8388 يۈەن.

دېمەك، بىر دانە iPhone X ئۈچۈن خەجلەيدىغان پۇلغا شياۋمى چىقارغان ھەممە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى دېگۈدەك سېتىۋالغىلى بولىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ئۈسكۈنىلەر تۇرمۇشتىكى خىلمۇخىل ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号