باش بەت

ئەخمەتجان

1524يوللانما
67مەستانە

بىر ئايال 4 مىليونلۇق ھەشەمەتلىك پىكاپ ھەيدەپ كۆكتات سېتىۋالغىلى باردى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 19:07 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى: 

بۈگۈنكى كۈندە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى ھەممە يەردىن ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى، بەزىلىرى ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالىچەكمەن قىلىۋېتىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل بولسىلا ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ياخشى بولۇشى ناتايىن، بەزى ئاپتوموبىللارنىڭ تاشقى شەكلى چىرايلىق خالاس. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن، كۆپلىگەن ئاپتوموبىللار تاشقى شەكلىمۇ ھەم ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى قالتىس بولۇپ كەتتى. 

يېقىندا، ئىچكىرىدىكى مەلۇم شەھەرنىڭ كۆكتات بازىرىدا بىر دانە ئاۋدى RS6 توختىدى، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قارىماققىلا ھەشەمەتلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى، بىراق كىشىلەر ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىنى بىلەلمىدى. ئەمما، كۆكتات بازىرىغا مۇشۇنداق ئېسىل ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ئادەمنى بوش چاغلىغىلى بولمايتتى. كۆزى مال تونۇيدىغان بەزىلەر بۇ ئاپتوموبىلنىڭ باھاسىنىڭ 4 مىليون يۈەندىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى. 

ئاۋدى RS6، A6 مەھسۇلات لىنىيەسىدىكى يۇقىرى ئىقتىدارلىق نۇسخىدىكى ئاپتوموبىل، ئۇنىڭ دەرىجىسى ئاۋى S6 دىن يۇقىرى، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ ئاپتوموبىل سىپورت ئىقتىدارىغا ناھايىتى ئەھمىيەت مەمۇرىيەت دەرىجىسىدىكى ئاپتوموبىل موتورى ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا ئاپتوموبىللار بىلەن ئوخشىمايدىغان لايىھە قوللىنىلغان. كۈچ ئۇزىتىش قۇرۇلمىسىغا ھەرىكەتلەندۈرۈش ئوقى شەكلىدە موتورنىڭ ئارقىسىدىن بوي يۆنىلىشىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، دۆلەت ئىچىدىكى باھاسى 1 مىليون 600 مىڭ يۈەن. 

ئەمما، 4 مىليونلۇق سىپورت ئاپتوموبىلىنىڭ 100 كىلومېتىرغا تېزلىنىشىگە 3.6 سېكۇنت كېتىدۇ، ئەمما بۇ خانىم ھەيدەپ كەلگەن ئاپتوموبىلنىڭ ئارقا ساندۇقى ناھايىتى چوڭ ئىدى، شۇڭا باھاسى ئۇنچە قىممەت بولمىسا كېرەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号