باش بەت

durdana

797يوللانما
19مەستانە

دۇنياغا داڭلىق مودا ماركىسى chanelنىڭ قۇرغۇچىسى--كوكو شەنىل

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 21:38 5 ئىنكاس چۈشتى

«ھەر قېتىم بەخىتنىڭ ئادەمنىڭ ئىستىقبالىنى قانداق توسۇۋالغانلىقىنى كۆرگىنىمدە، مەن ئۆزۈمنىڭ نۇرغۇن بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىمدىن خۇشال بولىمەن. ئادەم ئاۋۋال ناھايىتى قەيسەر بولغاندىلا ئاندىن ھەممىگە تاقابىل تۇرالايدۇ. دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە مەن ۋە باشقىلار ئارىسىدا تەقدىرىمنى ئالماشتۇرۋېتەلمەيدۇ.»

-كوكو شەنىل(Coco Chanel)

مودا ئايال شاھى كوكو شەنىل ھەر بىر مودا ۋە ئېسىلزادىلىكنى قوغلاشقۇچى ئاياللار ئاساسەن بىلىدۇ، ئۇنىڭ لايىھەلىرى ئېسىلزادە ھەم كۈچكە تولغان، مۇلايىم ھەم ياۋايى كۆرۈنىدۇ.

ئۇ شۇنداق دېگەن:«مېنىڭ رىۋايىتىمنى كىشىلەر مەڭگۈ يىپيېڭى ھالەتتە ئېسىدە تۇتۇۋالسىكەن دەيمەن.» لېكىن رىۋايەتكە ئايلىنىش ئۈچۈن چوقۇم تاۋلىنىش جەريانى كېتىدۇ.

دادىسى ئۇششاق تىجارەتچى، ئانىسى تاغلىق رايوندا پادا باقاتتى، شەنىل تۇغۇلغاندا ئاتا-ئانىسى رەسىمىي توي قىلمىغانىدى. ئۇنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغانلىقى ئۆمۈر بويى پىشانىسىدىن كەتمىگەن.

ئۇنىڭ بالىلىقى ئېچىنىشلىق ئۆتكەن،

 يېشىدا ئانىسى ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، دادىسى ئۇ قاتارلىق 5 بالىسىنى تاشلاپ كېتىپ، ئىز-دېرىكى بولمىغان.

ئۇ موناستىرنىڭ يېغىۋېلىش ئورنىدا مۇدھىش ئۆسمۈرلۈك دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن، مۇشەققەتلىك 7 يىل داۋامىدا ئۇ يىڭنە ئىشىنى ياخشى ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆزىمۇ ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، ئۇلۇغ شەنىل ئىمپىرىيىسى قۇرۇشنى ئۇ يېغىۋېلىش ئورنىدا يىڭنە ئىشى ئۆگىنىشتىن باشلىغان.

شەنىل چوڭ بولغاندىن كېيىن كۈندۈزى تىككۈچىلىك دۇكىنىدا ئىشلىسە، كەچقۇرۇن ھەدە-سىڭىللىرى بىلەن قاۋاقخانىغا بېرىپ، ناخشا ئېيتىپ پۇل تاپقان. ئەينى ۋاقىتتىكى تەبىقە ئايرىش قارىشى كۈچلۈك فىرانسىيە جەمئىيىتىدە تۆۋەن قاتلامدىكىلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

سەرگەردانلىق تۇرمۇش ياش شەنىل ئۈچۈن ھېچگەپ ئەمەس ئىدى، ئۇ :«مەن ئەزەلدىن شارائىتىم توغىرىسىدا ئىچىم پۇشۇپ باقمىغان، مەن ھەر ۋاقىت ناچار كەيپىياتىمنى تارقىتىۋېتەلەيمەن» دېگەن.

ناخشىچىلىق قىلىش جەريانىدا ئۇ ئىككى قىممەتلىك مېھماننىڭ ئاشنىسى بولغان، ئۇلارنىڭ بىرى ئەنگىلىيەلىك ئاقسۆڭەك Etienne Balsan، يەنە بىرى باي ئوفتېسىر Boy Capel ئىدى. بايلار بىلەن مۇناسىۋىتى بولغاندىن كېيىن شەنىل ئۆزى دۇكان ئاچقۇدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولغان.

Balsan ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشكە كۆپ ياردەم قىلغان بولۇپ، شەنىل بىرىنچى شىلەپە دۇكىنىنى ئۇنىڭ ياردىمىدە ئاچقان. ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپالىق ئاياللار پەي بىلەن پۈركەنگەن شىلەپە تاقاشنى ياقتۇراتتى، لېكىن شەنىل كىيگەن شىلەپىسىگە پەقەت بىر تاللا پەي تاقىغان.

قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە ئۇنىڭ نامى چىقىپ، تىجارىتى روناق تاپقان. ئۇ دۇكىنىنى تېخىمۇ مودا بولغان كارمىن كوچىسىدىكى Rue Cambon غا يۆتكىگەن، بۇ جاي ھېلىغىچە شەنىلنىڭ باش شىتابى بولۇپ كەلمەكتە.

شەنىل ئوفتېسىر Boy Capel نىڭ يارىمىدە 1914-يىلى بىر كىيىم-كېچەك دۇكىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ دەل كېيىنكى نەچچە ئەۋلادقىچە تەسىر كۆرسەتكەن Chanel ماركىسى شۇ.

قۇرۇلغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلغاندىن كېيىن 1920-يىلىغا كەلگەندە شەنىل نۇرغۇن يېڭى پاسونلارنى لايىھەلىگەن، مەسىلەن:توقۇلما ماتروس كىيىمى پاسونىدىكى كۆينەك، قىسقا قارا كۆينەك قاتارلىق. ئۇ يەنە ئەرلەر كىيىمىدىن ئىلھام ئالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاياللار كىيىمىنىڭ زىيادە چاقناپ تۇرۇۋېلىشىغا ئۆزگەرتىش قىلغان. مەسىلەن: ئەرچە كاستىيۇمنى ئاياللار كىيىمى تۈرىگە ئەكىرگەن. يەنە ئايالچە ئىشتاننىمۇ ئوتتۇرىغا چىقارغان. 20-يىللاردا ئاياللار پەقەت يوپكا-كۆينەكلا كىيىدىغان بولۇپ، شەنىلنىڭ بۇ ئۆزگەرتىشىنى كىيىم ساھەسىدىكى چوڭ بىر ئىنقىلاب دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ يەنە نۇرغۇن شائىر، رەسسام ۋە باشقا ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار بىلەن تونۇشقان، مەسىلەن: ئابىستىراكىت رەسىم رەسسامى پىكاسسو، فىرانسىيەلىك شاھىر ھەم رېژىسسور ژان گالكىدو دېگەندەك. ئۇ ۋاقىتتا فىرانسىيەنىڭ كىيىم-كېچەك ۋە سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان ئىدى.

1918-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى شەنىل پۈتۈن مۇھەببىتىنى بېغىشلىغان Capel بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسدە ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇ شەنىلغا سوۋغا قىلماقچى بولغان ئاخىرقى روژدىستوۋلۇق سوۋغىسى بىر تىزىق مارجان قان ئىچىدە كۆزنى چاقنىتىپ تۇرىدۇ، ئۇ ئىككى يىل ۋاقتىنى ئاساسەن جىمجىت ئۆتكۈزىدۇ، ئۇ ھاياتىدىكى ئازابنى ئىلھام قىلىپ، ئۈنچە-مەرۋايىت لايىھەلەشنى باشلايدۇ. 1920-يىلى شەنىل چاررۇسىيە كېنەزى باكازاروف ھەمراھلىقىدا شېۋىتسىيەدىكى ئۈنچە مەرۋايىت كېنىغا زىيارەتكە بارىدۇ. كۆكۈش ۋە قىزغۇچ ئىككى خىل ياقۇتقا مەھلىيا بولۇپ قالىدۇ، شۇ زامان Capel قالدۇرغان بىر تىزىق مارجاننى ئېسىگە ئېلىپ، ئىلھامى قوزغىلىدۇ، ئۇ ئوخشىمىغان رەڭلىك ۋە ئوخشىمىغان ماتېرىيالدىكى ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى بىرلەشتۈرىدۇ، بۇ لايىھە ئۇسۇلى شۇ زاماندىكى مودا ئۇسلۇبقا ئايلىنىدۇ، شەنىلنىڭ ئۈنچە-مەرۋايىتى ناھايىتى داڭق چىقىرىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغاندا ئۇ دۇكىنىنى تاقىۋېتىپ، مۇھەببەتلەشكەن ناتسېس ئوفتېسىر بىلەن شېۋىتسىيەگە بېرىپ پاناھلىنىدۇ. 1954-يىلى فىرانسىيەگە قايتىپ كېلىپ  قايتىدىن ئىش باشلايدۇ، ئۇنىڭ پاكىز، تەبئىي تۇيغۇ بېرىدىغان ئايالچە كىيىملىرى پارىژلىق خانىم-قىزلارنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىدۇ.

ئۇ ھاياتىدا توي قىلمىغان، ئەمما ئاشنىلىرى جىق بولغان. ھاياتىدا قاپيۈرەكلىك بىلەن ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن، كىشىلەر ئۇنىڭ نېمىشقا توي قىلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ: بەلكىم مەن «كوكو شەنىل» دېگەن گۈزەل ئىسىمغا ماس كېلىدىغان ئىسىمنى تاپالمايۋاتقاندىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئۇ 18 ياشقا كىرگەندە ئاچىسى ئۆلىۋالغان، تۇنجى مۇھەببىتى ماشىنا ھادىسىسدە ئۆلۈپ كەتكەن، ئىككى قېتىم ھېسسىي زەربىگە ئۇچىرىغاچقا بەلكىم ئۇ بەك ئېھتىياتچان بولۇپ كەتكەندۇ، ئۇ ئۆمۈر بويى بالىلىقىدىكى ئەگىر-توقاي ۋە ئەنسىزلىكتىن چىقىپ كېتەلمىگەن.

ئۇ تەرجىمىھالىدا مۇنداق يازىدۇ:جۇڭگولۇقلارنىڭ ھېسابى بويىچە ھېسابلىغاندا مەن تۇغۇلغان يىل يولۋاس يىلى بولىدىكەن، شۇڭا مېنىڭ تەقدىرىمدە تەنھالىق يېزىلغان بولۇشى، ئۆزۈمدىن خاراكتىرى كۈچلۈك ئەر بىلەن تۇرمۇش كەچۈرەلمەسلىكىم مۇمكىن.

ئۇنىڭ نۇرغۇن يېتەرسىزلىكى بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىكى سېھرىي كۈچكە تەسىر كۆرسىتەلمىگەن، بۇ يىگانە ئايال ھېچقانداق قانۇن-تۈزۈمدىن پايدىلانماي تۇرۇپمۇ فىرانسىيە ئاياللىرىنى ھەر قانداق بىر فىرانسىيە زوڭتۇڭىدىنمۇ بەكرەك بىرلىككە كەلتۈرەلىدى.

ئۇ ھەر يىلى 400 دەك ئىستىراتىگىيە تۈزەتتى، بۇلار خۇددى قانۇندەك تەسىر كۆرسىتەتتى، ئاخىر ئۇنىڭ تەسىرى فىرانسىيە چىگىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى.


ئۇ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئۇسلۇبىغا ئۈزۈل-كېسىل يېڭىلىق ئېلىپ كەلدى. فىرانسىيەلىك يازغۇچى مارلو 20-ئەسىردىكى فىرانسىيە ھەققىدە شۇنداق دېگەن: ئۈچ كىشىنىڭ ئىسمى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ-دېگال(فىرانسىيە زوڭتوڭى)، پىكاسسو، شەنىل.

 

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • ماڭگو6 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ماركىغا بەكلا ئامراق مەن

  • ئەركەم6 كۈن ئىلگىرى

    ئەينى ۋاقىتتا فرانسىيلىك كىچىك بالىلارمۇ بىلىدىغان ئالىي دەرىجىلىك پاھىشە ئىدى، بىراق بۇ كەسىپنى داۋاملىق قىلماي ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن توختىماي تىرىشىتى دەپ چۈشەندۈرگەننتى cctv دا

  • يۇلتۇز6 كۈن ئىلگىرى

    مەن گەرچە مەشھۇر شەخىسلەرگە بەكرەك قىززىقىپ ئۇلار توغرىسىدا خېلى ماتىريال كۆردۈم دىسەممۇ بۇ ئايال يەنى كوكۇشەنىل نى ئانچە بىلىپكەتمەيدىكەنمەن تەھرىرلەرگە رەخمەت

  • باھادىر6 كۈن ئىلگىرى

    چەمبىرەككە چىقىرۋەتتىم ياخشى تىمىكەن،،،

  • دىلاش6 كۈن ئىلگىرى

    شەنىل دۇنيانىڭ كىيم كىچەك ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرىتكەن ئايال ،بۇرۇنقى ئالى بالى قالپاق مارجانلىق نەچچە قات كۆينەكلەرنى چۆرۇپ تاشلاپ سىپتا چوڭ سۇپەت كىيىمنى بىنا قىلغان ،كوكوشەنىل دىگەن كىنودىمۇ چىقىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号