باش بەت

durdana

797يوللانما
19مەستانە

سەردار رەھىمخان تويلۇق سېلىش ھەققىدە ناخشا ئېيتماقچى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-13 22:05 3 ئىنكاس چۈشتى

ئۆزبېكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس سەردار رەھىمخان «فەرىدەم كۈچ ئۇلاپ ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى»نىڭ غەلبىلىك بولغانلىقىنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. ناخشىچى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدى.

ناخشا «تويلۇقنىڭ نەرقى قانچە، ئېيتىڭ؟» دەپ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان، سەردارنىڭ ياش ئىختىساس ئىگىلىرىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئەنئەنىسىنى داۋام قىلىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

ئۇ بۇھەقتە مۇنداق دەيدۇ:«كۈندىن كۈنگە شۇ ماۋزۇدا ناخشا ئېيتىپ توغرا قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. تويلۇق دەپ ئەرزىمىگەن پۇل، مەنسەپ، شان-شۆھرەت كەبى ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە بالىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يۈرگەنلەرنى كۆرۈپ ئويلىنىپ قالىمەن. بۇنداق ئەھۋاللارغا بىپەرۋا تۇرۇۋېلىشنى توغرا كۆرمىدىم. چۈنكى بىزنى باغلاپ تۇرىدىغىنى ئۆي-جاي، كىيىم-كېچەك، يېڭى تىپلىق ماشىنا، پۇل، مەنسەپ ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببىتىمىز، ھېس-تۇيغۇلىرىمىز. ھاياتىمىزنىڭ مەنىسى باشقىلارغا ياردەم كېرەك ۋاقىتتا ياردەم قىلالىشىمىزدا ئەمەسمۇ؟»

 

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • بايقاش6 كۈن ئىلگىرى

    ناخشىلىرى تىخمۇ ئىسىل ئوزى بەك ئىسىل

  • ئەركەك6 كۈن ئىلگىرى

    ئەۋازىڭىزنى جۈدە ياخشى كۆرەمەن سەردور ئەفەندى يېڭى قوشىغلەرىڭىزگە ئىنتەزارمىز

  • ئەنۋەر ئەركىن6 كۈن ئىلگىرى

    ئىسىل ئارتىستە بۇ سەردار رەخىمخان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号