باش بەت

گۈلنىسا

140يوللانما
7مەستانە

بىر ئەر 100 مىڭ يۈەنلىك ساختا Dior ئەتىرى ئىشلەپچىقاردى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 10:11 1 ئىنكاس چۈشتى

 ئادەتتە ئەتىرنى قەيەردىن سېتىۋالىسىز؟ چەت ئەلدىن، مەخسۇس سېتىش پوكىيىدىن، ۋاكالىتەن ساتقۇچىلاردىن ياكى توردىن سېتىۋالامسىز؟ توردا سېتىلىدىغان ئەتىر كىچىك نۇسخىلىرىنىڭ باھاسى ئەرزان بولسىمۇ، لېكىن ساختىسى ئىنتايىن كۆپ. جىنايەت گۇماندارى ۋاڭ X، ليۇ X، ۋاڭ XX بىلەن شېرىكلىشىپ ساختا Dior ئەتىرى ئىشلەپچىقارغان، ساقچىلار ۋاڭ Xنىڭ تۇرار جايىدىن نۇرغۇن ساختا Dior ئەتىر قۇتىسى ۋە خام ماتېرىياللىرىنى بايقىغان.

 ۋاڭ X 2016-يىلى 3-ئايدا QQدا بىرى بىلەن تونۇشۇپ، بۇ تورداش ئۇنىڭغا بىر باي بولۇش يولى كۆرسىتىپ، ۋاڭ Xكە ساختا Dior ئەتىرى ئىشلەپچىقىرىشنى ئېيتقان. ۋاڭ X بىر مەھەل چۈشىنىش ئارقىلىق بۇ يولدىن پايدا ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ۋە QQ ئارقىلىق باشقا جايدىن ساختا Dior ئەتىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇرغۇن قۇرۇق قۇتا ۋە سۈپەتسىز ئەتىر خام ماتېرىياللىرى سېتىۋالغان، ئۇ ليۇ Xتىن Diorنىڭ ئالتۇن ھەل بېسىلغان ساختا تاۋار ماركا بەلگىسىنى، ۋاڭ XXتىن ساختا Diorنىڭ ماركىسى بېسىلغان قۇتا ئاغزىنى سېتىۋالغان. بارلىق خام ماتېرىياللار تەق بولغاندىن كېيىن ۋاڭ X ئايالى بىلەن قۇرۇق قۇتىغا ئىشپىرىستا سۈپەتسىز ئەتىر خام ماتېرىياللىرىنى قاچىلىغان، ئاغزىنى ئەتكەندىن كېيىن بىر ساختا Dior ئەتىرى پۈتكەن. فېڭشيەن رايونى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋاڭ Xنىڭ سېتىشقا تەييارلاپ قويغان قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان 30 نەچچە مىڭ قۇتا ساختا Dior ئەتىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان.

 فېڭشيەن رايونىدا شەرقتىكى سىلىتسىي جىلغىسى قۇرۇلۇشى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندا، بۇ ئۈچ كىشىنىڭ قىلمىشى ئەكسىچە رول ئويناپ، بىر قەدەر چوڭ ئىجتىمائىي خەتەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، شاڭخەي شەھىرى فېڭشيەن رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ساختا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش جىنايىتى بىلەن ۋاڭ Xنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى، رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى قانۇنسىز ياساش جىنايىتى بىلەن ليۇ Xنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى، شۇنداقلا يەنە مەزكۇر دېلودىكى ۋاڭ XXنى قوغلاپ تۇتۇشنى تەستىقلىغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئايپەد پرو6 كۈن ئىلگىرى

    Dior ۋە Bvlgari ئەتتىرنىڭ ساختىسى بەك كۆپكەن دىققەت قىلىپ سېتىۋالغايسىلەر

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号