باش بەت

ئادىلجان

6831يوللانما
70مەستانە

دۇنيا يانفون بازىرىدىكى بارلىق پايدىنىڭ %96ىنى ئالما ۋە سامسۇڭ ئىگىلىۋالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 13:30 13 ئىنكاس چۈشتى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالما بىلەن سامسۇڭدىن ئىبارەت يانفون بازىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئىككى رىقابەتچى ئوخشاش بىر كۈندە ئۆزلىرىنىڭ يىللىق بايراقدار يانفونىنى ئېلان قىلدى، تېخىمۇ ھەيران قالارلىق يېرى بۇ ئىككى بايراقدار يانفوننىڭ ھەر ئىككىلىسى 8-ئەۋلاد مەھسۇلات. جۇڭگو بازىرىدا ئالما بىلەن سامسۇڭنىڭ يېقىنقى كۈنلىرى ئانچە ياخشى بولمىدى، شۇڭا ئىككلىسى يېڭى مەھسۇلات ئارقىلىق ئۆز ماركىسىنىڭ بازاردىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. كەسىپ ئىچىدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە گەرچە ئالمىنىڭ پايدىسى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما كۈنسايىن كەمچىل بولۇۋاتقان يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۆپلىگەن ئىستېمالچىلارنى توختىتىپ قويدى. سامسۇڭغا سېلىشتۇرغاندا ئالما باھا ۋە سەپلىمە جەھەتتە ئەۋزەللىكنى ساقلاپ قالالمىدى، ئەگەر سامسۇڭ Note 7نىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىسا، Note 8گە تايىنىپ ئەسلىگە قايتىش پۇرسىتى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. 

ئالما: تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى توختىتىمىز

ئالمىنىڭ مالىيە دوكلاتىغا ئاساسەن، بۈيۈك جۇڭخۇا رايونى ئالمىنىڭ ئەڭ چوڭ بازارلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ 2014-يىلى iPhone 6 ۋە iPhone 6 plus سېتىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۈيۈك جۇڭخۇا رايونى ئالمىنىڭ كەسپىي نەتىجىسىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغان. 2015-مالىيە يىلى 3-پەسىلدىكى بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىدىكى تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %111 ئېشىپ، باشقا رايونلاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىدىكى تىجارەت كىرىمىمۇ 2015-مالىيە يىلىدا ياۋروپادىن ئېشىپ، ئامېرىكىدىن  كېيىنكى 2-چوڭ بازارغا ئايلانغان. ئەمما iPhone 6 plus ۋە iPhone 6S plus سېتىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، 2016-مالىيە يىلىغا كىرگەندە ئالمىنىڭ كەسپىي نەتىجىسى تۆۋەنلەشكە باشلىدى، بولۇپمۇ بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىدىكى تۆۋەنلەش ئەھۋالى ھەممىدىن ئېغىر بولدى. 

ئەڭ يېڭى 2017-مالىيە يىلى 3-پەسىلدىكى مالىيە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۈيۈك جۇڭخۇا رايونى گەرچە 3-چوڭ بازارلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما تىجارەت كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 تۆۋەنلەپ، تىجارەت كىرىمى مەنپىي ئاشقان بىردىنبىر رايون بولۇپ قالغان. ئەمەلىيەتتە ئالمىنىڭ بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىدىكى تىجارەت كىرىمى ئۇدا ئالتە پەسىل تۆۋەنلەپ كەتتى. 

IDCنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 2-پەسىلدە ئالمىنىڭ پۈتكۈل ئىچكى قۇرۇقلۇق بازىرىدىكى مال چىقىرىش مىقدارى سەككىز مىليون دانە بولۇپ، 5-ئورۇنغا كىرگەن؛ بازار ئۈلۈشى %7.1 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.1، ھالقىسىمان نىسبىتى %0.6 تۆۋەنلىگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالما پۈتكۈل 2-پەسىلدە ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرگەن كارخانىلار ئىچىدە تىجارەت كىرىمى تۆۋەنلىگەن بىردىنبىر كارخانا بولۇپ قالغان، باشقا تۆت كارخانا (خۇاۋېي، OV ۋە شياۋمى)نىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاشقان. 

سامسۇڭ: بازارنىڭ ئىشەنچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىمىز

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سامسۇڭنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىش سوممىسى 19.27 تىرىليون ۋونغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشتى. بۇ ئېشىش نىسبىتى باشقا رايونلاردىكىدىن بەش پىرسەنت پوئېنتى يۇقىرى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىدىكى نىسبىتى %9.4، ياۋروپادىكىسى %8، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكىسى %9. ئەمەلىيەتتە جۇڭگو بازىرى سامسۇڭنىڭ چەت ئەلدىكى كەسپىنىڭ ئېشىشىغا باشلامچىلىق قىلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا سامسۇڭ ئېلېكترونىنىڭ دۇنيادىكى سېتىش سوممىسى 99.23 تىرىليون ۋون ق(تەخمىنەن 88.61 مىليارد دوللار)غا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەقلىيفون ياساش كارخانىلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالغان جۇڭگو ئېلېكترون ياساش كارخانىلىرى باشقا دۆلەتلەردىكى باشقا مەھسۇلاتنى سامسۇڭنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزىكى ۋە ئېكران قاتارلىق زاپچاسلىرىنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرالمايدۇ. 

ئەمما سامسۇڭ جۇڭگودىكى ئەقلىيفون سېتىش نەتىجىسىنى رەسمىي ئاشكارىلىمىدى، Counterpoint Researchنىڭ مۆلچەرلىشىچە سامسۇڭنىڭ جۇڭگو بازىرىدىكى ئۈلۈشى 2013-يىلى 2-پەسىلدە %20لىك چوققا قىممەتكە يەتكەن؛ بۇ يىل 2-پەسىلدە ئاران %3 بولۇپ، مال چىقىرىش مىقدارى %50 تۆۋەنلەپ كەتتى. 

بۇلتۇر سامسۇڭ Note 7 يانفونى كۆپ قېتىم پارتىلاپ كېتىپ، دۇنيا مىقياسىدا ئۈچ مىليون دانە Note 7 يانفونى يىغىۋېلىندى، ئەمما بۇ ئىش سامسۇڭغا قارا سۈركەپ قويدى، ئۆتكەن بىر يىلدا سامسۇڭ يانفونىنىڭ سېتىش مىقدارى زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى، شۇڭا Note 8 سامسۇڭنى قۇتقۇزىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان. سامسۇڭ ئېلېكترونى سىمسىز كەسىپ تارمىقىنىڭ باش لىدېرى گاۋ دوڭجېن 8-ئاينىڭ 23-كۈنى نيۇيوركتا بايراقدار مەھسۇلات Note 8نى ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ بولغاندىن كېيىن، Note 8نىڭ سامسۇڭنىڭ بازارنىڭ ئىشەنچىنى قايتۇرۇپ كېلىشىگە ياردەم بېرەلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. Strategy Analytics يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئەقلىيفون بازىرىنىڭ بۇ يىل 1-پەسىلدىكى تىجارەت پايدىسى ئومۇمىي سوممىسى 12.11 مىليارد دوللار بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئالمىلا %83.4تىنى ئىگىلىگەن، سامسۇڭ بولسا 12.9 پايدىى ئىگىلىگەن، ئىككىسىنى قوشقاندا ئەقلىيفون پايدىسىنىڭ كۆپ قىسمى بۇ ئىككى شىركەتنىڭ قولىدا دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگو يانفون ماركىلىرىنىڭ بۇنىڭدىكى ئۈلۈشى %2.5كەيەتمەيدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابدۇلھەي2 ئاي ئىلگىرى

    تىجارەت زاللىرىدا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتىكەن.ئىكراننى ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ.

  • ئابدۇلھەي2 ئاي ئىلگىرى

    cr7 تېلېگرافنىڭ سىملىرىدا ئۇزاق تۇرۇپ كەتسە ، ئۇنى ئوڭشىغىلى بولمايدۇ.ئېكراننى ئالماشتۇردىغانغا توغرا كېلىدۇ.

  • قىززىق 2 ئاي ئىلگىرى

    دۆلىتىمىزدىن چىققان يانفۇننى ئىشلىتىنى خۇاۋېي، ۋىۋە، ئوپپو، دىگەندەك …

  • 白马王子 CR72 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ مەستانىلىرى سىلەردىن ياردەم سورايمەن ، مىنىڭ تېلفۇنۇم سامسۇڭ S6 ئىكران تەگلىكى ئاق ئەمەس بۇنى ئۆزگەرتكىلى بۇلامدۇ ؟ باشقىلارنىڭكىگە قاراپ باقتىم ، ئاپئاق ئىكەن . لىكىن مىنىڭ تەگلىكىدە داڭئەن چىقىپ تۇرىدۇ ، ئىلخەت ساندۇقى ، مۇزىكا قويغۇچ ، google، باشقىلىرىنى بىلالمىدىم ، قىزىل رەڭدە مۇشۇلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . قانداق قىلسام بولىدۇ ؟

  • سەفىيە2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ ئالما تىلفۇن مەستانىسى لېكىن ئالغىلى پۇل يوق

  • سۈرخان2 ئاي ئىلگىرى

    سامسوڭ بەك ياخشى

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    تۇغرا ئالمىغا نىسپەتەن سەمسۇڭنىڭ بازىرى ئشتىك باھاسى مۇھاپىق

  • سۈرخان2 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ يەنىلا كۆپرەكىنى ئىگەللىگەن

  • ئ‍دىقۇت2 ئاي ئىلگىرى

    oppo,,,,,vivo
    لار ياخشى يەنىلا ،مەن شۇ تىلفۇننى ئشىلتىمەن ،ھاجىتىمدىن ،،كەڭتاشا چىقىدۇ

  • سەزگۇم2 ئاي ئىلگىرى

    پۇچۇق ئالما دەۋەرسەك باھاسى چۇشەمۇ ئالما يەتتە ئالاي دىگەن سەككىزگە پۇل يوق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号