باش بەت

رازى

1573يوللانما
37مەستانە

6 ياشلىق قىز ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار ئۇكىسىغا يىلىكنى بېرىشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 12:17 28 ئىنكاس چۈشتى

«دادا، مەن ئىنىمغا يىلىك تەقدىم قىلاي، مەن ئاغرىقتىن قورقمايمەن، دوختۇر مېنىڭ يىلىكىمنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتىغۇ…»دېدى 6 ياشلىق قىز لى مېڭنەن دادىسىغا. دادىسىنىڭ ئىچى ئاغرىپ يىغلاپ تاشلىدى ھەمدە «قىزىم، سىزنىڭكىنى ئىشلەتسەك بولمايدۇ، سىز تېخى كىچىك، ئەمدىلا 6 ياشقا كىردىڭىز» دېدى. لى لى خېنەن ئۆلكىسى شيايى ناھىيەسىدىن كەلگەن دېھقان، 4-ئايدا ئۇنىڭ 4 ياشلىق ئوغلى لى خاۋشۈەننىڭ جىددىي خاراكتېرلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، 5 ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇ ئائىلىسىدىكى بارلىق بىساتىنى خەجلەپ بولغان، دوختۇرخانا ئۆيىدىكى ھەممىسىنىڭ يىلىكىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، مېڭنەن بىلەن دادىسىنىڭ يىلىكى ئوخشاش تىپلىق ئىكەنلىكى، ئەمما مېڭنەننىڭ يىلىكىنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىغان. سۈرەتتە مېڭنەن يىغلاۋاتقان دادىسىغا تەسەللىي بەرمەكتە.

«ئۇكام، سەن چوقۇم ساقىيىپ كېتىسەن، شۇ ۋاقىتتا ئاپام، دادام بىزنى باغچىغا ئاپىرىپ ئوينىتىدۇ، بولامدۇ؟» كىچىككىنە مېڭنەن مىھرىبانلىق بىلەن ئىنىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى. مېڭنەن ناھايىتى ئىش ئۇقىدىغان قىز بولۇپ، دادا ئاپىسى ئىشقا كەتكەندە ئىنىسى بىلەن ئوينايدۇ، ھەرۋاقىت ئۇنىڭغا قارايدۇ، يىلىك تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاپا دادىسى ئوغلىنى دوختۇرخانىدىن چىقىرىپ يېزىدىكى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، يىلىك يۆتكەشنى ساقلىماقتا. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دادىسىنىڭ يىلىكى %60 ماس كەلگەن، ئەمما مېڭنەننىڭ يىلىكى %80 ماس كەلگەن. 

ئىنىسى ئويناپ ئۇسساپ كەتكەندە، مېڭنەن كىچىك ئورۇندۇق يۆتكەپ كېلىپ ئىنىسىنى ئولتۇرغۇزۇپ، قايناق سۇ ئېلىپ كېلىپ، سۇ سوۋۇغاندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئىنىسىغا ئىچۈرمەكتە.

«ئۇكام، سەن ئاغرىپ قالدىڭ، قالايمىقان يۈگۈرمە، يىقىلىپ چۈشسەڭ بولمايدۇ، كېسىلىڭ ساقايغاندىن كېيىن بىز بىللە سىرتقا چىقىپ ئوينايلى بولامدۇ…» 4 ياشلىق ئىنىسى سىرتقا چىقىپ ئوينىماقچى بولغاندا، مېڭنەن ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ چىقارغىلى قويمىدى. ئۇ ئىنىسىنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ نەسىھەت قىلدى.

4 ياشلىق لى خاۋشۈەن يىغلاپ ماسكا تاقىغىلى ئۇنىمىغاندا، ئاپىسى بىلەن مېڭنەن ئىككىسى ئۇنى بەزلىمەكتە، ئاپىسى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئوغلىنىڭ كېسىلىنى داۋالاتماقچى بولدى،  ئەمما 500 مىڭ يۈەن ئوپېراتسىيە ھەققى ئۇلارغا نىسبەتەن غايەت زور سان ئىدى.

«يىغلىما، سەن دېگەن ئوغۇل بالا تۇرساڭ، گەپ ئاڭلا ھە…» كىچىككىنە مېڭنەن دەرھال يۈگۈرۈپ كىرىپ قەغەز ئېلىپ چىقىپ، ئىنىسىنىڭ يېشىنى سۈرتمەكتە. 

«ئەگەر ماسكا تاقىمىساڭ، كېسىلىڭ ساقايمايدۇ، ئۇنداق بولسا بىز بىللە سىرتقا چىقىپ ئوينىيالمايمىز…» مېڭنەن ئىنىسىغا ماسكا تاقاپ قويماقتا. ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ئىمۇنىتېت كۈچى ئاجىز بولۇپ، ئاسان يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، ماسكا تاقاش ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

«دادا، ئۇكامغا مەن يىلىكىمنى بېرەي، بولدى ئازابلانماڭ، گەرچە مەن كىچىك بولساممۇ، لېكىن مەن قەيسەر، ئاغرىقتىن قورقمايمەن.» كىم يىلىك تەقدىم قىلىش ھەققىدە پاراڭلىشىۋاتقاندا، 6 ياشلىق قىز مېڭنەن جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالدى. قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەپ پۇل تېپىپ ئوغلىنى داۋالاتماقچى بولۇۋاتقان دادا قىزىنىڭ بۇ قەدەر قەيسەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆز يېشىنى توختىتالماي قالدى، ئۇ ھېچنىمە دېيەلمىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شەھلا6 كۈن ئىلگىرى

    شەھلا ئىسىملىك تورداش خاپا بولماي ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىۋىتەمسىز،،مەن بۇ ئىسىمنى قوللانغىلى بەك ئۇزۇن بولغان

  • ئەنۋەر ئەركىن1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەملىكەت مىقياسىدا بىر يۈەندىن ئىئانە توپلىسا بۇلارنىڭ بالىسىنىڭ داۋالىنىش مەسلىسى ھەل بولىدۇ ئەمەسمۇ.

  • 1111 ھەپتە ئىلگىرى

    دوسلار قىرېنداش.مھكرىدگەن ئەنەشۇندخ ئۇلابىرلكىتە كەسەلگە تاقابۇل.تۇرۋھتىپتۇ،ئۇلاغا ئامات تىلەيلى

  • چىدام1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ بەك تەسىرلەندىم قېرىن داش دىگەن ھامان قىرىن داش ھە

  • قادىخان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋاي يۇرۇگۇم قاندامۇ قىلا بىچارە بالا ھەقىقەتەن كۇيۇمچان قېرىنداشلاكەن كۆزتەگمىسۇن

  • شەھلا1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ياخشى بىر بىرىگە كويونىدىغان باللارنى بىقپ قاتارغا قاتقان ئاتا، ئانىلارغا رەخمەت، بالىنىڭ تىزراق ساقىيشىنى ئۇممۇت قىلمەن

  • 132******451 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك

  • ئارىسلان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەي سورخان سامسوڭ ھەرقانچە ئىسىل بولسىمۇ كېسەل ساقايتالمايدۇ بىلدىڭمۇ.

  • شەھلا1 ھەپتە ئىلگىرى

    قېرىنداشلىق مىھرى دىگەن شۇ،،كۈزۈمدىن ياشنىڭ قانداق چىقىپ كەتكىننى بىلەمىدىم

  • ئەتلەس ماكانى1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇرخان سامسۇڭ سارىڭى ،كاللادىسە پاچاق دەيدىكەنسىزغۇ قاچانﻻ ئىنكاس ياسسىڭىز سامسۇڭ دەيدىكەنسىز دەرت باركەن ھە كاللىدا توۋا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号