باش بەت

mahsat

102يوللانما
5مەستانە

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزىنى ئاتىغان ئايال-دىلبەر ياسىن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 18:12 34 ئىنكاس چۈشتى

دىلبەر ياسىن: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۆزىنى ئاتىغان ئايال


 سۇلتان مەقسەت 

   

    پىدائىي بولۇش باشقىلارغا مىننەتسىز ياردەم  قىلىش، ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى، زېھنىنى، ئىقتىسادىنى، قەلبىنى، مېھىر-مۇھەببىتىنى شەرتسىز ئىپادىلەش بولۇپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلەلىگەنلىكىدىن ھەم ياخشىلىق قىلالىغانلىقىدىن ئىختىيارسىز خوشاللىققا چۆمۈدىغان، بىلگىنى  ھەم قولىدىن كەلگىنىنى باشقىلاردىن ئايىماي، باشقىلارنىڭ مەمنۇنلىقىدىن ھاياتىغا رازىمەنلىك تۇيغۇسىدا بولالايدىغان، باشقىلارنىڭ خېيىم-خەتەردىن، بالا-قازادىن قۇتۇلىشىغا ئاكتىپلىق-قىزغىنلىق، چەبدەسلىك-باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، ھاياتىدىكى  ئادەتتتىن تاشقىرىنى رولىنى جارى قىلدۇرالىغانلىقىدىن بەخت ھېس-تۇيغۇسىغا ئىگە بولالايدىغان ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدىكى ئۇلۇغۋارلىقتۇر.

ئاپەت يۈز بەرگەندە، قىيىنچىلىق كىلىپ چىققاندا، ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولغاندا ئۆزلىگىدىن پىدائى بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەر پەيدا بولىدۇ. يەنى، مەيلى يەر تەۋرەپ ھاياتلىق ھەم ئۆي-مۈلۈك خەۋىپكە ئۇچرىغاندا، كەلكۈن كېلىپ يۇرت-مەھەللىنى سۇ بېسىپ كەتكەندە، تۇيۇقسىز ئوت كېتىش ياكى قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ جىددى قۇتقۇزۇش ياردىمى زۆرۈر بولغاندا، نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئوقۇشسىز قېلىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەندە، ئېغىر كېسەللىككە دۇچار بولۇپ ئەل-جامائەتنىڭ ياردىمى ئارقىلىق داۋالىنىش خىراجىتىگە ئېھتىياجلىق بولغاندا، ئەيدىزدەك يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتقاندا بولسۇن، پىدائىلار كۈچىنى، ۋاقتىنى، زېھنىنى، ئىقتىسادىنى، ياخشى نىيىتىنى ئايىماي، ئۆزىنى ئاتايدىغان كىشىلەردۇر. شۇڭا، پىدائىلار ھەرقانداق جەمئىيەتتە، ھەرقانداق ساھەدە شەرتسىز ھالدا تۆھپە قۇشۇدىغان ئالاھىدە روھتىكى، ئىسىل پەزىلەتتىكى كىشىلەردۇر.

بولۇپمۇ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ دۆلەتكە غايەت زور داۋالاش چىقىمى، پۇقرالارغا ئازاپلىق ھاياتلىق زىيىنى پەيدا قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋىردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى جەھەتتە ئالاھىدە ئىجتىمائى كۈچ ھالىتىدە ناھايىتى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەيدىزدىن ئىبارەت يۇقۇملۇق كېسەل ئاپىتى ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۈچلۈك سۆيگۈ-مۇھەببەت بىلەن ئىنسانلارنى ئەيدىزدىن ساقلىنىشقا ئۈندەيدۇ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا باغرىنى كەڭرى ئېچىپ سەمىمى مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ، جاپا-مۇشەقەت ھەم غەيۋەت-شىكايەتتىن قورقماي ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالدىنقى سېپىدە ئۈن-تىنسىز ئەجىر سىڭدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ پەقەت ئىنسانلارنى ئەيدىز ئاپىتىدىن ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇ-ئۈمىدى بار، خالاس.

«ياخشى نىيەت يەردە قالمايدۇ». ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلىرىنىڭ ھاياتلىققا، ئىنسانىيەتكە ئاتالغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئۇلارنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقىغا ئەگىشىپ ئەمەلگە ئېشىۋاتىدۇ، قىلغان ئەجىرلىرى مىۋە بىرىۋاتىدۇ، قوشقان تۆھپىلىرى جەمئىيەتتە ئېتىراپقا ئېرىشىپ يوللىرى راۋانلىشىۋاتىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ ئاچقان يوللىرى باشقىلارغا ئۈلگە بولىۋاتىدۇ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ.

قىسقىسى، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلىرى جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى بالدۇر چۈشىنىۋېلىشىغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بەرگۈچىلەردۇر.

     

     ئەيدىز ئائىلىسى دېگەننى كۆرۈپ، ئاتا-ئانا، بالا-چاقا ھەممىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قالغان بىر ئائىلە كشىلىرىمىكىن دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ ياق! ئايرىم-ئايرىم-ئايرىم ئائىلىلەردىن يىغىلغان، بولۇپمۇ ئەيدىز سەۋەپلىك ئائىلىسى ۋەيران بولۇپ يالغۇز قالغان، تۇل ئولتۇرىۋاتقان ئاياللاردىن ھەم ئانىلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولغاچقا دادىلىرى تاشلىۋەتكەن ياكى ئۆلۈپ كەتكەن يىتىم بالىلاردىن شەكىللەنگەن ئەيدىز ئائىلىسىدۇر. خەنزۇچە يېزىلغان مەنىسى «باياۋاندىكى بوستانلىق» بولغان «كۆكلەم» دېگەن سۆز، خۇددى چۆل-باياۋاندا قىيىن كۈنلەرگە قالغان كىشىلەرگە ئۆز قوينىغا ئالىدىغان بوستانلىق ئۇچرىغاندەك، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىغا خوشاللىق ئاتا قىلىدىغان چوڭقۇر مەنىلىك ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئەيدىز ئائىلىسىنىڭ نامىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ ئائىلىنى بىر ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىسى قۇرۇپ چىققان ئىدى.

 

«كۆكلەم دېگەن كۆكەرتتى دىل خانەمنى،
مېھرىباندىن مېھرى ئالغان ئالەمنى.
بالاڭ بولسا كۆيمەس ئىدىڭ مۇنداقمۇ،
ھەر يۈرەككە كۆڭۈل بەرگەن پارەڭنى.

كۆكلەم دېگەن كۆكەرتتى دىل خانەمنى،
كۆتۈرۈۋەتتىڭ يۈرەكتىن دىل يارامنى.
مېھرىبانلىق بولسا ئەگەر قېشىڭدا،
كۆكلەم تاپار مۈشكۈل ئىشقا چارەڭنى».


     «كۆكلەم» ناملىق بۇ شېئىرنى بىر ئەيدىز يۇقۇمدارى ئايال يېزىپ چىققان بولۇپ مۇنداق دەيدۇ: «‹كۆكلەم› بىزدەك دىلى سۇنۇق ئاياللارنىڭ تەسەللى تاپىدىغان ئائىلىسى، يېڭى تۇرمۇشىمىزنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى».

بۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىسى ئانا دىيارىمىزدا 20 يىلىنى ئۈن–تىنسىز ھالدا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا غەمخورلۇق قىلىش، ھۆكۈمەت ۋە خەلقئارانىڭ ياردىمىدە سۇنغان قەلبلەرنىڭ غەمگۇزارى، سۇلغان گۈللەرنىڭ پەرۋىشكارى بولۇش يولىدا «كۆكلەم ئائىلىسى» ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللارغا باشپاناھ بولۇۋاتقان، ئۇلارغا پىداكارلىق بىلەن خالىس ياردەم بېرىۋاتقان بىر ئايال ئىدى. 

ئۇ كۆپ يىل ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈر خىزمەتلىرىنى ئىشلەش جەريانىدا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسىلىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا، قىسقىسى باشقىلارغا دېيەلمەيدىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئەر – خوتۇنچىلىق تۇرمۇشتا ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە قارىغاندا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللارغا چۈشىدىغان تۈرلۈك بېسىملارنىڭ ئېغىرلىقىنى، ئاياللارنىڭ ياردەمگە تېخىمۇ موھتاج ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. بولۇپمۇ ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار بىر تەرەپلىمە ھالدا كەمسىتىلىش سەۋەبىدىن يۇشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغان ئەھۋالدا بولغاچقا،  ئەيدىز بىمارلىرىنى كەمسىتىش ئەھۋالىغا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىپ، 1995-يىلىدىن باشلاپ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خىزمىتى قىلىپ كىلىۋاتقان كەسپى بىلىملىرى ۋە تەجرىبە-ساۋاقلىرىغا تايىنىپ، ئەيدىز كېسىلى كۆپرەك بولىۋاتقان يۇرتىدا ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، 2012 – يىلى يانۋاردا ئۈرۈمچىدە ئەيدىز ۋىروسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاياللارغا غەمخورلۇق قىلىش مەركىزى ھېساپلىنىدىغان بۇ ئەيدىز ئائىلىسى «كۆكلەم ئائىلىسى» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بۇ ئەيدىز ئائىلىسىنى قۇرۇپ چىققۇچى ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاممىۋى سەھىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن دىلبەر ياسىن خانىمدۇر. دىلبەر ياسىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى مۇشۇ پىدائىيلىق روھى بىلەن 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى «دۇنيا ئەيدىز كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى

     بەش يىل ئاۋال 20 نەپەر مەخسۇس ئايال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بۇ ئەيدىز ئائىلىسىدىكى يۇقۇملانغۇچى ئاياللار ھازىر 400 گە يەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئەيدىز كېسىلى توغرىلىق، ۋىروسقا قارشى داۋالىنىش توغرىلىق، ئەتراپىدىكىلەرگە يۇقتۇرۇپ قويماسلىقتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار توغرىلىق، چەتئەللەردىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پۇزىتسىيە-كەيپىياتى توغرىلىق، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كىيىنكى پىسخىكىلىق بىلملەر توغرىلىق... بىلىم، مەسلىھەت، ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ.

«كۆكلەم ئائىلىسى»دە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ئۆزئارا ئۇچرىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ، كېرەكلىك ئۇچۇر ۋە ياردەمگە ئېرىشىپ، ئۆز ئېھتىياجى ئاساسىدا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىش، پىسخىكا جەھەتتە داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كەسپىي دوختۇرلار كېلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئون ئايالغا مەسلىھەت بېرىدۇ، ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنىپ، دەرس تەكرار قىلىپ بېرىلىدۇ.  بۇ ئەيدىز ئائىلىسىدە يەنە بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ئۆيى، كىتابخانا ئۆيى، ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ياردەم قىلغان كىيىم-كېچەكلەر يىغىلغان ئۆي بار. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىككى ئايال خىزمەتچى بولۇپ، بىر كۈندىن ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ.

بۇ ئەيدىز ئائىلىسىنى قۇرغۈچى دىلبەر ياسىن خانىم ئەمدى يېرىم ئەسىرلىك يېشىغا قەدەم قويغان بولۇپ، چىرايىدىن ئاق كۆڭۈللۈكى، كۈيۈمچانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.  بۇ ئائىلىگە يىغىلغان يۇقۇمدار ئاياللار ھەر كۈنى چۈشلۈكى مۇشۇ ئۆيدە ھەقسىز بىر ۋاق تاماق يەيدۇ. تاماقنى ئۇلار ئۆزلىرى ئىتىپ يەيدۇ. تاماق ماتىرىياللىرىنى دىلبەر ياسىن خانىم تەييارلاپ بېرىدۇ.

بۇ ئەيدىز ئائىلىسى نۆۋەتتە  ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللاردىن كىم كېلىشنى خالىسا ھەم ۋاقتى بولسىلا كېلىدىغان يىغىلىش ئورنى بولۇپ،  ئۇ ئاياللار بۇ ئورۇنغا كېلىپ ئۆزئارا مۇڭدىشىدۇ، ئەيدىز سەۋەپلىك ئەتراپىدىكىلەردىن ئۇچرىغان دەرت-ئەلەملىرىنى تۆكۈشىدۇ، مەخسۇس كىتاب ئىشكاۋىغا تىزىپ قۇيۇلغان ھەر خىل كىتابلارنى ئوقۇيدۇ، بالىلىرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان-يۇقۇملانغان بولسۇن، ئوخشاشلا بالىلىرىنى ئەكىلىپ ئوينىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى "كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر" دېگەن ھالەتتە، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بۇ ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ئائىلە-تۇرمۇش شارائىتى، روھى كەيپىياتى، قېرىنداشلىرى-ئەتراپىدىكىلەردىن ئۇچرىغان مۇئامىلىسى، تىرىكچىلىك-ئىقتىسادى تەغدىرى، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى دېگەندەك تېمىلاردا خالىغانچە، كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار بولغاچقا، يۇشۇرغۇدەك گەپ بولمايدۇ، ئۆزئارا كەمسىتىلىشتىن ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتىمۇ يوق. "كەمبىغەل كەمبىغەلنىڭ قاياشى" دېگەندەك ئۇلار بىر-بىرسىنىڭ ئىچكى-تاشقى دەرت-ئەلەملىرىنى ئۆزئارا بىلىشىدىغان بولغاچقا، كۆڭلىدىكى روھى ئازاپلىرىنى سۆزلەپ چىقىرىۋېتىپ ئىچى بوشاپ قالىدۇ.  بۇ ئاياللار بۇ ئورۇنغا يىغىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك ھالەتتە، ئەركىن-ئازادە مۇڭدىشالايدۇ، ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ پاراڭلىشالايدۇ، ھەممەيلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بولغاندىكىن بىر-بىرىنىڭ دەردى-ھالىنى چۈشۈنەلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇ ئورۇندا جەمئىيەتتىكى ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن ياكى ئائىلىسى-ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئەيدىزنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن دۇچار بولىدىغان كەمسىتىشكە، چەتكە قېقىشقا، ئۆچ كۆرۈشكە ئۇچرىمايدۇ.

   بۇ ئورۇنغا يىغىلغان ئاياللار ئاساسەن يولدىشىنىڭ زەھەر چېكىشى ۋە خوتۇنبازلىق قىلىشى سەۋەپلىك ئەيدىزنى يۇقتۇرىۋېلىپ، تۇل قالغانلار بولۇپ، ئىش-ئوقەت قىلىش، تۇرمۇشىنى قامداش، دادىسىز يىتىم قالغان بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن، ئاز بولمىغان قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، ئەيدىز ئائىلىسىگە كەلگەندە ئىللىق بىر مۇھىت بىلەن ئۇچرىشىدۇ. شۇڭا، بۇ ئاياللار كۆڭلى تارتقاندا، ۋاقتى چىققاندا ئۆز ئىختىيارىچە مانا مۇشۇ ئەيدىز ئائىلىسىگە كىلىپ خوشاللىق تاپىدۇ، كۆڭلى ئېچىلىپ روھى كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ. خۇددى ئۆز جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنى ئۇنتۇلۇپ قالغان ھالەتتە ھەمسۆھبەت بولىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تارقىلىش يوللىرى ئېنىق، ئەمما يۇقۇش سەۋەپلىرى ھەر خىل  بولغان ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنىڭ  سىرتتا ئۆزى تۇنۇيدىغان-تۇنۇمايدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن  چۈشەنمەسلىك تۈپەيلىدىن ئاشۇرۇۋېتىلگەن ھالەتتە ئۇچرايدىغان روھى بېسىمىدىن خالاس بولىدۇ.

 

     20-ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىدىن باشلاپ، دىيارىمىز ئاسمىنىنى «سىرلىق تۇمان» لار قاپلاپ، زەھەر چېكىش ئەۋج ئالدى، زەھەرگە ئەگىشىپ ئەيدىزمۇ ئىبلىس چاڭگىلىنى ياشلىرىمىزغا سۇندى. دۆلىتىمىز، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىز كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغان پەيتتە خەلقئارادىمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش جېڭى باشلاندى.
    دىلبەر ياسىن 1987 – يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى كەسپىنى پۈتكۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىگە خىزمەتكە چۈشكەنىدى. ئۇ دەسلەپتە تېببىي ئاخبارات ماتېرىيالى خىزمىتىنى، كېيىن تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى ئىشلىدى. 1995 – يىلى سەھىيە نازارىتىگە ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈر خىزمىتىنى ئىشلەش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىشقا بىر سان كەلدى. تەلەپتە قاتناشقۇچىنىڭ ئىنگلىز تىلى بىلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. شۇنىڭ بىلەن نازارەت رەھبەرلىكى بۇ پۇرسەتنى دىلبەر ياسىنغا بەردى.
    شۇ چاغدا دىلبەر ياسىن بەش كۈنلۈك كۇرسنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتلىق مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ ھىندونېزىيەدىكى كۇرستىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كۇرسنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا ئۆزى ئۆگەنگەن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت بىلىملىرىنى ياشلارغا سۆزلىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ 1995 ـ يىلىدىن 2000 – يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا ئۇنىڭ شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئالىي مەكتەپ، كان – كارخانا، ئىدارە – جەمئىيەتلەردە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەش بىلەن ئۆتتى.
2000 ـ يىلى سېنتەبىردە ئاۋسترالىيە قىزىل كىرېست جەمئىيىتى دىلبەر ياسىننى يۈننەن ئۆلكىسىدە يولغا قويۇلغان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ياشلارنى تەربىيەلەش تۈرىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ تاللاشقا دۇچ كەلدى. ھازىرقى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەكمۇ ياكى خىزمىتىنى تاشلاپ، مۈشكۈل، يېڭى يولغا قەدەم قويۇش كېرەكمۇ؟ ئۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاھ – زارىنى، ئازابلىق نالىسىنى، تەلپۈنۈشلىرىنى كۆپ ئاڭلىغاچقا، بۇ خىزمەتنى مەن ئىشلىمىسەم، كىم ئىشلەيدۇ؟ دېگەن سوئالنى ئۆزىگە كۆپ قېتىم قويدى، باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشنى ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ زور بەخت دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 2000 ـ يىلى سېنتەبىردە سەھىيە نازارىتىدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەمدى ئۇ ھاياتىنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئاتىغانىدى. دىلبەر ياسىن 2002 ـ يىلى فېۋرالغىچە كۈنمىڭ شەھىرىدە بۇ تۈر خىزمىتى ئاياغلاشقۇچە ئىشلىدى. 2002 ـ يىلى فېۋرالدا جۇڭگو ـ ئاۋسترالىيە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە غەمخورلۇق قىلىشتىن ئىبارەت يەتتە يىللىق تۈر خىزمىتى يولغا قويۇلغاندا دىلبەر ياسىن يەنە تەكلىپ قىلىندى. 2005 ـ يىلى ئىيۇلدىن 2007 ـ يىلى ئىيۇلغىچە ئۇ تولۇق سوممىلىق مۇكاپات بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئاممىۋى سەھىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇدى. بۇ خىل مۇكاپات پەقەت ئىنگلىزچە سەۋىيەسى مەلۇم تەلەپكە يەتكەن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇزۇن يىل ئۆز يۇرتىدىكى خەلق ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك خىزمەت ئىشلەپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگىلا بېرىلەتتى. ئىككى يىللىق ئوقۇش جەريانىدا ئۇ ئوقۇيدىغان 14 پەننىڭ كۆپرەكىگە ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى تاللاپ ئوقۇدى، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىلمىي ماقالىسىنى «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەيدىز كېسىلى ئالدىدىكى ئاجىزلىقلىرى» دېگەن تېمىدا يېزىپ، ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، 2009 ـ يىلى مايغىچە تۈر خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى ۋە بۇ جەرياندا تۈر ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلەۋاتقان يېڭى زېلاندىيەلىك كىم خانىم بىلەن تونۇشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدى؛ 2009 ـ يىلى مايدىن 2010 ـ يىلى ئىيۇلغىچە بىر يىل شىزاڭغا بېرىپ شىزاڭنى سەھىيە بىلەن قوللاش تۈرىنىڭ تۈر ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىدى؛ 2010 ـ يىلى ئىيۇلدىن 2013 ـ يىلى مارتقىچە گېرمانىيەنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە يولغا قويۇلدى. بۇ قېتىم دىلبەر ياسىن تۈر ئەمەلدارى، كىم خانىم تۈر خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىدى. قايتا ھەمكارلىق جەريانىدا بۇ ئىككى ئايال بىر ـ بىرىنىڭ ياخشى سۆھبەتدىشىغا، ھىمايىچىسىگە ئايلاندى، ئۇلارنىڭ ئىرق، دۆلەت، مىللەت ھالقىغان مۇقەددەس دوستلۇقى مۇشۇ چاغدا باشلاندى. دىلبەر ياسىن خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭ، گۇاڭشى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئارىسىدا توختىماستىن چېپىپ يۈردى. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىنىپ ئىشلىنىۋەردى، دىلبەر ياسىنمۇ ئۈن ـ تىنسىز ھالدا بىر «جەڭ» نى تۈگىتىپ يېڭى بىر «جەڭ» گە ئاتلىنىۋەردى، ئۇنىڭ قەلبىدىكى مەسئۇلىيەتچان كەسىپ ئىگىسىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئالىيجاناب روھ ئۇنىڭغا كۈچ بېغىشلايتتى.

    دىلبەر ياسىننىڭ بۇنداق بۇنداق يۇقۇملۇق كېسەل-ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىلىق كەسىپكە ئۆزىنى ئاتىغان، ئالىجاناپ، ئۇلۇغۋار روھىغا قانچىلىك ئاپىرىن ئېيتساق، ئالقىش ياڭراتساق ئەرزىيدۇ. چۈنكى، جەمىيىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى دېسە ھەممە يىراققا قېچىپلا قالماستىن، يەنە چەتكە قېقىپ كەمسىتىش ئەھۋالى خېلى ئېغىر بولىۋاتقان ئەھۋالدا، بىر ئايالنىڭ يىگىرمە يىلدىن بۇيان ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ساھەسىدە زور بەدەللەرنى تۆلەپ ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقى، يەنە نەچچە يۈز ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان كىشىلەر ئارىسىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك بىللە تاماق بىللە ياشاپ يۈرگەنلىكى ھەقىقەتەن قايىللىقىمىزنى قوزغىماي قالمايدۇ. شۇنداقلا، جەمىيىتىمىزدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنى ئۆچ كۆرۈدىغان، روھى بېسىم ئېلىپ كېلىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن كۆزقارىشىنى ئۆزگەرتىدىغان ئۈلگىلىك ئەمەلىيەت بولالايدۇ. دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك روھى، بەختكە بولغان قارىشى كىشىنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ.

   يول ماڭغانسىرى ئېچىلىدۇ. يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ. ئەيدىزنى چۈشەنگەندە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالدىنى ئېلىشقا، ئەيدىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويماسلىققا ھەممەيلەن مەسئۇل بولغاندا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار ۋىروسقا قارشى داۋالىنىشقا كەسپى نۇقتىدىن قاراپ تولۇق ماسلاشقاندا، ئەيدىز قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. رايۇنىمىزدا نەچچە تۈمەن ئەيدىز يۇقۇمدارى بار. ئەنە شۇ ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىدىن ئىمكانىيىتى يار بەرگەنلەرنىڭ بۇ ئەيدىز ئائىلىسىگە يىغىلىپ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى كوللىكتىپىگە ئايلانسا، ئۇلار تەربىيەلەنسە، غەمخورلۇق-كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشسە، ئۆزىنىڭ جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىروسىنى چۈشۈنۈپ ئىدىيە-پىسخىكىسىنى تاۋلاپ چىقسا، باشقىلار ئۇنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئەيدىز سەۋەپلىك قورقۇپ-چۈشكۈنلۈشۈپ كەتمىسە، ئەيدىزنى ماڭا باشقىلار يۇقتۇرغان دەپ ئەتراپىدىكىلەرگە ھەم جەمىيەتكە دۈشمەنلىك قىلىپ يۈرمىسە، بۇ ئائىلىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بالىلىرىنى نۇرمال ئوينۇتۇپ ھەم ئۆگىتىپ تەربىيەلەشنى ئۆگىنىۋالسا، جىسمىدىكى ئەيدىز ۋىروسىغا قانداق دورا ئىشلىتىشنى چۈشەنگەن بۇ ئاياللار ھامىلدار بولسىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانمايدىغان بالا تۇغۇشنى بىلىۋالسا نېمە دېگەن ياخشى –ھە! 

 ھەر بىر ئىنسان ئۆز ھاياتىدا مەن نەدىن كەلدىم؟ نەگە بارىمەن؟ نېمە ئىشلارنى قىلىمەن؟ بەخت دېگەن نېمە؟ مەن بەختلىكمۇ؟ دېگەندەك قارىماققا ئاددىي، ئەمما پەلسەپىۋىلىككە ئىگە سوئاللارغا ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جاۋاب بېرەلىگەندە، ئاندىن ھاياتىنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ. دىلبەر ياسىنمۇ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەيدىز پىدائىلىقى تاللىشىدا يىراق قىرلاردىلا ئىز قالدۇرۇپ قالماي، ئانا دىيارىمىزدىكى ئاچا – سىڭىللار قەلبىدىمۇ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئۆز ھاياتىدىكى ئەڭ زور بەخت، دەپ قارىدى.
     «كۆكلەم ئائىلىسى» گە كېلىپ، تەقدىرداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزلىرىگە سىرداش، دىلداش تېپىپ، كۆڭلى ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تېپىۋاتقان بۇ ئاياللارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ھېكايىسى ئوخشىمىسىمۇ، ئۇلاردىكى بىر ئوخشاشلىق شۇكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېرىدىن يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ھېسابلىناتتى.
    باھارگۈل (ياسالما ئىسىم) توي قىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن ھامىلىدار بولغاندا بەكمۇ خۇشال بولغانىدى، ئەمما دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىلىنى تەكشۈرتۈش جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئاڭلاپ، قاتتىق ئازابلانغانىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئېرى نەچچە يىلدىن بېرى زەھەر چېكىپ كېلىۋاتقاچقا، شۇ جەرياندا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغان بولۇپ، بۇنى خوتۇنىدىن يوشۇرۇپ كەلگەنىدى. ئېرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بەختسىزلىكتىن كۆڭلى قاتتىق ئازار يېگەن باھارگۈل ئېرى بىلەن ئاجراشتى. ئامالسىزلىقتىن ھامىلىنىمۇ چۈشۈرۈۋەتتى. تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ ئاچچىق رېئاللىقنى قوبۇل قىلالمىغان باھارگۈل يېرىم يىلغىچە باشقىلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، ئۆيدىن چىقماي يۈردى، ھەتتا ئۆلۈپلا بۇ دەردلەردىن بىراقلا قۇتۇلۇشنىمۇ ئويلىدى. ئەنە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوختۇر ئۇنىڭ قولىغا «‹كۆكلەم ئائىلىسى› گە مېھمان بولۇپ كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېگەن خەتلەر بېسىلغان بىر كارتىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇنىڭ «كۆكلەم ئائىلىسى» نىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغىنىغا ئۈچ يىل بولۇپ قالدى.

    قازاق قىزى ئالتۇن (ياسالما ئىسىم) نىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا توققۇز يىل بولغانىدى. ئالتۇن ئون يىلنىڭ ئالدىدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئۆزى ياخشى كۆرۈپ قالغان بىرەيلەن بىلەن توي قىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلگەنىدى. نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇ ئېرىنىڭ ئىشقىۋازلىقىدىن، ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇۋالغانلىقىنى ئۇققان چېغىدا تولىمۇ كېچىككەن بولۇپ، ئۆزىمۇ ئاللىقاچان بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغانىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئاخىرى تەقدىرگە تەن بەردى. ئۇ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىزچىل دورا ئىچىپ كەلگەچكە، ئۇنىڭ ئىككىلا بالىسى بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانماي تۇغۇلدى. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ كىچىك قىزى تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولغاندا، ئېرى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئېرى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى ئىچىشكە ئۇنىمىغان. 
    تۇرمۇشتا ھېچقانداق يۆلەنچۈكى بولمىغان ئالتۇن ئىككى بالىسىنى ئېلىپ «كۆكلەم ئائىلىسى» گە كەلگەندە، ئۇنىڭ قىزى ئوزۇقلۇق يېتىشمەي ئېغىر قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى «كۆكلەم ئائىلىسى» ئۇلارنىڭ جاراھەتلەنگەن دىلىغا مەلھەم ياقتى، مۇزلىغان قەلبىنى ئېرىتتى، تەنھا، غېرىب تۇرمۇشىغا ھەمدەم بولغۇچى دوستلار بىلەن ئۇچراشتۇردى، ئۇنىڭ تاتلىق ـ تۇرۇم پىشۇرۇش كەسپىنى ئۆگىنىپ، ئۆز تۇرمۇشىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشىغا «يېشىل چىراغ» يېقىپ بەردى. مانا ھازىر ئۇنىڭ ئېتەكلىرىگە يۆگىشىپ يۈگۈرۈپ ئويناپ يۈرگەن بەش ياشلىق ئوغلى ۋە بۈدۈر چاچلىق ئىككى ياشلىق قىزى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى.
    راھىلە (ياسالما ئىسىم) مۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېرىدىن يۇقتۇرۇۋالغانلارنىڭ بىرسى ئىدى، ئۇنىڭغا تەسەللى بولغىنى بالىسىنىڭ يۇقۇملانمىغىنى بولدى، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، راھىلە قايتىدىن ياتلىق بولدى، توينىڭ ئالدىدا ئۇ توي قىلماقچى بولغان ئەرگە ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېيتتى، ئەرمۇ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلدى، مانا ئون يىلدىن بېرى ئۇلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى. ئاقسۇلۇق سانىيە (ياسالما ئىسىم) نىڭ «كۆكلەم ئائىلىسى» گە كەلگىنىگە بىر يېرىم يىل بولغان بولۇپ، ئۇمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى بەش يىلنىڭ ئالدىدا ئېرىدىن يۇقتۇرۇۋالغانىدى، ئىلگىرى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئائىلىسىدىكىلەردىن يوشۇرۇپ كەلگەن بولغاچقا، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ئاندىن ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقانىدى. ئۇ ئۆزىنى سەل چەتكە قېقىلغاندەك ھېس قىلغاچقا، ھازىر ئايرىم ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئۆزى يالغۇز تۇرۇۋاتىدۇ.

    زەھەر چېكىدىغان يولدىشى ئۆزىگە ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرۇپ قۇيۇپ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، بىر مەزگىل ئۆتۈپ ئۆزىگە ئوخشاش ئەيدىز يۇقۇمدارى بىلەن توي قىلىپ كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقان بىر ئايال باشقىلار بىلەن ناھايىتى ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىپ يۈرۈيدۇ، قارىماققا ئۇنىڭدا ھېچبىر ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئالامەتلەر كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئايال مۇشۇ ئورۇندا مائاش ئېلىپ خىزمەت قىلىدۇ. چۈشتە مۇشۇ بۇ ئەيدىز ئائىلىسىنىڭ ئۆزىدە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ئەتكەن بىر ۋاخ ئوخشىغان تاماق بىلەن چۈشلۈك تامىقىنى ھەل قىلىدۇ.

  بۇ ئەيدىز ئائىلىسىگە يىغىلغان ئاياللار بۇ ئۆيدە روھى جەھەتتىن، پىسخىكا جەھەتتىن، سالامەتلىك جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشىشپلا قالماستىن، يەنە ماددى جەھەتتىنمۇ ھالىدىن خەۋەر ئېلىنىپ تۇرۇلىدۇ.   «كۆكلەم ئائىلىسى» ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 300 دىن ئارتۇق ئايال تۈرلۈك ياردەمگە ئېرىشتى. ئۇلارنىڭ خالىس خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى فوندلاردىن ھەل قىلىنغان مەبلەغلەر بۇ ئاياللارنىڭ كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلىنىشىگە، تەكلىپلىك دوختۇر، پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارغا ئىشلىتىلگەندىن سىرت، بۇ ئاياللارنىڭ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشى ئۈچۈن قەرز سۈپىتىدە بېرىلىدۇ. ھازىرغىچە جەمئىي 35 ئايال مۇشۇ خىل قەرز پۇلغا ئېرىشكەن. ھازىر «كۆكلەم ئائىلىسى» سۇلغۇن قەلبلەر ئۆز ئارا سىردىشىدىغان، بەزىدە يىغلاشسا، يەنە بەزىدە ناخشا بىلەن بىر – بىرىنىڭ ھالىغا يېتىدىغان، ھاياتلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلايدىغان ئىللىق ماكانغا ئايلاندى. دىلبەر ياسىن بىلەن بۇ سەپتە ھەمنەپەس بولۇۋاتقان كىم خانىمنىڭ مۇشۇ خىزمەت ئۈچۈن شىنجاڭدا قېلىپ قالغانلىقى، دىلبەر ياسىن ئۈچۈن چوڭ ئىلھام بولغان. بەش يىلدىن بۇيان باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ھاياتىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش، دەپ قاراپ كېلىۋاتقان بۇ ئىككى پىداكار ئايال «كۆكلەم ئائىلىسى» دىكى ئەڭ خۇشبۇي بىر جۈپ گۈلگە ئايلانغان. كىم خانىممۇ ھازىر ھەممەيلەننىڭ ئۇنى «كىمگۈل خانىم» دەپ چاقىرىشىغا كۆنۈپ قالدى.
    دىلبەر ياسىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ياردەمگە موھتاج ئاياللارنىڭ 2311353 (0991) نومۇرى ئارقىلىق، «كۆكلەم ئائىلىسى» بىلەن ئالاقىلىشىشى، ھاياتىنى قايتىدىن باشلىشى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ يىل يىل بېشىدا خوتەن شەھرىدىمۇ «كۆكلەم ئەيدىز ئائىلىسى» يېڭىدىن ئېچىلدى. ئەمما، «كۆكلەم ئائىلىسى» نىڭ كونكرېت ئورنى، ياردەم تەلەپ قىلغان ئاياللارنىڭ ئىسمى، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ھەر قانداق ئادەمدىن قەتئىي مەخپىي تۇتۇلىدۇ.
ـــ 20 يىلدىن بۇيان بۇ يولدا ئۈن–تىنسىز تەر تۆكۈپسىز، بۇنى دەپ ھەتتا سەھىيە نازارىتىدىكى شۇنداق ياخشى خىزمىتىڭىزدىنمۇ ئىستېپا بېرىپسىز، ئىنسان ھاياتىدا جاپانى ئەمەس، بەختنى قوغلىشىدۇ، سىز بەخت مەنزىللىرىگە يېتەلىدىم دەپ قارامسىز؟،ـــ دەپ قايىللىق بىلەن ھەم ھەيران قېلىپ سورىغانلارغا ئۇ مۇنداق دەيدۇ.

-ئەگەر مەن سەھىيە نازارىتىدە داۋاملىق خىزمەت قىلغان بولسام، ئاشۇ خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ چوقۇم ياخشى چىقالايتتىم. ئەمما مەن باشقىلارمۇ ماڭالايدىغان تۈز يولنى ئەمەس، بەلكى سۇلغان گۈللەرگە تامچە بولۇپ ئۇنى ياشارتىدىغان، مۇشەققەتلىك بەخت يولىنى تاللىدىم. مېھرىبان قەلبىم ئارقىلىق باشقىلارغا مېھىر – مۇھەببەت بېغىشلىيالىغىنىمدىن ئۆزۈمنى بەكمۇ بەختلىك ھېسابلايمەن. 

  بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇنىڭ چىرايىدا ئىپتىخارلىنىش ۋە بەخت تۇيغۇسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. شۇنداق، لېۋ تولىستوي  دېگەندەك، «بەخت دېگەنلىك باشقىلار ئۈچۈن ياشاش دېمەكتۇر.» 


تەڭرىتاغ  ژورنىلىنىڭ 2017-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان


باش سۈرەت تاللاش x
  • خۇشال1 ئاي ئىلگىرى

    كۆكلەم تورداش نەتىجىسىنى تەكشۈرۈپ 10 كۈن بولغاندا نەتىجىسىنى ھەممە ئادەمنىڭكىنى تارقاتتى مەنمۇ نەتىجىسىنى ئ‍الدىم مەسىلە بامىكەن دىسەم نورمالكەن دىدى

  • كۆكلەم ،1 ئاي ئىلگىرى

    تەكشۇرۇش نەتجڭىزنى قۇلڭىزغا تارقاتمدمۇ تخى ، ماڭمۇ تاقاتماي تۇرۇپلا بۇ شۇم خەۋە كەلدى مەنمۇ دوختۇردىن قاچان بايقلپتكەن بۇ كسلم دەپ سورغانتم 8-13 دە تجەن قلدۇرۇپ تكەنمە شۇ ۋاقتتا بايقالغان ئوخشايدۇ ماڭا رەسمى ئۇختۇرغان ۋاختى9-ئاينىڭ 12 رەسمى ئۇختۇرۇپ تۇ ،ئەتسدىن باشلاپ پۇتۇن بەدەن تەكشۇرۇش قلدۇرۇپلام دۇرسنى يشكە باشلدىم بۇ بىر چۇش بوپقاسكەن دەيمە بىراق رىيانلق ،،،ئامال يوق ياخشى بىر كۇنلە كەپ قالا بىز بىر پوغچە،،،،،،،

  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    خۇشال سىز دە ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن مۇ

  • خۇشال1 ئاي ئىلگىرى

    كۆكلەم ياخشىمۇسىز ھەقسىزتەكشۈرۈپ نەچچەكۈندىن كىيىن خەۋەر قىلدى مەنمۇ 8 ئ‍اينىڭ 2 سى تەكشۈرگەن مەنمۇ ئ‍ۈزەمدىن گۇمانلانغان ھازىرغىچە تىلىفۇن قىلمىدى

  • كۆكلەم ،1 ئاي ئىلگىرى

    تلسم ،ھەئە ھەقسز تەكشۇرتۇشتە چقپتكەن رەسمى جەزىملەشتۇرمەكچى بولدىمۇ پاڭيزەندىن تلفۇن قلپ چاقىرتپ قايتا قان تەكشۇردى ،تەكشۇرۇپلا دىسەم بۇلامدۇ دىگەنتى نم دىمەكچدۇ ئغر كسەل چققان ئوخشمامدىم دەپ ھەئە دەڭ ئۇزۇم بىلەي دىسەم مۇشۇ كسلمنى ئيتى ،،،،،،،،نملا قلساق نملا دىسەك بىكا كەنغۇ بىراق باللىرىم ئچ ئچچم ئشدۇ ھەم باللىرىمغا بىر تۇگمەس چپق قالدۇرۇپ كتمە،،،،،

  • تىلسىم1 ئاي ئىلگىرى

    كۆكلەم سىزدىن سوراپ باقسام ، ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە بايقالدىڭىزمۇ ياكى باشقا تەكشۈرۈش قىلغانمۇ؟

  • ساتىكا1 ئاي ئىلگىرى

    كۆكلەم ياخشىمۇسىز ، سىز ئەيدىز نى ياخشى راق چۈشنۈڭ

  • كۆكلەم ،1 ئاي ئىلگىرى

    8ئاينىڭ 13 چسلا تجەنگە چۇشكەن نەتجەم چقمغان خەخنىڭمۇ چقمغانكن منىڭمۇ چقمغان ئوخشايدۇ دەپ خيالمغمۇ كەلتۇرمەپتكەنمە تۇيۇقسز پاڭيزەندىن تلفۇن قپتكەن ئۇزەممۇ ھەيران قالدىم كلپ قان تەكشۇرتۇپ كتڭ دىگەنتى ئەتتگنى بىرىپ تەكشۇرتسەم مۇشۇ كسەللكمنى ئيتتى قۇلقۇمغا ئشەنمەي قارتەرگە چۇمۇپ كەتتم مەن تۇرمۇشلۇق يولدۇشۇمدا بامۇ يوقمۇ بۇنمۇ تخى ئۇقمايمە قانداق يول ئارقلق يۇقدۇ دسەم چشمۇ سالدۇرۇپ ئالدۇرڭپ بال ئالدۇرغان ئۇزۇن بوممغان يولدۇشۇممۇ 3ئاي بولدى ئۆيگە كەممەي ئشلەۋاتقللى ئشقللپ ئەقلم ھەيران قاندەق بوپ بۇ كسەلگە گىرىپتار بوپقالغنمغا بەلكم پشاينەمگە مۇشۇنداق بۇلشى پۇتۇلگەن بولغۇيمتى،،،،،،،باللىرىمغا يۇقمسا مەن نم بولسام مەيلتى نملا دىگەن بىلەن ئامال يوقكەن ئەمەسمۇ،،،،

  • كۆكلەم ،1 ئاي ئىلگىرى

    ياق مەندە ھچ قاندەق بىر ئۆزگۇرۇش يوقتى

  • ئىمزار1 ئاي ئىلگىرى

    كۆكلەم سىزدە بىرە ئالامەتلىرى كۈرۈلگەنمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号