باش بەت

zefer

404يوللانما
18مەستانە

iPhone X ھىندىستان ۋە جۇڭگودا ئەڭ قىممەت، ئامېرىكىدا ئەڭ ئەرزان

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:00 16 ئىنكاس چۈشتى

سۇمۇرغ پەن-تېخنىكىسىنىڭ 14-چېسلا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بايراقدار يانفونى iPhone Xنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سېتىلىش باھاسى ئوخشاشلا ئەرزان ھېسابلانمىسىمۇ، لېكىن مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ ھېسابلىشىغا ئاساسلانغاندا iPhone X نىڭ ھىندىستان، ئەنگلىيە ۋە جۇڭگودىكى سېتىلىش باھاسى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن.

64 گىگابايتلىق iPhone Xنى مىسالغا ئالساق، بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقى 14-سېنتەبىردىكى پېرېۋوت نىسبىتىگە ئاساسەن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئالما ئورگان تور بېكىتىدىكى باھانى ئامېرىكا دوللىرىغا سۇندۇرۇپ سېلىشتۇرۇپ چىققان. نەتىجىدە iPhone Xنىڭ ھىندىستاندىكى سېتىلىش باھاسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالغان.

ھېسابلاشتا كۆرسىتىلىشىچە، 64 گىگابايتلىق iPhone Xنىڭ ھىندىستاندىكى سېتىلىش باھاسى 89 مىڭ رۇپىيە، تەخمىنەن 1390.82 دوللار بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ ئەنگلىيەدىكى سېتىلىش باھاسى 999 فوندستېرلىڭ، تەخمىنەن 1325.27 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان؛ جۇڭگودىكى سېتىلىش باھاسى 8388 يۈەن خەلق پۇلى، تەخمىنەن 1283.83 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.

iPhone Xنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى 

ئۇندىن باشقا، ئۇ جۇڭگو شياڭگاڭدىكى سېتىلىش باھاسى 8588 شياڭگاڭ پۇلى، تەخمىنەن 1099.26 ئامېرىكا دوللىرى بولغان؛ كانادادىكى سېتىلىش باھاسى 1319 كانادا دوللىرى، تەخمىنەن 1085.95 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. 64 گىگابايتلىق iPhone Xنىڭ ئامېرىكا زېمىنىدىكى باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، 999 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.

iPhone X بۇ يىل 10-ئاينىڭ 27-كۈنى زاكاز قوبۇل قىلىپ، 11-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 155******585 كۈن ئىلگىرى

    ئەڭ يۇقرى ھىندىستاندىكى باھا بىلەن ئەڭ تۆۋەن ئامىرىكىدىكى باھا ئوتتۇرىسىدا 2601 يۈەن خەلىق پۇلى پەرق بار ئىكەن

  • قۇتلۇق5 كۈن ئىلگىرى

    بۇ ئامرىكىلىقلار ئالمىنى جۇڭگودا ئشلاپچىقىرىپ ئالما ماركىسى بىلەن قىممەت سېتۋاتىدۇ.

  • ئومەر6 كۈن ئىلگىرى

    مېزۇ قەتتې ناچار

  • راۋان6 كۈن ئىلگىرى

    مەن ئالما 1 دىن 7 گىچە ئىشلىتىپ كەپتىمەن ھىس قىلغانلىرىم ئالما 6 دىن كىيىن ناھايىتى تاينى يۇق چىقتى بۇ تېلفۇنلار ئەمدى سەنشىڭ نوت 8 ئالدىغان يەگە كەپتۇق

  • ئېكىس6 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇ نۇرغا ئىنكاس يازغاندا، كيۇكيۇ بوشلۇقىغا ئوخشاش ئۇچۇر يوللىغان ئۈسكىنىنىڭ قانداقلىقىنى ئەسكەرتىدىغان ئىقتىدار قوشۇلۇپ كەتسە، مەشەدە ئالما، سامسۇڭ، ئاندىرويىد جىدىلى قىلغانلارنىڭ قانداق “داڭلىق” يانفون ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىۋالاركەنمىز.

  • ئاپلېسىن رەڭ6 كۈن ئىلگىرى

    ما ئامرىكا لىقلار نىمنى ئويلايدىكنە ،ئامېرىكا دا ئەرزان جۇڭگو دا قىممەت باھاسىنى ئوخشاش قىلمامدۇ دەيمەن ،چۈشەنگىلى بولمايدىكەن ئامېرىكالىقلارنى

  • جەسۇر6 كۈن ئىلگىرى

    نەچچە ئايلىق كىرىمىمىزگە سىتىۋىلىشقا تۇغرا كىلىدۇ ، شۇڭا دۈلىتىمىزنىڭ يانفۇنلىرى ئالدىن تاللىشىمىز بۇلالايدۇ بىزگە ، خۇاۋىي ، مىيزۇ نىڭ يانفۇنلىرى ئەرزان چىداملىق

  • مەخمۇتجان @6 كۈن ئىلگىرى

    بەك ئاشۇرۋەتتىمۇ قانداق

  • بۇرادەر6 كۈن ئىلگىرى

    كاللىدىن تولۇق كەتكەنلە با ئەمەسما بۇ ئىككى دۆلەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ نى ئىسىل يانفۇنلىرى تۇرسا ئالما سامسۇڭ دەپ خەقنىڭ پېشىنى كۆتىرەيدىغان، يەيدىغىنى خەجلەيدىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ ،ماختايدىغىنى خەقنىڭ،

  • Az KalDi6 كۈن ئىلگىرى

    خەنزۇچە بىلسىڭىز قىززىق لىنىيەسىگە تىلىفۇن قىلىپ سوراپ بىقىڭ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号