باش بەت

نۇسرەتگۈل

6596يوللانما
60مەستانە

ئەنگىلىيەلىك ئايال بولغۇسى يولدىشى ئولتۇرۇش ئۈچۈن يىغىپ قويغان پۇللىرىنى ئوغرىلاپ كەتتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 15:39 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگلىيەنىڭ كامرىيا ۋىلايىتىدە تۇرىدىغان، توي قىلىش ئالدىدىكى راچېل دوران (Rachel Doran) بولغۇسى يولدىشى كىرىس ماخون (Chris Mahone) بويتاقلار يىغىلىشى ئۈچۈن توپلىغان 13 مىڭ فوندستېرلىڭ (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 113 مىڭ يۈەن) پۇلىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكتىن تۈرمىگە سولانغان.

كىرىسنىڭ دوستلىرى ئەسلىدە ئىسپانىيەدىكى ئىبىزا ئارىلىغا بېرىپ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بويتاقلىق كېچىسىنى تەبرىكلىمەكچى بولغانىدى. بىراق، ئۇلار ئايرودرومغا يېتىپ بارغاندا ئايروپىلان بېلىتى زاكاز قىلمىغانلىقى، پۇلىنىڭمۇ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. بۇ ۋاقىتتا راچېلمۇ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكتىن ئۇلار ئالدانغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. راچېل ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ساقچىلار ئۇنىڭ ئىلگىرىمۇ ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى بىلەن قامالغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

2017-يىلى 8-ئايدا راچېل بىر مېھمانخانىدىكى خېرىدارنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىنى قانۇنسىز كۆپەيتكەنلىكى ھەمدە ئۇنىڭدىكى پۇللارنى خالىغانچە بۇزۇپ-چاچقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ سوتلانغاندىن كېيىن كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەنىدى. 9-ئاينىڭ باشلىرىدا ئۇ يەنە ساياھەت مەبلىغىنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن غايىب بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ناھايىتى گۇمانلىق ئىدى. شۇ جايدىكى ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر باياناتچىسى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچتە راچېلنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى، ئۇنىڭ كىرىس ۋە دوستلىرىنىڭ 13 مىڭ فوندستېرلىڭ پۇلىنى ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە 20 دوستىنىڭ ھەر بىرىدىن 300 فوندستېرلىڭ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ 10-ئايدا ئېدىنبۇرگدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بويتاقلار يىغىلىشىغا پۇل توپلىماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

بۇ ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن كىرىسنىڭ دوستلىرى ئۆز يېنىدىن 400 فوندستېرلىڭدىن چىقىرىپ ئىسپانىيەنىڭ ماگالۇف رايونىغا بېرىپ دەم ئېلىپ كەلدى. بىراق، بۇ ئىشتىن كىرىسنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزى يالغۇز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号