باش بەت

رازى

1573يوللانما
37مەستانە

ئامېرىكىلىق سەنئەتكار 20 مىڭ تال بۇرما مىخ بىلەن گۈزەل قىزنىڭ رەسىمىنى «سىزىپ» چىقتى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 15:49 1 ئىنكاس چۈشتى

Boredpanda تور بېكىتىنىڭ 9-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكىلىق سەنئەتكار بىرۇس ماكېلى 20 مىڭ تالدىن ئارتۇق بۇرما مىخ بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قىزچاقنى «سىزىپ» چىققان.

بۇ 3D لىق سەنئەت ئەسىرىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2.1 مېتىر بولۇپ، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 318 جىڭ كېلىدىكەن. بۇ سەنئەتكار 20 مىڭدىن ئارتۇق بۇرما مىخنى رەڭ بېرىلگەن قارىغاي ياغىچى تاختىيىغا مۇقىملاشتۇرۇپ، رەسساملىق بىلەن ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، كىشىگە يېقىشلىق بۇ سەنئەت ئەسىرىنى ئىجاد قىلغان.

ماكېلىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە مىخ ئارقىلىق ئىجاد قىلىش جەريانى ناھايىتى زېرىكىشلىك شۇنداقلا جەڭ ئېلان قىلىش خاراكتېرلىك بولسىمۇ، ئەگەر ئۇ خاتالاشسا ناھايىتى تېزلا ئۆزگەرتىدىكەن ياكى قايتىدىن تىزىدىكەن. ئۇ نەچچە يۈز سائەت جاپالىق خىزمەت قىلىپ توختىماستىن بۇرما مىخلارنى تەڭشەپ، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكەن ئىكەن. بۇ خىلدىكى 3D سەنئەت ئەسىرى كۈچلۈك سەۋىرچانلىق ۋە ئىجتىھات تەلەپ قىلىدىكەن. 

318جىڭ ئېغىرلىقتىكى بۇرما مىخنتىن ياسالغان سەنئەت ئەسىرىنى يۆتكەش كۈچلۈك سىناق ھېسابلىنىدۇ. ماكېلىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەسەرنى يۆتكەشكە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئالاھىدە ھارۋا ياسىغان ئىكەن. 

بۇ بولسا ماكېلى ئىجاد قىلغان ئىككىنچى بۇرما مىخ ئەسىرى بولۇپ، بىرىنچى پارچە ئەسىرى بۇلتۇرقى ئامېرىكا ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىدە كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن، ئۇ ۋاقىتتا ماكېلى ئۆز ئەسىرىنىڭ نۇرغۇن مەستانىلەرنى ۋە ئويلاپمۇ باقمىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقىنى بايقىغان. ئەمالارمۇ بۇ ئەسەرنى سىلاپ ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالايتتى. 

زىچچىدە بۇرما مىخلارنى بىريەرگە يىغىپ گۈزەل سەنئەت ئەسىرى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ۋاستىسى ھەقىقەتەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Noble1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن بولسام ئۇخلايتىم شۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号