باش بەت

نۇسرەتگۈل

6529يوللانما
56مەستانە

پالەچ مومىيىنى تورۇسقا بېكىتىلگەن زەنجىر بىلەن يۆتكەيدىغان 71 ياشلىق بوۋاي

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 16:47 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-سېنتەبىر خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پېڭ مېيچېڭ بىلەن يولدىشى ياڭ خوۋجى شەنشى ئۆلكىسى جاشۈي ناھىيەسى شىجياۋەن كەنتىدە تۇرىدۇ. ئايالى ياڭ خوۋجى مېڭىسىگە قان چۈشۈپ قالغانلىقتىن پالەچ بولۇپ كاىۋاتتىن چۈشەلمەيدىغان بولۇپ قالدى، يولدىشى پېڭ مېيچېڭنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقىنىغا 7 يىل بولدى. ھازىر يېشى چوڭىيىپ قالغانلىقتىن ئۇ ھەر كۈنى تورۇسقا ئېسىلغان زەنجىر ئارقىلىق ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. 

ياڭ خوۋجى دەسلەپ پالەچ بولۇپ قالغاندا پېڭ مېيجى ئۇنى كۆتۈرۈپ چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرۇغۇزۇپ قوياتتى. ئۇ: «ئۇ ھازىر ئۆرۈلەلمەيدۇ. كارىۋاتتىن چۈشەلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

ھەر كۈنى ئۇخلاشتىن ئاۋۋال ياكى ئورنىدىن تۇرۇشتىن بۇرۇن پېڭ مېيچېڭ ئارغامچا بىلەن ئايالىنىڭ پۇت ۋە بېلىدىن باغلايدۇ. ئارقىدىن، ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى زەنجىرگە ئىلىقلىق ئىلمەككە باغلاپ كۈچەپ تارتىپ ئېغىرلىقى 70 كىلوگرامغا يېقىنلىشىدىغان ئايالىنى ئاستا تارتىپ بوشلۇققا ئېلىپ چىقىدۇ. ئاخىرىدا، ئۇنى كارىۋاتقا ياتقۇزىدۇ ياكى چاقلىق ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزىدۇ.

چوڭ ئوغلى سەكتە بولۇپ قالغانلىقتىن دورا يەيدۇ، ئايالىمۇ پالەچ بولۇپ قالغانلىقتىن ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىشقا ئېھتىياجلىق. ھازىر 71 ياشلىق پېڭ مېيچېڭنىڭ سالامەتلىكىمۇ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.

پېڭ مېيچېڭ: «ھازىر بىر ھەر ئايدا كېسەل داۋالىتىش ئۈچۈن مىڭ يۈەنگە يېقىن سەرپ قىلىمىز. گەرچە مەن پېنسىيەگە چىققان كادىر بولساممۇ، ئەمما ئېشىنالىشىم بەك قىيىن» دېدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مېھمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ بىر بىردىن ئايرلمايدىغان شۇكىشلەرگە چەكسىز ھۆرمىتىم با

  • تاش1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە بەك ھىسداشلىقىم كەلدى، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلنىشىنى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، بايلا ياردەم بەسە بوپتىكەن ھە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号