باش بەت

ئەخمەتجان

3347يوللانما
47مەستانە

ھىندىستان يېزىلىرىدا ئاياللار ئەردىن ئاشقان تاماقنى يەيدۇ، ئەر كەلمىگۈچە تاماققا ئېغىز تېگەلمەيدۇ

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:14 13 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

«BBC» ئاخباراتىنىڭ 11-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاندا نەچچە يۈز يىلدىن بېرى مۇنداق بىر ئادەت داۋاملىشىپ كېلىۋېتىپتۇ، يەنى ئۆيدە ئەر بىلەن بالىسى ئاۋۋال تاماق يەيدىكەن، ئايال چوقۇم ئۇلار يەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يەيدىكەن، ئايال ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالسىمۇ يەنىلا شۇنداق قىلىدىكەن. بۇ ئادەتنىڭ قاچانلاردا، قەيەردە ياكى قانداق باشلانغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن، خۇددى ئاتىلىق ھوقۇق تۈزۈمىگە ئوخشاش، بۇ ئادەت ھىندىستانلىقلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىكەن. 

سۈرەتتە، مانشۇ دامورنىڭ كېلىنى، ئۆينىڭ كىر-قات يۇيۇش، تاماق ئېتىش دېگەندەك ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ قىلىدۇ. 

بۇ يەردە، ياشانغانلار تاماق تارتىلغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئىلاھلارغا ۋە ئۆيىدىكى كالىغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ، ئەمما بۇ يەردە ئاياللارنىڭ كالىچىلىكمۇ ئورنى يوق. مۇبادا، يولدىشى ئۇ-بۇ ئىش سەۋەبلىك تاماققا كېچىپ قالسا، ئاياللار تاكى يولدىشى كەلگۈچە ساقلاپ تۇرىدۇ، مەيلى قانچىلىك ئېچىپ كەتسىمۇ تاماق يېيىشكە پېتىنالمايدۇ. ئۇلار ھەر دائىم يولدىشى تاماق يېگەن قاچىدا، يولدىشىدىن ئاشقان تاماقنى يەيدۇ، دەل مۇشۇ ناچار ئادەت سەۋەبلىك مىليونلىغان نامرات ئائىلىدە ئاياللارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ. مانشۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر چۈشلۈك تاماققا كۆكتات، ياپىلاق پۇرچاق شورپىسى ۋە قولدا پىشۇرۇلغان قوتۇرماچ يەيدۇ. 

شەھەر، مەكتەپ قارىسى كۆرگەن ياكى خىزمىتى بار ئاياللار ئۆزىنىڭ يېگۈسى بار نەرسىلەرنى تويغۇچە يەيدۇ، ئەرلەرنى ئاۋۋال تاماق يېيىشنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئەرلەردىن ئاشقان تاماقنى يەيدىغان بۇ ئادەت بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، بولۇپمۇ يېزىلاردا بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر. 

خەيرى-ساخاۋەت تەشكىلاتى ھىندىستان ئاچارچىلىق فوندى ۋە ھىندىستان يېزا فوندى، راجىستان ئىشتاتىدا ئوزۇقلۇق تۈرىنى يولغا قويغان، مەزكۇر تۈرنىڭ ئەزاسى ۋاندانا مىشرا مۇنداق دېدى: «بەزىدە ئاياللار تاماققا ئەمدىلا ئېغىز تەگكەندە، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەرلەر پاكپاكىز يەپ بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار تويغۇدەك تاماق يېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەي، ئۆينىڭ باشقا ئىشلىرىنى قىلىشقا تۇتۇنىدۇ. بەك قورسىقى ئېچىپ كەتسە، يولدىشىدىن ئاشقان قوتۇرماچقا ئازراق تۇز سېپىپلا يەيدۇ. بۇ يەردە تېرىلىدىغان كۆكتاتلارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ئەمما ئاياللارغا بۇنىڭغا ئېغىز تېگەلمەيدۇ». 

بۇ ناچار ئادەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئۈچۈن، راجىستان ئوزۇقلۇق تۈرى ناھايىتى ئاددىي، ئەمما ئۆزگىچە تەدبىردىن بىرنى يولغا قويغان، يەنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بىللە تاماقلىنىشقا ئىلھاملاندۇرغان. ئامباپارا ھىندىستاندىكى ئەڭ نامرات كەنتلەرنىڭ بىرسى، بۇ يەردىكى %98 ئادەم ھېلىھەممۇ ئوچۇقچىلىققا تەرەت قىلىدۇ، قۇرامىغا يەتمەي تۇرۇپلا توي قىلىش ھادىسىسى بەك ئېغىر، ساۋاتلىقلار يوق دېيەرلىك، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزنى يېپىپ يۈرىدۇ. شۇڭا، راجىستان ئوزۇقلۇق تۈرى خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى بىللە تاماقلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇشىنى ئىنقىلابىي قىلمىش دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ تەكلىپىنى ئەرلەر قوبۇل قىلمايلا قالماستىن، ئاياللارمۇ ناھايىتى ھەيران قالغان. خىزمەتچىلەر بىر مەھەل نەسىھەت قىلغاندىن كېيىن، كەنتتىكى بىر قىسىم كىشىلەر بۇ يېڭىچە تاماقلىنىشنى سىناپ بېقىشقا باشلىغان. 

مەزكۇر تۈرنىڭ ۋاقتى ئىككى يىلكەنتۇق، يېنىدا تۈرنىڭ ۋاقتى توشقان. تۈر نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، خىزمەتچىلەر ئامباپارات كەنتىنى تەكشۈرۈش كۆرگەن. ئۇلار مانشۇ دامورنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، مانشۇنىڭ ئايالى ۋە كېلىنىنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى بىلگەن. 

مانشۇ خىزمەتچىلەرگە مۇنداق دېدى: «مەزكۇر تۈر يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، مەن توي قىلغىلى 35 يىل بولغان ئايالىم بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ تاماق يەپ باقمىغانىكەنمەن، كېلىنىم كارمانىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشىنى ئەسلا تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم». ئۇنىڭ كېلىنى كارما مۇنداق دېدى: «ھازىر ھەممىمىز بىر داستىخاندا تاماق يەيدىغان بولدۇق». 

رامىلەنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئىككى يىل بۇرۇنلا بىللە تاماق يېيىشنى سىناپ باققانىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «بىر ۋاق تاماقنى ئۆيىدىكىلەر بىلەن بىللە يېيىشتىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولمىسا كېرەك». زىيارەت جەريانىدا، كەنتتىكى باشقا ئاياللارمۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە تاماق يېيىشنىڭ ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. بۇ ھەرىكەت ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىش سەۋىيەسىنى ياخشىلاشقا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە باشقا ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. مانشۇنىڭ دېيىشىچە، كېلىنى يۈزىنى ياپمايدىغان بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 1829961 ئاي ئىلگىرى

    ھىندىستان ئاياللارى ئ‍ەرلىنى ھەققەتەن ھۆرمەتلەيدىكەن

  • مۇختەر2 ئاي ئىلگىرى

    ئىرى ياكى چوڭلار سىرتقا چىكەتكەن بولسا ئۈزى قورسىقى تويغىدەك يەپ باشقىلىرىغا كەلگەندە پىشۇرۇپ ياكى ئېپقويسىلا بولمىدىمۇ ھەممىسى ئەرلىرىنىڭ ئەقلى يوق ۋىجدانى يوق ئاچ كېسەل بىرنىمىلەرنىڭ تاپقان پەتىۋاسى مىنىڭچە .

  • yirak2 ئاي ئىلگىرى

    ئاپاممۇ بۇرۇن دادام كەلمىگىچە تاماق ئۇسسىمايدىغان، دادامغا بىرىنچى بوپ تاماق ئۇسسىيتتى، بەلكىم مومام شۇنداق ئۆگەتكەندۇ. بۇ ئەرنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئائىلىدىكى ئورنىنى ئىتىراپ قىلغانلىق. ئۇمۇ ھىندىستاننىڭ ئەنئەنسى ئىكەنغۇ؟ سىلە نىمە چىڭقىلىپ كىتىسىلە باشقىلارنى تىللاپ؟! بىزگە كۆرمىگەن بارمىغان يەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ بەرسە تىللاش بىزدىكى ئەڭ لاۋزا ئەئەنىمىز!

  • مۇقام يۇرتى2 ئاي ئىلگىرى

    ساراڭدىنمۇ ئۆتە كاللىسنىڭ 250 پىرسەنىت سۈيى با ھىندىلار ،ئىسمى -جىسمىغا لايىق خەق .ئۇلاردا ئەقىلغا سىغمايدىغان كونا ئۆرۈپ -ئادەتلەر نىمە دىگەن تولا ،ئەشۇ ئەرنى ،بالىنى ئەشۇ خارلىنىۋاتقان ،ئاتالمىش ئىلاھى كالىدىن تۆۋەن تۇردىغان ئاياللار بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزىدىغاندۇ ،
    يەنە كېلىپ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى يىمەكلىكنى يىگەن ئاۋۇ ئەرلەرنىڭ چىرايدىن يىگەن -ئىچكەننىڭ ئىزناسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ .بەكمۇ ئەپسۇس.

  • ؟؟؟؟؟2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەقنىڭ بىز بىلمەيدىغان ئىشلىرى بەك جىق كەن ھەي ھىندىلار

  • پەرھات2 ئاي ئىلگىرى

    بىرتوپ ساراڭلا ببىردەم كالىنى ئىلاھ دىسە

  • 176******722 ئاي ئىلگىرى

    نىمىدىگەن ناچار ئەنئەنە بۇ ، بەكلا قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ ، بۇ بىچارە جۇۋانلارنىڭ شۇنچە ساقلاپ يەيدىغىنىنۇ چاغلىقكەن ، ھەي ، پولو ، سامسا ، لەڭمەن ، كاۋاپ ، مانتا يىگەن بولسا قانداق بولاتتى

  • گۈلى2 ئاي ئىلگىرى

    كىنولىرىنىلا كۆسەك بولىدىكەن بۇلانىڭ ،نەدىن تاپىدىغاندۇ شۇنداق ئىسىل يەلەنى ،،، بەك نامراتكەن بۇ خەىلە ،

  • شاخدىيار2 ئاي ئىلگىرى

    بۇلارنى خۇراپاتلىق چىرمىۋاپتۇ،،،مەدەنيەتمۇ جايىدا نۇرمال بۇلۇشى كىرەك،،،،ئەجىبا بۇلار ئۆزلىرنىڭ تۇغۇپ دۇنياغا كۆز ئاشتۇرغان ئايال زاتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ،،،

  • دىلاش2 ئاي ئىلگىرى

    ئايال ئەزىز بولسا قولىدا كۆتۇرسە بالىسىمۇ شۇنچە ئەزىز چوڭ بولىدۇ ،.خارلانغان روھى زەيىپلەشكەن ئايالنىڭ قولىدىكى بالىمۇ روھى زەيپانە چوڭ بولىدۇ ...
    بىر فىلىم بولدىغان ئاياللارنى بەك خارلايدىغان تۆۋەن كۆردىغان دۆلەتتى ئايالنىڭ يولدىشى سىرىتقا ئىشلىگىنى چقىپ كەتسە باشقا ئەرلەر كىرىپ ئۇنىڭغا زورلۇق قىلىپ تۇغۇلغان 2بالىسىمۇ يولدىشىدىن بولمايدۇ .ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسى بىشىغا چىقىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号