باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
46مەستانە

قارا بوراندا دولقۇن تېيىلىۋاتقان ئەر نەق مەيدان خەۋىرىدىكى يارقىن نۇقتا بولدى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-09-14 17:48 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكىدا لەگلەكلىك دولقۇن تېيىلىش ھەۋەسكارى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقىغا پىسەنت قىلماي، ئەۋج ئۇرۇپ تۇرغان زور دولقۇندا لەگلەكلىك دولقۇن تېيىلىشتا چىڭ تۇرغان، جاننى ئالىدىغان قارا بوران «ئىرما» دىن ئازراقمۇ قورقۇپ قالمىغان. 

ئەنگلىيە «قۇياش گېزىتى» نىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كۈچلۈك قارا بوران فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ قىسمەن جايلىرىغا ھۇجۇم قىلغاچقا، ھۆكۈمەت 6 مىليوندىن كۆپرەك ئادەمدىن جىددىي تارقاقلىشىشنى تەلەپ قىلغان. 

بىراق، كۆرۈرمەنلەر «MSNBC» نىڭ نەق مەيدان خەۋىرىنى كۆرۈۋاتقاندا، لەگلەكلىك دولقۇن تېيىلىش ھەۋەسكارىنىڭ مىيامىدىكى دېڭىز ساھىلىدا دولقۇن تېيىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالغان. 

سىندا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئەر كۈچلۈك قارا بورانغا قارىماستىن لەگلەككە ئېسىلىپ دولقۇن تېيىلغان، ھەتتا بىر قېتىم سۇغا چۆكۈپ كەتكەن. 

شۇ يەردىكى مۇخبىر مارىيانا ئاتىسىيو مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇتقۇزغۇچىلار مۇنداق كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ قېلىشنى قەتئىي خالىمايدۇ». 

بۇ مۇخبىرنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئەر ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان، چۈنكى ھۆكۈمەتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدا: «قارا بوران مەزگىلىدە سۇ ئۈستى تەنھەرىكىتى قىلىشقا بولمايدۇ» دېيىلگەنىكەن. 

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن تورداشلار بۇ جېنىنى ئالىقىنىغا ئېلىپ قويۇپ دولقۇن تېيىلغان كۆرۈنۈشنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ: «ئۇچىغا چىققان ئەخمەق، ساراڭ!!!» دېگەن. سارا سىسىليا ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق دېگەن: «قارا بوراندا بۇنداق قىلىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن!». 

يەنە بىر تورداش مۇنداق دەپ يازغان: «پەقەت ساراڭلا مۇشۇنداق كۈچلۈك بوراندا لەگلەكلىك دولقۇن تېيىلىدۇ». 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号