باش بەت

كىنوچى

2629يوللانما
171مەستانە

چىقىمى پەقەتلا 30 مىليون بولغان بۇ فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى چىقىمىنىڭ 46 ھەسسىسىگە يەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 22:30 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

سابىق سۆيگۈسىنى ئەسلىگەندە، ھەممە كىشىنىڭ يۈرەكنى ئاغرىتىدىغان ئەسلىمىلىرى ئېسىىگە كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقىمۇ مۇھەببەتنىڭ ئېنىقلىمىسى كۈندىن-كۈنگە غۇۋا بولماقتا، ھازىر مۇھەببەتنىڭ كېلىپ-كېتىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز، بەلكىم ياشلارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان تونۇشى ناھايىتى ئاز بولغانلىقتىن ياكى بولمىسا 90-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان ھەرخىل بېسىملارنى زىممىسىگە ئالغان ياشلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سابىق سۆيگۈسى ئېسىگە كەلگەنلىكى ئۈچۈنمۇ «سابىق سۆيگۈنۈم 3: خەير-خوش سابىق سۆيگۈنۈم» ناملىق فىلىمنىڭ بېلەت كىرىمى ناھايىتى يۇقىرى بولغان.

ھازىرغىچە، «سابىق سۆيگۈنۈم 3: خەير-خوش سابىق سۆيگۈنۈم» نىڭ بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 400 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى مۇھەببەت فىلىملىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىگە ئېرىشكەن فىلىم ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، بۇ فىلىمنىڭ چىقىمى پەقەت 30 مىليون يۈەنلا بولغان.

1 مىليارد 400 مىليونلۇق بېلەت كىرىمى، بېلەت كىرىمى چىقىمىنىڭ 46 ھەسسىسىچىلىك! قارىغاندا مۇھەببەتنىڭ سېھرى كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ئوخشايدۇ. بەلكىم تۇرمۇش رېتىمى ئىنتايىن تېز، مۇھەببەتلىشىشنى ئويلايدىغانمۇ ۋاقىت يوق، لېكىن تۇرمۇش مەنىسىز، مۇھەببەتسىز ئۆتسە بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بۇ مۇھەببەتلىك كىنونى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، كىنودىكى مۇھەببەت ئاز ساندىكى مۇھەببەت ھېسابلىنىدۇ، كىنو دېگەن مۇشۇنداق، ئەمەلىي تۇرمۇشتا سىز قىلالمايۋاتقاننى كىنو ئىچىدە قىلالايدۇ، ئەمەلىي تۇرمۇشتا سىز ئېيتالمايۋاتقاننى كىنودا ئېيتالايدۇ. سىز مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتلىرىڭىزدا، نۇرغۇن سىزنىڭ ئېيىتقىڭىز بار ئەمما پەقەت ئېيتالمايۋاتقان گەپلەر، قىلىشنى ئويلىغان ئەمما قىلالمىغان ئىشلار، بۇ كىنودا بار.

بەلكىم سىز تۇرمۇشتا رومانتىك ئەمەس، لېكىن سىز كىنودا خەن گىڭنى كۆرگەن شۇ ۋاقىتتا ھەممىنى چۈشەندىڭىز. كىنونىڭ ئاخىرلىشىش مىنۇتلىرى، كىشىنى ئەڭ تەسىرلەندۈرىدىغان مىنۇتلار. ئەينى يىللىرى جوۋ شىڭچى نۇسخىسىدىكى «غەربكە ساياھەت» فىلىمىدە جى زۈنباۋ زىشىياغا «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېمەكچى بولغان، لېكىن ئېيتالمىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەڭگۈلۈك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپ قالغان. لېكىن خەن گېڭ جى زۈنباۋ تۇرقىدا ياسىنىپ «مەن سىزنى سۆيىمەن» دېيەلىدى، ئاخىردا ئەپسۇسلىنىش قالمىدى، پەقەت كىنونىڭ باش رولچىسى سىز ئەمەس.

خەن گېڭنىڭ كۆرۈنىشى ھەقىقەتەن كىلاسسىك، ئەلۋەتتە، بىز ھەممىمىز تۇرمۇشتا ئۆزىمىزنىڭ باش رولچىسى، ئۆز مۇھەببىتىمىزنىڭ باش رولچىسى، تۇرمۇش بارا-بارا جىمجتلاشقاندەك، لېكىن بىز پىشىپ يېتىلگەندە، مۇھەببەتنىڭ سېھرى كۈچى بىزنى تۇرمۇشقا قايتىدىن ئۈمىد باغلىتىدۇ!

باش سۈرەت تاللاش x
  • nawkiran 23983 ئاي ئىلگىرى

    قارىغاندا ھازىر مۇھەببەت كىنوسى خېلى يامان ئەمەس ئوخشايدۇ.

  • نۇرۇم3 ئاي ئىلگىرى

    كىنوغا تەسىرلىنىپ يىغلاپ باقمىغىلى نىزامانلار بولغانىدى،چۈنكى ئۈزەمنىڭمۇ كىنودەكلا ھاياتىم بار ئىدى،ئەمما بۇ كىنونىڭ ئاخىردىكى ئىككىسىنىڭ بىر بىرىدىن ئايرىلار ۋاقىتتا قىلغان ئىشلىرى راسلا كۆزۈمدىن ياش ئالدى،...ئەگەر كىنوخانىدا ئەمەس ئۆيدە بولغان بولسام تېخىمۇ يىغلاپ كىتەركەنمەن...تىزراق تەرجىمە قىلىنسا دەيمەن بۇ كىنونى...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号