باش بەت

كىنوچى

2564يوللانما
167مەستانە

دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان فىلىمى «شازام»نىڭ قويۇلۇش ۋاقتى بېكىتىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 22:51 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ۋارنېر ئاكا-ئۇكىلار شىركىتى ئاللىبۇرۇن دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان فىلىمى «شازام» (沙赞)نىڭ قويۇلۇش ۋاقتىنى بېكىتكەن بولۇپ، ئۇلار شۇيەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى «شازام» (沙赞)نىڭ 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇندىن بۇرۇن، ۋارنېر ئاكا-ئۇكىلار شىركىتى 2019-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بىر ئىسمى قويۇلمىغان DC فىلىمىنىڭ قويۇلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.

ھازىرچە، 2019-يىلى 4-ئايدا قويۇلىدىغان فىلىملەر بىر قەدەر ئاز بولۇپ، پەقەت پارامونتنىڭ «يېڭى ئەرمەك ھايۋان قەبرىستانلىقى» (新宠物坟场) «شازام» قويۇلۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن قويۇلىدۇ.

Zay Levi بۇ فىلىمدە ئۆزگەرگەندىن كېيىنكى دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمان شازامنىڭ رولىنى ئالىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر بىل باستون ئىسىملىك كىچىك بالا، بۇ ئوبراز دېسنېيدىكى كىچىك چولپان ئارتور ئانكي تەرىپىدىن تاماملىنىدۇ، سېھىرلىك ئەپسۇن «شازام» ئارقىلىق، بىل باستون دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ. مارك ستروڭ سەلبىي ئوبرازنىڭ رولىغا چىقىشى مۇمكىن، داۋىد F سانتبرېگ بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

ۋارنېر ئاكا-ئۇكىلار شىركىتىنىڭ كېلەركى قېتىملىق DC دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانلار فىلىمى «دېڭىز شاھى» (海王) بولۇپ، بۇ فىلىم 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قويۇلىدۇ، «شازام» بۇ فىلىم قويۇلۇپ تۆت ئايدىن كېيىن قويۇلىدۇ، «شازام» قويۇلۇپ بىر ئايدىن كېيىن، بىز مارۋېلنىڭ 63 دەرىجىدىن تاشقىرى قەھرىمانى مۇجەسسەملەنگەن فىلىمى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4» بىلەن يۈز كۆرۈشىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Co ol3 ئاي ئىلگىرى

    شازامنى كۆسە خاسىيەتلىك ئادەممۇ ھودۇقىدۇ

  • مارۋىل3 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇنداق ئىسىل خەۋەرلەرنى يازساڭلا ،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号