باش بەت

كىنوچى

509يوللانما
105مەستانە

نېمىشقا ۋۇ جۈنرۇنىڭ «ئالۋاستى قوڭغۇراق» فىلىمى كۈلكىلىك تۇيغۇ بەرمەيدۇ؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-13 23:18 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا قويۇلغان «ئالۋاستى قوڭغۇراق» (妖铃铃) فىلىمىنى كۆرگەنلەر ئۈمىدسىزلىنىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى، چۈنكى بۇ فىلىم دېگەندەك كۈلكىلىك ئەمەس ئىدى. بۇ مېنىڭمۇ كۆرۈپ بولۇپ ھېس قىلغانلىرىم، پۇخادىن چىقمىغىنىم ئەمەس، ئاساسلىقى بەك قىسقا ئىكەن. كومېدىيىلىك فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ فىلىم ئانچىمۇ ناچار ھېسابلانمايدۇ، ئەگەر 90-يىللىرىدىكى شياڭگاڭدا قويۇلغان بولسا، نادىر فىلىم بولۇپ قالاتتى. 90-يىللىرىدىكى شياڭگاڭ كومېدىيىلىك فىلىملىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، «ئالۋاستى قوڭغۇراق» (妖铃铃) فىلىمى ھەرگىزمۇ ئۇتتۇرمايدۇ.

رېژىسسور ۋۇ جۈنرۇ ۋە نازارەتچى چېن كېشىن، ھەممىسىلا ئالدىنقى ئەۋلاد شياڭگاڭ كىنوچىلىقىدىكى داڭدار شەخسلەر، نۇرغۇن داڭلىق فىلىملەرنى ئىشلىگەن ھەم رول ئالغان. شۇڭا «ئالۋاستى قوڭغۇراق» (妖铃铃) فىلىمى بىلەن ئۇلارنى ھېچ ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان دېيىشكە بولمايدۇ.

«ئالۋاستى قوڭغۇراق» (妖铃铃)نى كۈلكىلىك ئەمەسكەن دەپ قارىشىڭىزغا تۆۋەندىكى سەۋەبلەر تۈرتكە بولغان بولىشى مۇمكىن.

ئالدى بىلەن، ھازىر 90-يىللار ئەمەس، ئۇ ۋاقىتلاردا كومېدىيىلىك فىلىم ساھەسى قۇرۇق ئىدى. بىر ئارتىس ئۆزىنىڭ كاللىسىدا ئويلاۋاتقىنىنى كۆپتۈرۈپ ئېلىپ چىقالىسىلا ئۇ بىر غەلبە قىلغۇچى، بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى دەل «كومېدىيىلىك فىلىم شاھى جوۋ شىڭچى».

لېكىن 30 يىلدىن كېيىنكى ھازىرقى دەۋىردە، بىز نۇرغۇنلىغان كومېدىيىلىك فىلىملەرنى كۆردۇق ھەم كۈلكىلىك، كۈلكىلىك ئەمەسلىكىنى بىر كۆرۈپلا بىلىۋالالايمىز. «ئالۋاستى قوڭغۇراق» (妖铃铃) فىلىمىنى قانچىلىك ياخشى ئىشلىسۇن، سىزگە پەقەت ئادەتتىكىدەكلا بىلىنىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر ئالاقە تورى ناھايىتى تەرەققىي قىلدى. ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا پۈتۈن توردا تارقىتىلسا، ئاندىن سىز بۇ فىلىمنىڭ كۈلكىلىكلىكىنى بايقىيالايسىز. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق دەپ كەتكىنىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى فىلىمنىڭ تارتىلىش ۋاقتى ناھايىتى ئۇزۇن، سىزنىڭمۇ كۆز قاراشلىرىڭىز ئۆزگىرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

ئاخىرقىسى، بىزنىڭ دۆلەت فىلىملىرىگە نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە قارىشىمىز بولسا كېرەك، لېكىن دۆلىتىمىز فىلىملىرى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • qunek1 ھەپتە ئىلگىرى

    ۋۇجۈنرۇنىڭ ئالۋاستى لىڭلىڭ فىلىمى نىمىشقا كۈلكىلىك تۇيۇلمايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号