باش بەت

خەندان

781يوللانما
80مەستانە

كورېيە نۇسخىسىدىكى «ئاقار يۇلتۇز باغچىسى» تىياتىرىنىڭ رېژىسسورى جون گىساڭ قاتناش ھادىسىسدە قازا قىلدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 11:01 13 ئىنكاس چۈشتى

20180114012954418.jpg

全基尚 (جون گىساڭ)

كورېيە تىياتىرى «ئاقار يۇلتۇز باغچىسى»

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، كورېيەدىكى داڭلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى رېژىسسورى جون گىساڭ (全基尚) قاتناش ھادىسىسدە قازا قىلغان. 2009-يىلى ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان كورېيە نۇسخىسىدىكى «ئاقار يۇلتۇز باغچىسى» (流星花园) تىياتىرى بىرىنچى سەپتىكى گىگانت چولپانلاردىن ئى مىنخو (李敏镐) ۋە كو خېسۇنلارنىڭ داڭقىنى چىقارغان. 13-يانۋار سەھەردە يولدىن ئۆتۈۋاتقاندا بىر تاكسى سوقۇۋەتكەن، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش قىلىنغان بولسىمۇ داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 59 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

كورېيە «TV report» تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كورېيە تىياتىرى «ئاقار يۇلتۇز باغچىسى»(流星花园) نىڭ رېژىسسورى جون گىساڭ 13-يانۋار سەھەر سائەت 1:00 دە يوئىدودا بىر پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز پەيدا بولغان تاكسى ئۇنى سوقۇۋەتكەن. دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن. ھازىر جەسەت يوئىدودىكى بۈۋى مارىيە دوختۇرخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئائىلە تاۋابىئاتلىرى دەرھال ئايروپىلاندا ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى.

جون گىساڭ (全基尚) ئىلگىرى كىشىنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان نۇرغۇن ئېسىل تىياتىرلارغا رېژىسسورلۇق قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە «مېنىڭ سۆيگىنىم» (My Girl)، «گۈزەل سەن» (致美丽的你)، «ئاقار يۇلتۇز باغچىسى» بۇ تىياتىرنىڭ يەنە بىر ئىسمى «كېلىشكەن يىگىت» (花样男子) قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇلارنى ئۇنىڭ كەسپىدىكى يۇقىرى پەللىسى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ھەر بىر تىياتىرىدىكى رولچىلارنىڭ داڭقىنى چىقىرۋەتكەن بولۇپمۇ ئى مىنخو، كو خېسۇن ۋە خەن چېيوڭ قاتارلىقلار ئوخشاش. بۈگۈن تارقالغان ئۆلۈم خەۋىرى، كورېيە تاماشا چەمبىرىكىنى زىلزىلىگە سېلىپ، بارچىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Leylifer4 سائەت ئىلگىرى

    لى مىنخو ھەقىقەتەن بۇي بەستى ۋە تۇرقى جەھەتتىن جاڭ خەندىن كىلىشكەن گەرچە بۇ كىنودا كىلىشكەن تۇرقى ئانچە گەۋدىلەنمىگەن بىلەن مىراسخورلار شەھەرلىك ئوۋچى دىگەن كىنوسىنى كۈرۈپ باقساڭلار بولىدۇ مىنىڭچە ئاقار يۇلتۇزنى بىللە كۆرەيلى دىگەن فىلىمنىڭ كورىيە نۇسخىسى بەك پەيزى ئىشلەنگەن چۇ يۈشۈن رولىغا چىققان بەك سۈنئىي ئالدۇ رولنى مەن يەنىلا كورىيە نۇسخىسىنى ياقتۇرىمەن

  • 韩国.......1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىنىڭچە jang han خەندىن limin hao بەكرەك كېلىشكەن دەپ قارايمەن

  • شاھنازـexo1 ھەپتە ئىلگىرى

    دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئىشلىگەن. چۇ يۈشىننىڭ ئوبرازى بەكمۇ بوممايدۇ دەلتىدەك قىپ. پەقەت يۈنخەيلا ئەڭ كىلىشكەن چىققان. ماۋۇ كورىيە نۇسخىسى باش پېرسوناژ ئانچە چىرايلىق بوممىسا چۇ يۈشىندەك ئۆشلىگىسىنى كەلتۈرمەيدۇ. F4لا بىر بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك كىلىشكەندە شۇنداق قىزقارلىق تېخى

  • گۈللالە1 ھەپتە ئىلگىرى

    يوۋكۇ دا ئۆز تىلى ۋە خەنزۇتىلى نۇسخىسى بار.ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلمىدىغۇ دەيمەن.花样男子دەپ ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ

  • ئەلمېھرې1 ھەپتە ئىلگىرى

    暴风影音دە با سۈزۈكى

  • غېرىب1 ھەپتە ئىلگىرى

    دۆلىتىمىزنىڭ ئارتىسلىرىغا يەتمەيدىكەن،ئى قىزۋالمۇ نىمدا سەتمۇ يا،يۇشۇن چىرايلىق كەن ئۇنىڭدىن،ئى مىنخو بىلەن،جاڭ خەن تەڭ چىقىپ قالغۇدەك سالاپەتتە!

  • رىزۋانگۈل1 ھەپتە ئىلگىرى

    بۇ كىنونى بەك ياخشى كۆرەتتىم دۇۋەنمۇلىنىڭ رەسمىنى ساقلىغان تېخى(ھىجىيىپ كۇلگەن چېراي)

  • مەربى1 ھەپتە ئىلگىرى

    بەك ئامراق ئدىم بۇ كىنوغا بۇرۇن

  • گۈللالە1 ھەپتە ئىلگىرى

    لى مىنخاۋ نى چولپان قىلغان ئادەمكەنغۇ بۇ ،كۆڭلۈم يېرىم بولدى

  • غايىب گۈل1 ھەپتە ئىلگىرى

    كورىيە نۇسىخىسىدىكى ئاقاريۇلتۇزنى بىللە كۆرەيلى تېخى قالتىس جىمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号