باش بەت

خەندان

1486يوللانما
101مەستانە

ئەينى يىللاردىكى بالا چولپان كىم ياڭگى سۇمباتلىق چوڭ بولدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 11:13 1 ئىنكاس چۈشتى

20180114093457224.jpg

كورېيە تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كىم ياڭگى(金香起) ھازىر قويۇلۇۋاتقان ھېكايە فىلىم «ئاخىرەت سەپىرى» (与神同行) دە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

يىللىق بازارلىق فىلىم «ئاخىرەت سەپىرى»(与神同行) ناھايىتى قىزغىن ئالقىشلاندى، بىر ھەپتە ئاخىرسىدىلا 30 مىليونلۇق بېلەت كىرىمى ياراتتى، «پۇسان سەپىرى» فىلىمىنىڭ كىنو تارىخىدىكى چېمپىيونلۇق ئورنىنى تەۋرىتىشكە باشلىدى، فىلىمدىكى ئاي ئەلچىسى ئى دۇكچۈن رولىنى ئالغان ئارتىس كىم ياڭگى. يوغان خۇمار كۆزى ۋە ئوماق سىرتقى قىياپىتى نۇرغۇن كۆرۈرمەننىڭ ئامراقلىقىنى قوزغايدۇ. گەرچە ئۇ بۇ يىل 17 ياشتا بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېكرانغا چىققىنىغا 12 يىل بولغان نوپۇزلۇق سەنئەتكار.

كىم ياڭگىنىڭ بۇرۇن يۈ سۇڭخو بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمى «ئادەم بىلەن ئىتنىڭ تەقدىرى»(人狗奇缘)

كىم ياڭگى 2006-يىلى يۈ سوڭخو(俞承豪) بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئادەم بىلەن ئىتنىڭ تەقدىرى» فىلىمىدە رول ئېلىپ ئېكران ھاياتىنى باشلىغان، ئەينى يىلى ئۇ ئاران ئالتە ياشتا بولۇپ، يۇمىلاق بۇدرۇققىنە مەڭزى يېشىغا خوپمۇ ياراشقانىدى. فىلىمدە ئۇنىڭ ئىت بىلەن بولغان رىشتى نۇرغۇن ئادەملەرنى تەسىرلەندۈرگەن، تەبىئىي رول ئېلىش ماھارىتى ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن. كېيىن ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ۋە فىلىملەردە رول ئالغان، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنى «ئايال پادىشاھنىڭ سىنىپى»(女王的教室) بولۇپ، بۇ تىياتىردىكى رولى بىلەن APAN تېلېۋىزىيە تىياتىر فېستىۋالىدا بالا چولپان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2014-يىلى رول ئالغان فىلىمى «گۈزەل يالغانچىلىق»(优雅的谎言) بىلەن يېڭى ئايال ئارتىس مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي كۈچى بىلەن ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.

كىم ياڭگى بۇرۇن رول ئالغان تىياتىر «ئايال پادىشاھنىڭ سىنىپى»

كىم ياڭگى بىلەن EXO ئەزاسى D.O. بىر تۇغقاندەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ

قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئۈچ يىل بۇرۇن تورداشلار كىم ياڭگىنىڭ كورېيە ئوغۇللار ناخشا گۇرۇپپىسى EXO ئەزاسى D.O. غا بىر تۇغقانلاردەك ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ قېتىم «ئاخىرەت سەپىرى» فىلىمىدا، ئۇ بۈك-باراقسان يوپۇرماقلار ئارىسىدىكى بىر دەستە قىزىل گۈلدەك ھەممىنىڭ كۆزىگە ئاسان چېلىقتى. D.O. چولپان ناخشىچىدىن ئارتىسلىققا قەدەم باستى، دو كيۇڭسۇ(D.O.)مۇ بۇ فىلىمدە رول ئالغان بولۇپ، ئۇ فىلىمدە كۆيۈمچان ئەسكەر ۋون ئىبيۇڭ رولىنى ئالغان، ئىككەيلەننىڭ ھەقىقەتەنمۇ بىر فىلىمدە رول ئېلىش پېشانىسىگە پۈتۈلگەنىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شاھنازـexo3 ئاي ئىلگىرى

    نىمدىگەن قىزقارلىق. يەنىلاD.Oئوماقكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号