باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

تايلاند دائىرىلىرى 148 كىلوگىرام پىل چىشىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈردى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 11:03 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند دائىرىلىرى قىممىتى تەخمىنەن 469 مىڭ 800 ئامېرىكا دوللىرى (يەنە تەخمىنەن 3 مىليون 30 مىڭ يۈەنگە تەڭ) كېلىدىغان 148 كىلوگىرام ئافرىقا پىل چىشىنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىل چىشى ئەسلى پىلاندا جۇڭگوغا توشۇلماقچى ئىكەن.

ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، نىگېرىيەدىن يۆتكەپ كېلىنگەن پىل چىشى ۋە 31 پىل چىشى پارچىسى ئۆتكەن جۈمە كۈنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن پىل چىشى ئەسلى پىلاندا جۇڭگوغا توشۇلماقچى ئىكەن.

تايلاند تاموژنىسىنىڭ بىر پارچە باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن پىل چىشى تۇتۇپ قېلىنغان بولۇپ، ساقچى تەرەپ پىل چىشى ئەتكەس قىلغان گۇماندارنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن تەكشۈرۈش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号