باش بەت

كىنوچى

509يوللانما
105مەستانە

ئۇنىڭ بۇ فىلىمىنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ «چوڭام» ئوبرازىغا بولغان قارىشى ئۆزگەرگەن

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 11:39 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

90-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، «چوڭام» ئوبرازى ئىنتايىن مودا بولغان، بۇ خىلدىكى فىلىملار بىر مەزگىل تەسىر قوزغىيالايتتى، جوۋ رۇنفامۇ «چوڭام» ۋە قىمار شاھى قاتارلىق ئوبرازلارغا تايىنىپ، ئەينى ۋاقىتتا جوۋ شىڭچى ۋە چېڭلوڭ بىلەن بىللە «قوش جوۋ بىر چېڭ» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. «چوڭام» ئوبرازى تىلغا ئېلىنسا، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېسىگە جوۋ رۇنفالا ئەمەس، يەنە بىر ئارتىسمۇ كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ۋەن زىلياڭ.

ئەينى ۋاقىتتا ۋەن زىلياڭ بىلەن جوۋ رۇنفا رول ئالغان «چوڭام» ئوبرازى بارلىق كۆرۈرمەنلەرگە تەسىر قىلغان، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار، ۋەن زىلياڭ نۇسخىسىدىكى «چوڭام» بىر قەدەر مۇتتەھەم، جوۋ رۇنفا نۇسخىسىدىكى «چوڭام» دا مۇلايىملىق بار.

ۋەن زىلياڭ ۋە جوۋ رۇنفادىن باشقا. يەنە كۆپلىگەن «چوڭام» ئوبرازلىرى بار، ليۇ دېخۇا، لياڭ جياخۈيلارمۇ ئىلگىرى بۇ خىل ئوبرازلارنى ئورۇنداپ باققان، بولۇپمۇ فىلىم «杀破狼»دا خوڭ جىنباۋ رول ئالغان «چوڭام»نىڭ كۆرۈرمەنلەرگە بەرگەن تەسىرى جوۋ رۇنفالاردىن قېلىشماسلىقى مۇمكىن، بۇ خىل سالاپەتنى نۇرغۇن ئارتىسلار ئىپادىلەپ بېرەلمىگەن، ئۇنىڭ كۆزىگە قارىسىلا ئادەمنى تىترەك باسىدۇ.

بۇ فىلىمدا خوڭ جىنباۋنىڭ بىر جۈملە كىلاسسىك سەھنە سۆزى بار، ئۇ بولسىمۇ «كەچ سائەت 12 دىن ئۆتسىلا بۇ كوچا ماڭا تەۋە». بۇ فىلىمنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر خوڭ جىنباۋنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە يەنە بىر قېتىم قايىل بولغان.

خوڭ جىنباۋنىڭ بۇ فىلىمدىكى ئوبرازى زور تەسىر قوزغىغان، ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى يەنىمۇ ئېتىراپ قىلىنغان. ئۇ بۇ فىلىمدىكى ئوبرازىغا تايىنىپ، ئىلگىرىكى فىلىملىرىدىكى قىزىقارلىق، ئوماق بودەكتىن ھەممىنىڭ قەلبىدىكى «چوڭام»غا ئايلانغان. ھازىرقى خوڭ جىنباۋ دۆلىتىمىز تاماشا چەمبىرىكىدىكى ھەقىقىي «چوڭام» ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ دۆلىتىمىز كىنوچىلىقىغا قوشقان تۆھپىسى ئاز ئەمەس، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى بىزگە سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سىلەرچە، باشقا قايسى ئارتىس رولىنى ئالغان «چوڭام» ئوبرازىنى خوڭ جىنباۋنىڭ بۇ فىلىمدىكى ئوبرازى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • Co ol1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۈن خوڭلىنىڭ چىرايى قارا جەمىيەت كاتتىبېشىنىڭ ئوبرازىدەكلام

  • كالتەك1 ھەپتە ئىلگىرى

    سۇنخوڭلېي نىڭ لىيۇ خۇاچىياڭ ئوبرازى.

  • kHRYSTAL1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەن باغۇ 30 تۇشقاندۇ

  • kHRYSTAL1 ھەپتە ئىلگىرى

    چىڭلۇڭ پەقەت قار جەمىيەت كىنۇلىرغا چۇشمەيدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号