تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
مارۋېل كىنو كائىناتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەسىرى «قارا قاپلان» (黑豹) نىڭ ئەڭ يېڭى فىلىم سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، قارا قاپلاننىڭ ئاپتوموبىلغا ئېسىلىۋالغان كۆرۈنۈشى ئىنتايىن قالتىس بولغان. فىلىم يېقىندا ئالدىن سېتىشنى باشلىغان بولۇپ، 24 سائەت ئىچىدىكى سېتىلىش نەتىجىسى رېكورت ياراتقان. «ئامېرىكا كاپىتانى 3»تىن ئېشىپ، مارۋېلدىكى فىلىملەرنىڭ ئالدىن سېتىلىش نەتىجىسىدە 1-ئورۇندا تۇرغان. قارىغاندا، بۇنچە ئالقىشلانغان «قارا قاپلان»نىڭ بېلەت كىرىمىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى بولغۇدەك.
«قارا قاپلان» (黑豹) نىڭ ئەڭ يېڭى فىلىم سۈرەتلىرى، قارا پەن-تېخنىكىغا تولغان ۋاكاندا دۆلىتى ۋە پادىشاھ ئوردىسىنىڭ چوڭ زالى، بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرگەندىن كېيىن، قارا قاپلاننىڭ مارۋېلدىكى بىرىنچى بايلىقىغا ئىشەندىڭىزمۇ؟
قارا قاپلاننىڭ سىڭلىسى سۇرى ۋە ۋاكاندادىكى ئاقساقال، سۇرى بولسا فىلىمدىكى پەن-تېخنىكا ئۇستىسى، قارا قاپلاننىڭ ئاۋاز سۈمۈرگۈچ پولاتتىن ياسالغان جەڭ كىيىمىنى ياساشقا قاتناشقان.
«قارا قاپلان»نىڭ رېژىسسورى نەق مەيداندا فىلىمگە يېتەكچىلىك قىلماقتا.
«قارا قاپلان» 2-ئاينىڭ 16-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدا قويۇلۇشقا باشلايدۇ، دۆلىتىمىزگە كىرىدىغانلىقى جەزملىشىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن قويۇلۇش ۋاقتى بېكىتىلمىدى.
Co ol3 ئاي ئىلگىرى
قايسى كۈنى پەيدا بولۇپ ئەمدى مارۋېلنىڭ ئەڭ باي قەھرىمانى دەپ ھەي، بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كېيىن چىققان مۈڭگۈز ئاشتى دېگەندەك