تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بۇ بىر يۈرۈش قىزىقارلىق رەسىم خۇددى بىز بالىلىق چاغلىرىمىزدا كۆرگەن كارتون فىلىملەردىكى كۆرۈنۈش گودىزىللا بىلەن بىللە سەپەر قىلىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، داڭلىق ساياھەت مەنزىرىلىك جايلار ئالدىدا تارتىلغان، يېقىندا بۇ سۈرەتلەر تورغا يوللىنىپ، نۇرغۇن تورداشلار بۇ رەسىملەرگە ياخشى باھا بەردى.
بۇ سۈرەتلەرنى تارتقۇچى ئامېرىلىق يىگىت كېيران كىنخېتلېي بولۇپ، ئۇ بىر فوتوگراف ھەم ساياھەتچى.
ئەلۋەتتە دۇنيادا ھەقىقىي گودىزىللا يوق، بۇ گودىزىللانى كېيران بىر كارتون مەھسۇلاتلىرى دۇكىنىدىن پەقەت سەككىز ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالغان.
بىر فوتوگراف ھەم گودىزىللانىڭ مەستانىسى بولۇش سۈپىتىدە، كېيرانغا بىر ئىلھام كېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى داڭلىق مەنزىرىگاھلاردا سۈرەتكە چۈشۈپ، ئاندىن گودىزىللانى سۈرەتلەرگە كىرىشتۈرۈش ئويى كەلگەن.
شۇنىڭ بىلەن كېيران گودىزىللانى ئېلىپ ھەممە يەرنى كەزگەن، ئۇ يەنە گودىزىللاغا رىيان دەپ ئىسىم قويغان.
بۇ سۈرەتلەردە كېيراننىڭ ئادەتتىن تاشقىرى Photoshop تېخنىكىسى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىر سۈرەتنى تۆت سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ پۈتتۈرگەن.
مۇنداق كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەتلەرنى ياقتۇردىڭىزمۇ؟