باش بەت

دەۋران

809يوللانما
55مەستانە

ئائىلە زوراۋانلىق خاھىشى بار ئەرلەرنىڭ بەش خىل ئالاھىدىلىكى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 14:00 12 ئىنكاس چۈشتى

باش خەۋەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر نەچچە كۈن بۇرۇن مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىدا مۇنداق بىر ئىشنى كۆرۈپ قالدىم:

توي قىلىش يېشىغا يېتىپ قالغان مەلۇم بىر قىز نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدا تاللاپ ئاخىرى ئۆزى ياقتۇرغان بىرسىگە ياتلىق بولغان، ئەسلىدە بارلىق كىشىلەر ئۇلارنى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېيىشىپ ھەۋەس قىلىشقان، لېكىن كىم بىلسۇن يىگىت تەرەپ ئويلىمىغان يەردىن ئائىلە زوراۋانلىقى قىلىدىغان ناچار ئەر بولۇپ چىققان.

بۇنى كۆرۈپ ھەم ئاچچىقىم كەلدى، ھەم ئەپسۇسلىنىپ قالدىم. گەرچە نۇرغۇن تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ ھەممىسى نومۇر ئورۇنداش بولسىمۇ لېكىن «سەنئەت تۇرمۇشنى مەنبە قىلىدۇ» دېگەن گەپ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان.

قىز ئەڭ دەسلەپتە يىگىتنىڭ ئائىلە زوراۋانلىق خاھىشى يوق دەپ ئويلىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى قېتىملىق ئائىلە زوراۋانلىقىدىن كېيىن يىگىت ناھايىتى سەمىمىي ھالدا كەچۈرۈم سورىغان، شۇنىڭ بىلەن قىز يىگىتنى كەچۈرۈۋەتكەن. ئىش بۇنىڭ بىلەنلا ئاياغلىشىپ قالمىغان قىزنىڭ تۇرمۇشتىكى قاباھەتلىك چۈش ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن باشلانغان.

بۇ جەرياندا يىگىت تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى نۇرغۇن قېتىم ياردەملىشىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقچى بولغان، لېكىن ھېچقانداق ئۇسۇل كارغا كەلمىگەن. يىگىتنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلسىمۇ نەسىھەتكە قۇلاق سالمىسا يەنە نېمە دېگۈلۈك؟

تۆۋەندىكىسى ئائىلە زوراۋانلىق خاراكتېرى بار ئەرلەرنىڭ بەش خىل ئالاھىدىلىكى:

بىرىنچى: سەۋەبسىز گۇمانخورلۇق ۋە ھەسەتخورلۇق قىلىدىغان ئەرلەر

ئۇلار ئۆزئارا ئالاقە قىلىش جەريانىدا، ھەمىشە ھەر قانداق باھانە بىلەن قارشى تەرەپتىن گۇمان قىلىپ، ھېچقانداق چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىماي، پەقەت ئۆزىنىڭ نەزىردىكى ئاتالمىش جاۋاب ئىچىدە يۈرىدۇ. ھەر خىل مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى زورمۇ-زور باغلاپ ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ.

ئەگەر مانا مۇشۇنداق قائىدە ئۇقمايدىغانلارغا يولۇقۇپ قالسىڭىز، دەرھال يىراق تۇرغىنىڭىز ياخشى، چۈنكى ئۇلار ھەرگىز گەپ ئاڭلىمايدۇ، ۋاقىت ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. 

ئىككىنچى: سەزگۈرلۈكىدىن بىرەر ئىش ياكى بىرەر گەپ ئۇنىڭ «ئۆلچىمى»گە ئۇيغۇن كەلمىسە ئاچچىقلاپ كېتىدىغان ئەرلەر

ئادەتتە ئۆلچەمنى ياقتۇرىدىغان، قائىدە تۇرغۇزىدىغان، ئۇنداق ياكى مۇنداق بولغاندا ئاندىن ھەقىقىي رازى بولىدىغان، كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىققا ياكى ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا دەرھال دەرغەزەپكە كېلىپ ئاچچىقلىنىدىغان، ئۆزىنى كونترول قىلالمايدىغان ئەرلەر.

بۇنداق ئادەملەر بىلەن بىرگە ياشىسا قىلغان ئىشلىرىنىڭ توغرىسىدىن خاتاسى جىق بولۇپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچى: كونترول قىلىۋېلىش ۋە ئىگىلىۋېلىش ئىستىكى كۈچلۈك ئەرلەر

دائىم باشقىلارنى كونترول قىلىشنى ئويلايدىغانلار (چوڭ مەنىدىن ئېيتقاندا باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىنى، كىچىك مەنىدىن ئېيتقاندا نېمە يەپ نېمە ئىچكىنىدىن تارتىپ ئارىلىشىۋالىدىغانلار)

قەيەرگە بېرىپ نېمە قىلغانلىقىنى ئالدىن دوكلات قىلغۇزىدىغانلار، يەنە داۋاملىق سوراق ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلار، تۇرمۇشتا باشقىلار بىلەن پاراڭلاشسا ئاسانلا كۈنلەپ ئاچچىقلايدىغانلار، ھەر قانداق چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىماي بىر ۋاق تەنبىھ بېرىشكە ئورۇندىغانلار.

ئەگەر سىزمۇ تۇرمۇشتا قارشى تەرەپنىڭ مۇشۇنداق ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلسىڭىز، ھەرگىز خاتا ھالدا قارشى تەرەپ ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ دەپ ئويلىماڭ، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ بىچارە ھالىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ خالاس.

تۆتىنچى: ھاراق ئىچىپ، قىمار ئويناپ، ياخشى گەپلەرنى ئاڭلىمايدىغانلار

ھاراق ئىچىپ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغانلار، قىمارغا بېرىلىپ ئۆزىنى كونترول قىلالمىغانلار، سىزنىڭ ياخشى گەپلىرىڭىزنى ئەزەلدىن ئاڭلىماي، كەيپىياتى ناچار ۋاقىتلاردا يېقىندىن ئاچچىقىنى چىقىرىدىغانلار، ھاراقتىن سەگىدەپمۇ يەنە خىجىللىق ھېس قىلمايدىغانلار.

بۇنداق ئادەملەرگە ئۇچرىغاندا يەنىلا بالدۇرراق يىراقلاشقان ياخشى، ئەگەر سىزنى راستتىنلا ياخشى كۆرىسە نېمىشقا ھاراق ئىچىپ ئاچچىقىنى چىقىرىپ، قىمار ئويناپ ئائىلىسى بىلەن كارى بولمايدۇ؟

بەشىنچى: ئائىلە زوراۋانلىق مۇھىتىدا چوڭ بولغانلار

كۆپ قىسىم كىچىكىدىنلا ئائىلە زوراۋانلىقى بار بولغان مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلار دائىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇرۇشقىنىنى كۆرۈپ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق بولسا كېرەك دېگەن ئۇقۇمغا كېلىپ قالىدۇ.

بۇ ئۇقۇمنى كىچىكىدە يېتىلدۈرۈۋالغان بولسا بۇنى ئۆزگەرتمەك ناھايىتى قىيىنغا توختايدۇ.

سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنى زەخمىلەندۈرۈش سىزنى ئازابلىمامدۇ؟

ئائىلە زوراۋانلىقىدەك ئەخمىقانە ئىش سىزنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرەلمەيلا قالماستىن يەنە سىزنى مۇھەببەتتىن مەھرۇم قىلىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سىز ھەتتا ئەپۇ قىلىشقىمۇ ئېرىشەلمەيسىز.

«ئائىلە زوراۋانلىقى» ئۆز قولى بىلەن سىزنىڭ يېقىنلىرىڭىزنى يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدۇ، سىزنى يەككە يىگانە ھالدا تاشلاپ قويىدۇ.

سىز سىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەر ئۈچۈن ئۆزگىرىشىڭىز، بۇنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا، ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئىللىق ئادەم بولالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك.

باش سۈرەت تاللاش x
  • m aslima2 ئاي ئىلگىرى

    باشتىكى ئۈچى مىنىڭ يولدۇشۇمدا بار بۇ نۇردا ئادەمنى بەك چۈشۈنىدىغانلار مەزمۇن يازىدىكەن ھەقىقەتەن توغرا پىسخىكا ئكەن

  • بايشەم3 ئاي ئىلگىرى

    مېنېڭ يولدۇشۇمدا مۇشۇ سوزلەر ھەممېسې بار مەنمۇ بەك چارچېدېم لېكېن باللېرېمنې يېتېم قېلېشقا چېدېمايدېكەنمەن باللېرېمغا بەك ئامراق باللېرېم نېمە يەيمەن دېسە ئەككەپ بېردۇ مەن دېسەم ئۇنمايدۇ باللېرېم ئارقېلېق يېگۇم بار نەرسېنې ئەككەلدۇرۇپ يەيمەن

  • nurziba5043 ئاي ئىلگىرى

    شەبنەم ئەجەب بىر دۇنياكەن قېرىندىشىم ئككىمىزنىڭ تەقدىرى نىمانچە ئوخشاشتۇ مەنمۇ بەك چارچاپ كەتتىم بۇ كۈنلەر قاچانمۇ ئاخىرلىشا ، …، …

  • زىلالە ☺☺3 ئاي ئىلگىرى

    دۇسلا ياخشىمۇ مەن يېڭى تۇي قىلدىم ئىككمىز ئارلىشىپ
    تۇي قىلمىغان لىڭىن ھازىرغىچەياخشى ئۇتېۋاتىمىز،كىيىن
    بالا بۇلغاندا ئۇزگىرىپ كىتاما،

  • ئەفىيفە3 ئاي ئىلگىرى

    ھەيرانمەن بەزى ئەرلەرگە چىرايلىق گەپ بىلەن ھەل بولمىغان ئش ئۇرۇش جىدەل تاياق توقماق بىلەن ھەل بۇلارمۇ سۆز ئشلىتىدىغان يەرگە قول كۈتۈرگەننى كاللىسى ئشلىمەيدۇ دىسەك ئەڭ مۇۋاپىق يەنە شۇنداقلارنىڭ مەن دىگەن ھەقىقى ئەركەك دەپ كىرىلىپ يۈرۈپ كىتىشى ھەي ئەپسۇس

  • يالغۇزئەركەك3 ئاي ئىلگىرى

    بىز ئەرلەر ئېقن سۇغا ئوخشايمىز ئايالار ئېرىق ئوستەڭگە شۇلارغا بېقىپ ئاقىمىزدە

  • ...............3 ئاي ئىلگىرى

    ئالى مەكتەپتە بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىم بار ئىدى، شۇنچىلىك ئىلمىي، گەپ سۆزلىرى جايىدا، دائىم كىتاب ئوقۇيتتى، نەزىرىمدە بولىدۇغان بالىكەن دەپ دەپ ئويلىغان ئىدىم، دوستانا ئارلاشتۇق، ئاستا ئاستا چۈشىنىپ يەتتىم دە چىكىندىم، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئەنجىياخى نى كۆرگەندەك بولدۇم،

  • بەختىم3 ئاي ئىلگىرى

    مىنڭ يولدىشىمدابۇخىل ناچارقىلمىشلارنىڭ ھىچقايسى يوق،ئۇئۇقۇمغان دىھقان بولسىمۇشۇنداق تەمكىن ئاز سۆزلەيدۇ،سازسۆزليدۇمىنمۇشۇنداق ھۆرمەتلەيدۇ،باللانىڭ ئالدىدمۇبوممىغۇرگەپ سۆزلەنى قىممايدۇ.

  • ئەجەپ بىر دۇنياكەن3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئەسەردىكى مەزمۇنلار خۇددى مىنىڭ يۇلدۇشۇمنى تەسۋىرلەپ يازغاندەكلا چىقىپتۇ. بۇنداق ئەرلەردىن قۇتۇلاي دەپمۇ قۇتۇلغىلى بۇلمايدىكەن. سىرتتىكى زىددىيەتنى، ئىشلىرنى ھەل قىلالماي،ئۆيگە سۆرەپ كىرىدىغان، خۇتۇن-باللىرىنى ھاقارەتلەپ، ئۆيدىكى نەرسىلەرنى بۇزۇپ چاقىدىغان، ھەتتا خۇتۇنىغا تۆھمەت چاپلاپ ئۇرۇدىغان ئىشلار- شۇ ئادەمنىڭ خۇتۇن-باللىرنىڭلا ئەمەس، سىرتتىكى ناتۇنۇش ئادەملەرنىڭمۇ غەزىپىنى قۇزغايدۇ. قىلغۇلۇقنى قىپ بۇلۇپ خىجىل بۇلماقتا يۇق ئۆزىنى گۇناھسىز ھىساپلايدۇ. خۇتۇنى ئاجىرشىمەن دىسە ئۇڭلۇقلىقى تۇتسا ياغلىما گەپلەر بىلەن كەچۇرۇم سۇرايدۇ. تەتۇرلۈكى تۇتسا: مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلدىم، سەن خەققە بۇزۇلدۇڭ، نىيتىڭ باشقا دەپ تۆھمەت چاپلاپ، خۇتۇنىنىڭ يۈزىنى تۇكىدۇ. يامانلاپ كەتسە، خۇتۇنىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بىرىپ ئۆيەردىمۇ ئاجايىپ-غارايىپ گەپلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلاپ، خۇتۇنىنى قارلىغاننى ئاز دەپ، قىيىن ئاتا، قىيىن ئانىسىنىمۇ تىللايدۇ. قىسقىسى ئاجىرشىش مۇمكىن ئەمەس. ئائىلە زۇراۋانلىق دەپ ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ لىكىن ، ئەر تەرەپ ئۆز ئۇغىلىغا چاپان يىپىپ، كىلىن ۋە ئۆيدىكىلىرىنى ئارامىدا قۇيمايدۇ… ھەي…

  • 。宝贝 。3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ راس گەپكەن مىنىڭ يولدىشىمدا باشتىكى تۆتىنىڭ ھەممىسى با ، ھازىر ئايرىلىپ تۇرۋاتىمىز بۇرۇن ھەممە ئىشلادا مەنلا ئەپۇ سۇرايتىم لىكىن ھازىر پەقەتلا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى ، ئۇنىڭ ھەممە قىلىقى بەك بىمەنە تۇيۇلدىغان بوپ قالدى ، ئۇ ھەر قىتىم كىلىپ ئۇرۇنسىز ئۇرۇشقاندا ئاچچىق بىرنى كۈلۈپ قۇيىمەن ، بۇرۇنقىدەك يالۋۇرمايمەن يىغلىمايمەن ، ماڭا ھازىر ھەممىسى بەرىبىر بوپ قالدى مەن ئىچىمدىن چىقىرىپ كۈلۈپ باقمىغىلى ئۇزۇن بولدى راسلا بەك چارچاپ كەتتىم ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号