باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

ئاۋسترالىيەدە ئاپتوموبىل ئوغرىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى قويۇلىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 15:43 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاۋسترالىيە پارلامېنتى بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىرەيگ كېللىي ئىشتات چېگرىسىغا يول بەلگىسى قويۇپ يېڭى جەنۇبىي ۋەلېسقا كەلگەن شوپۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇشنى چاقىرىق قىلغان. چۈنكى شوپۇرلار بۇ ئىشتاتقا كەلگەندە ئاپتوموبىلىنىڭ ئوغرىلىنىش مۇمكىنچىلىكى %50 يۇقىرىلايدىكەن. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى 10-ئايدىن 2017-يىلى 9-ئايغىچە ۋىكتورىيە ئىشتاتىدا 16 مىڭ 599 ئاپتوموبىل ئوغرىلانغان بولۇپ، بۇنىڭ 12 مىڭ 209ى يېڭى جەنۇبىي ۋەلېستىن ئوغرىلانغان.

كىرەيگ: «ئوغرىلىق ئەۋج ئېلىپ كەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشتات چېگرىسىغا چوڭ ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇپ يېڭى جەنۇبىي ۋەلېسقا كەلگەن شوپۇرلارنى ئاگاھلاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.

ۋىكتورىيە ساقچى ئەمەلدارى پائۇل خوللوۋۇد (Paul Hollowood): «ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئىز قوغلاش سىستېمىسى ئورنىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا ساقچىلارنىڭ ئاپتوموبىلنى ئىز قوغلاپ بالدۇرراق تېپىشىغا قولايلىق بولىدۇ» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号