باش بەت

كىنوچى

509يوللانما
105مەستانە

«سۇ پەرىسى2»نىڭ ئايال باش رولچىسى يېقىندا ئېلان قىلىنىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 17:16 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىلگىرىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىنى ياراتقان دۆلىتىمىز فىلىمى، جوۋ شىڭچىنىڭ «سۇ پەرىسى» (美人鱼) ھەممىمىزگە تونۇش بولۇپ كەتتى، يەنە خېلى كۆپ كۆرۈرمەن كىنوخانىغا نەچچە قېتىم بېرىپ بۇ كىنونى كۆردى، ئەمما ئاخىرىدا «جەڭ بۆرىسى 2» (战狼2)نىڭ ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىنتايىن نادىر فىلىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەممىمىزدە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى.

بۇ فىلىم زور ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى ھەمدە كۆرۈرمەنلەر كۆرۈپ پۇخادىن چىقمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ فىلىمنىڭ كېيىنكى بۆلۈمى سۈرەتكە ئېلىنماقچى. بىرىنچى بۆلۈمىگە ئوخشاش، بۇ بۆلۈمدىمۇ ئارتىس تاللىغان بولۇپ، ئايال باش رولچىنى تاماشا چەمبىرىكىدىكى يېڭى ئارتىسلارغا بەرمەكچى بولغان. 

بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئارتىس تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى، قاتنىشىش شەرتى ناھايىتى ئاددىي، گىرىمسىز چىراي رەسىمى بولسىلا تىزىملىتالايدۇ. جوۋ شىڭچىنىڭ ئويلىغىنى ناھايىتى ئاددىي، ئۇ بولسىمۇ نەچچە مىڭ قىز ئىچىدىن، لىن يۈنگە ئوخشاش ساددا قىزدىن بىرنى تاللاش.

لېكىن كىم ئەڭ ئاخىرىدا يېڭىپ چىقالايدۇ؟ نەچچە مىڭ قىز ئىچىدىن تاللاش تولىمۇ قىيىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ساددا، تەنناز، ئوماق تىپتىكى قىزلار ناھايىتى كۆپ. نۇرغۇن ۋاقىتلىق تاللاش نەتىجسىدە، ئاخىرىدا بىر قىزنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى چيۇ شىيۈەن، تەقى-تۇرقى ناھايىتى قاملاشقان قىز. تاللاش باشلىنىپ 27 كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىگە كەلگەندە، ئايال باش رولچى ئاساسەن تاللىنىپ بولدى. تورداشلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق، چيۇ شىيۈەن 41000 بېلەتكە ئېرىشىپ، باشقا ماھىرلارنى ئارقىسىغا خېلى تاشلىۋەتكەن. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىنىڭ بېلەت سانى ئۇنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىگەن.

چيۇ شىيۈەندىن باشقا بېلەت تاشلاشتا بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ماھىر كىشىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىدۇ، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ماھىرنىڭ ئىسمى شۆ چىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆرگەنلەر ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقىگە كىرىپ قالغانلىقىدىن ھەيران قالغان.

شۆ چىڭنىڭ تاللىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ناھايىتى قىززىقچى ھەم رول ئېلىشقىمۇ ئۇستا بولغانلىقىدا، «ساھىبجامالغا ئېرىشىش ئاسان، كۆرۈمسىزگە ئېرىشىش تەس» دېگەندەك، جوۋ شىڭچى بۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە ماھىرنىمۇ چوقۇم بوش قويىۋەتمەيدۇ.

بەلكىم «سۇ پەرىسى2» (美人鱼2)دە، بۇ ئىككى ئارتىسنىڭ ماھارىتىدىن ھوزۇرلىنىشىمىز مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • تىل چايان1 ھەپتە ئىلگىرى

    شۇنداق ، چوقۇم بوش قويۇۋەتمەيدۇ

  • 20901 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىنتايىن ياخشى بولۇپتۇ. بولسا مۇشۇ كىنونى تېزرەك ئىشلىسۇن

  • دەريا1 ھەپتە ئىلگىرى

    يارايسىز چىرايلىق ھەمئ‍ۇماققز كەنسىز غەيرەت قىلىڭ،،،،

  • نىلۇپەر1 ھەپتە ئىلگىرى

    كورىيە كىنوسىنى دۇرىغىچە يېڭىلىق ياراتسىچۇ...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号