باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

پورتۇگالىيەلىك ئەر شىددەتلىك دولقۇن ئۇرۇۋاتقان دېڭىز ئۈستىدە پولات ئارغامچىدا ماڭدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 15:48 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Catersnews خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پورتۇگالىيەدىكى نازارې قولتۇقى (Nazare) دا شىددەت بىلەن مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلىنىدىغان دېڭىز بار بولۇپ، غايەت زور دېڭىز دولقۇنى بەزى چاغلاردا 30 مېتىر ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلۈپ چىقاتتى، غەزەپ بىلەن ئەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلىنىدىغان دېڭىز يۈزى كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆز-ئۆزىگە جەڭ ئېلان قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ جاي جەننەت ھېسابلىناتتى. 24 ياشلىق فوتوگراف لېناردو  دومىنگوس (Leonardo Domingos) يېقىندا بۇ جايدا ئادەمنى شۈركەندۈرىدىغان بىر يۈرۈش كۆرۈنۈشنى رەسىمگە تارتىۋالغان  بولۇپ، ئۇ بۇ رەسىملەردە ئاندىرۇ كار (Andrew Karr) ئىسىملىك ئەرنىڭ غايەت زور دېڭىز دولقۇنىنى كېسىپ ئۆتۈپ ئېگىز بوشلۇققا ئېسىلغان پولات ئارغامچىدا مېڭىش ماھارىتىنى خاتىرىلەپ قالغان.

«ئاغزىنى ئېچىپ شىددەتلىك ھۆركىرەۋاتقان» دېڭىز دولقۇنلىرى قارىماققا «قاپ يۈرەك» ئاندىرۇنى يۇتۇۋەتمەكچى بولغان قورقۇنچلۇق مەخلۇقتەك شىددەت بىلەن ئەۋج ئۇرۇۋاتقان بولۇپ، لېكىن ئاندىرۇ كەينىگە چېكىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپ غايەت زور دېڭىز دولقۇنىنى بېسىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانىدى.

ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان غايەت زور دېڭىز دولقۇنى ۋە دەھشەتلىك كۆرۈنۈش ھەتتا فوتوگرافنىڭ پېشانىسىدىنمۇ تەر چىقىرىۋەتكەن بولۇپ، ناۋادا ئازراقلا بىخەستەلىك كۆرۈلسە، ئاندىرۇنىڭ دېڭىز دولقۇنىغا يەم بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ...............1 ھەپتە ئىلگىرى

    بىخەتەرلىك تاسمىسى ئىشلىتىپتىغۇ، چۈشۈپ كەتمىگۈدەك، ئەمما بەك يۈرەكلىك ياش ئىكەن،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号