باش بەت

كىنوچى

2564يوللانما
167مەستانە

بويى گو جىڭمىڭدىنمۇ پاكار، لېكىن تاماشا چەمبىرىكىدىكىلەر ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان چولپان

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 18:18 1 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گو جىڭمىڭنىڭ بويى ناھايىتى پاكار، لېكىن بۇ ئۇنىڭ تالانتىغا توسقۇنلۇق قىلالمىغان. بوي ئېگىزلىكى گو جىڭمىڭدىن 4 سانتىمېتىر پاكار بىر شياڭگالىق ئارتىس بار، ئۇنىڭ تالانتى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ليۇ دېخۇانىڭ ئۇستازى تېددىي روبىن. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئاران 1 مېتىر 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ، لېكىن تاماشا چەمبىرىكىدىكىلەر ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ ئىش قىلغاندا ناھايىتى كەمتەر.

تېددىي روبىن رېژىسسور، نازارەتچى، فىلىم ئىشلىگۈچى، فىلىم مۇزىكىسى ئىشلىگۈچى، ئارتىس بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ كىنو تەرەققىياتىغا زور كۈچ قوشقان. 90-يىللاردا كىنو ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققان، ئانچە-مۇنچە مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىملىرىدا كۆرۈنۈپ قويىدۇ. ئۇ ھازىر 72 ياشقا كىردى، تاماشا چەمبىرىكىدىنمۇ چېكىنىپ چىقتى، لېكىن شياڭگاڭ تاماشا چەمبىرىكى ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدۇ.

گو جىڭمىڭ بىلەن ئوخشىمايدىغىنى ئۇنىڭ پاكار بولۇپ قېلىشىنى تۇغما كەمتۈكلۈك كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، ئۇ ئىككى ياش ۋاقتىدا ئۇمۇرتقا سۆڭىكى سۇنۇپ، گەرچە ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ھايات قالغان بولسىمۇ، لېكىن بوي ئېگىزلىكى ئاران 1 مېتىر 50 سانتىمېتىردا توختاپ قالغان.

بەدىنىدىكى ئاغرىق ئۇنىڭ تالانتىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ «قۇرۇق سۆلەت بەگزادە» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرۇپ چىققان. كېيىن چېڭلوڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ «قوش ئەجدەھا يىغىلىشى» (双龙会)دا رول ئالغان، فىلىمدىكى قىزىقارلىق پاكار يىگىت كۆرۈرمەنلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالغان، شۇنىڭ بىلەن تېددىي روبىننىڭ نامى چىقىپ كەتكەن.

تېددىي روبىننى ليۇ دېخۇانىڭ ئۇستازى دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، ليۇ دېخۇا كىنو ساھەسىگە ئەمدىلا قەدەم قويغاندا، تېددىي روبىن بىر قېتىملىق يىغىلىشتا ليۇ دېخۇانى ئۇچرىتىپ، ئۇنى «رەڭلىك بۇلۇت مۇزىكىسى» (彩云曲)ناملىق فىلىمدە رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلغان، بۇ ليۇ دېخۇانىڭ تۇنجى فىلىمى. شۇنىڭدىن كېيىن، ليۇ دېخۇا تېددىي روبىننىڭ قوللىشى بىلەن ئاستا-ئاستا بۈگۈنكىدەك نامغا ئېرىشكەن. شۇڭا ئۇنى ليۇ دېخۇانىڭ ئۇستازى دېسەك بىر ئازمۇ ئېشىپ كەتكەن بولمايدۇ.

ئۇ ليۇ دېخۇا تەرىپىدىنلا ھۆرمەتلىنىپ قالماي، چېڭلوڭ ۋە شياڭ خۇاچياڭلارمۇ ئۇنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنى «ئەمەلىي كۈچىگىلا تايانماي، يەنە ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكى بىلەن بۇنچە كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى» دېيىشكە تامامەن بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دېڭىز3 ئاي ئىلگىرى

    قوشكېزەك چىڭلۇڭدا رولئالغان ئادەم شۇكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号