باش بەت

دەۋران

720يوللانما
40مەستانە

تەقدىر-پېشانىنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇتلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر تۈركۈم سۈرەتلەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 21:19 1 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يەتتە يىل بۇرۇن نەۋرە ئىنىم (سول تەرەپتە) ئۇقۇشماستىن كەلگۈسىدىكى ئايالىنىڭ ئائىلە سۈرىتىگە قېتىلىپ قالغان، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۆزئارا تونۇشمايتتى.

يەسلىدىكى ۋاقتىمىزدا بىز دائىم بىللە يۈرەتتۇق، كېيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى. 20 يىلدىن كېيىن بىز مەلۇم بىر زىياپەتتە ئۇچرىشىپ قالدۇق، ھازىر بىز قايتا ئالاقە باغلىدۇق.

مەن ۋە ئايالىم 10 ياش ۋاقتىمىزدا ئوخشاش يەردە رەسىمگە چۈشكەن ئىكەنمىز. لېكىن بىز 30 ياشقا كىرگەندە ئاندىن تونۇشقان.

ئەيمى بىلەن نىك توي قىلغاندىن كېيىن كونا رەسىملەرنى رەتلىمەكچى بولۇپ كىچىك ۋاقتىدا باغچىدا ئۆز-ئارا ئۇچراشقانلىقىنى بىلىشكەن، لېكىن بۇ ئىشلار ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن ئاللىبۇرۇن چىقىپ كەتكەن ئىدى.

بالىلىق ۋاقتىدا يىگىت قىزنى ئۇسۇلغا تەكلىپ قىلغاندا قىز ئانچە رازى بولمىغان ئىدى، لېكىن نەچچە يىلدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ توي مۇراسىمىدا ئۇسسۇل ئوينىغان.

ئۇلار مەلۇم بىر مۇزىكا بايرىمىدا مۇھەببەتلەشكەن ئىدى، 48 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار ھازىرمۇ بىللە.

مەن ئايلانما ياغاچ ئات ئوينىغان ۋاقىتتا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. مەن بۇ ھېسسىياتىمنى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئاندىن ئۇنىڭغا بىلدۈردۈم ۋە ئۇنىڭمۇ شۇ ۋاقىتتا مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى بىلدىم.

بىز تۇغۇلغاندىلا تونۇشىدىكەنمىز، مەن بىزنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمەن.

بىر قېتىم مەلۇم بىر مۇساپىر مەندىن قەرز پۇل ئېلىپ لاتارىيە ئوينىماقچى بولدى، مەن ئۇنىڭ ئالدامچى ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمىدىم، لېكىن يەنە ئۇنىڭغا ياردەم قىلدىم. ئىككىنچى كۈنى ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلدى ۋە مېنىڭ پۇلۇمنى قايتۇرغاچ ئۆزىنىڭ 250 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئۇتقانلىقىنى ئېيتتى.

مەن كانادالىق، ئۇ فىرانسىيەلىك. بىز تايلاندتا سۇنىڭ ئاستىدا تونۇشتۇق، ھازىرغا قەدەر ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىز يەنىلا بىرلىكتە.

ئەلىكىس ئادامنى تۇنجى كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەگەر ئۇلار تۇغقىنىنىڭ تويىدا قايتا ئۇچراشمىغان بولسا ئەلىكىس ئادامغا ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى مەڭگۈ ئېيتالماسلىقى مۇمكىن ئىدى.

مىچال بىلەن ناتالى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلغان، كىچىك ۋاقتىدا يېقىن دوستلاردىن ئىدى، كېيىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. 20 يىلدىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى ئۇچرىتىپ قالغان ۋە ئاخىرىدا توي قىلغان.

ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ دوستىنىڭ تويدا تونۇشقان، ئۇ چاغدا ئۇلار كىچىك بالىلار دېدى. ھازىر بولسا نىكاھ قەسىرىگە قەدەم ئالغان ئەر-ئاياللار بولۇپ قالدى.

2014-يىلى باھاردا، heather ئەزا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە موھتاج بولغاندا chris ئۇنىڭغا ئەزايىنى تەقدىم قىلغان، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئەزەلدىن تونۇشمايتتى، كېيىن ئۇلار توي قىلدى.

10 يىل بۇرۇن مەن بۇ ئەخمەق دوستۇمغا ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېيتقان، ئۇ ۋاقىتتا مەن 15 ياشتا ئىدىم، ھازىر 25 ياشقا كىردىم. بىز توي قىلدۇق، ئۇ يەنىلا ناھايىتى ئەخمەق.

قىز ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالماقچى بولۇپ، تاساددىپىي ھالدا كەلگۈسىدىكى يولدىشىنى تېپىۋالدى.

تويدىن كېيىن مەن يولدىشىم بىلەن يەسلىدە چۈشكەن كونا سۈرەتنى تېپىۋالدىم، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر يەسلىدە ئوقۇغانلىقىمنى بىلمەيمەن.

بۇ بىزنىڭ ئىككى ياش ۋە تۆت ياش ۋاقتىمىز.

بىز قوشنا ئىدۇق، بۇ يىل بىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزغا 25 يىل بولدى.

مېنىڭ بوۋا-مومىلىرىم توي قىلغاندا «دۆلەت جۇغراپىيەسى ژۇرنىلى» تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىۋېلىنغان ئىكەن، 60 ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلار ھازىرمۇ بىللە.

مېنىڭ ساۋاقدىشىم يەتتىنچى يىللىققا چىققان بىرىنچى كۈنى بۇ رەسىمنى سىزغان ئىدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتقا چىققاندا يۈرۈپ قېلىشىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق.

بىز بىر-بىرىمىز بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تونۇشتۇق دەپ ئويلاپ يۈرۈپتۇق، ئەمەلىيەتتە بىز يەسلىدىلا تونۇشقان ئىكەنمىز.

مەلۇم بىر قېتىم جەسسىكانىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىپ خاتىرىسىنى يوقىتىپ قويغان، ئۇنىڭ ئوغۇل دوستى رىچارد ھازىر جەسسىكانىڭ ئۆزىنى قايتا ياخشى كۆرۈپ قېلىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئ‍ۇچقۇچى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئ‍ادەمنىڭ كۆڭلى بىرخېل سۈيۈنۈپ قالدىكەندىسە ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号