باش بەت

كىنوچى

479يوللانما
104مەستانە

«سابىق سۆيگۈنۈم 3»نىڭ بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 700 مىليونغا يەتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 16:36 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

1-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 20 دە، «سابىق سۆيگۈنۈم 3: خەير-خوش سابىق سۆيگۈنۈم» (前任3:再见前任)نىڭ بېلەت كىرىمى 1 مىليارد 700 مىليونغا يەتكەن (مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ئىچكىرىدىكى كىنو بېلەت كىرىمى تىزىملىكىدە 9-ئورۇنغا چىققان، 8-ئورۇندا تۇرىدىغان «گۇمپا يوگا» (功夫瑜伽) بىلەن بولغان پەرقى پەقەت 48 مىليون يۈەن ئىكەن.

«سابىق سۆيگۈنۈم 3: خەير-خوش سابىق سۆيگۈنۈم» ئىچكىرىدىكى مۇھەببەت فىلىملىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىمىنى ياراتقان بولۇپ، مۇھەببەت فىلىملىرىنىڭ بىر كۈنلۈك بېلەت كىرىمىنىڭ 200 مىليوندىن ئېشىشىنىمۇ بارلىققا كەلتۈرەلىگەن. قويۇلغىنىغا سەككىز كۈن بولغان تۇرۇقلۇقمۇ «پىلانېتلار ئارا ئۇرۇش 8»نىڭ تۇنجى كۈنىدىكى بېلەت كىرىمى نەتىجىسىنى ئارقىدا قالدۇرالىغان، نەچچە كۈن بېلەت كىرىمى ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن ئېشىپ كېتىشتەك سانلىق مەلۇمات مۆجىزىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号