باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13292يوللانما
1328مەستانە

رۇسىيەلىك ساھىبجامال دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يوگا مەشىق قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:32 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئېكاتېرىنا تېرىنىنا رۇسىيەلىك ئۇسسۇلچى. بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن ئۇ خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىنى باشلىدى. ئۇ ھەر قېتىم بىر جايغا بارسا، يوگا مەشىق قىلغاندىكى سۈرىتى بىلەن خاتىرە قالدۇرىدۇ.

سۈرەتتە، ئېكاتېرىنا تايلاندتا.

ئېكاتېرىنا تېرىنىنانىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ دۇنيانى ئايلىنىپ، سۈرىتىنى قالدۇرۇش ئارزۇسى بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ھېچنېمىگە قارىماي، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.

سۈرەتتە، ئۇ بىر شارقىراتمىنىڭ ئالدىدا.

ئېكاتېرىنا تېرىنىنانىڭ دېيىشىچە، ئۇ دۇنيا ساياھىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان ۋە ھاياتىي كۈچكە تولغان بولۇپ، ئەتراپتىكى بارلىق شەيئىلەرگە قىزىقىدىغان بولغان. بۇ ئەسلىدىكى ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىكەن.

سول تەرەپتە ئۇ نېپالدا، ئوڭ تەرەپتە، ئۇ ئىتالىيە ساردىنا ئارىلىدا.

ئېكاتېرىنا ساياھەت داۋامىدا خېلى كۆپ قولايسىزلىقلارغا ئۇچرىسىمۇ، بىراق يەنىلا مۇشۇنداق تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ساياھەت داۋامىدا بۇ سۈرەتلەر بىلەن بەدەن ئەۋرىشىملىكىنىمۇ نامايەن قىلدى.

ئۇ ھەركۈنى بۇ سۈرەتلەرنى تورغا يوللاپ تۇرغاچقا، ھازىر ئۇنىڭ نەچچە يۈزمىڭلىغان مەستانىسى بولدى.

ئېكاتېرىنانىڭ دېيىشىچە، ئۇ يوگا مەشىق قىلغاندا، قەلب ساداسىنى ئاڭلىيالايدىغان بولۇپ، نېپالدا 200 سائەتلىك يوگا مەشىق قىلىش سىنىپىغا تىزىملاتقان.

سۈرەتتە، ئۇ بالقان يېرىم ئارىلىدا.

ئىسپانىيە ئاپتىپىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقان ئۇ.

ئىسپانىيە دېڭىز ساھىلىدىكى ئېكاتېرىنا، ئۇنىڭ دېيشىىچە، يوگا مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ئۇ نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولغان. ئۇ يەنە ئۆگەنگەن بىلىملىرى ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

ئۇ ھەمىشە بارلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ يوگا مەشىق قىلىدۇ.

تايلاند دېڭىز بويىدىكى مەنزىرە ۋە ئادەمنىڭ گۈزەللىكى كىشىلەرنى ئۆزگىچە تۇيغۇغا باشلايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىلمخۇمار3 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن قالتىسكەن مەن مۇشۇنداق ماھارەتلارگە بەك قايىل بىلنىڭ سۆڭىكى يوقمىدۇ بقىزنىڭ

  • شەھلا5153 ئاي ئىلگىرى

    ئەجەپ تەسكىنا،،يۇگانىڭ بەدەننى ئەۋرىشم ھالەتتە ساقلاشتىن باشقا يەنە ئالاھىدىلىكى بارمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号