باش بەت

كىنوچى

458يوللانما
103مەستانە

ئەمەلىيەتتە GAI نىڭ تاماشا چەمبىرىكىدىكى دوستلىرى ئىنتايىن كۆپ، لېكىن ئۇ PGONE دەك يول تاللىمىغان

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:09 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

PGONE نىڭ تاماشا چەمبىرىكىدىكى دوستلىرى ئىنتايىن كۆپ، لېكىن مۇشۇ مەسىلە ئۇنىڭ «مەغلۇپ» بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەينى ۋاقىتتا PGONE مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، ئۇنىڭ يۇرتدىشى ما سۇ ئۇنىڭغا كۆپ ياردەم قىلغان، لى شياۋلۇ، فەن بىڭبىڭ قاتارلىق داڭلىق چولپانلار ئۇنىڭ دوستىغا ئايلانغان، لېكىن بۇنداق ياخشى ئىشلار ئۇزۇنغا داۋاملاشمىدى، ئۇ تاماشا چەمبىرىكىدە دائىم پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان «پاتقاق»قا پېتىپ، لى شياۋلۇنى بىر كېچە ئۆيىدە تۇرغۇزغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق تورداشلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى، ھەتتا ئىلگىرىكى ياخشى دوستلىرىنىڭ بىرەرسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن گەپ قىلمىدى.

ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئوخشاشلا Rap ئېيتىپ تونۇلغان GAI يېقىندىن بۇيان بارا-بارا تېخىمۇ زور تەسىر كۈچگە ئىگە بولۇشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، GAI نىڭ تاماشا چەمبىرىكىدىكى دوستلىرىمۇ خېلى كۆپ، لېكىن ئۇنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلى خارەكتېرىگە ئوخشاش «تۈپتۈز»، دوستلىرىغا تايىنىۋېلىشنى خالىمايدۇ، باشقا چولپانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆز-كۆز قىلىشقىمۇ ئۆچ. دېڭ زىچىمۇ ئۇنىڭ يېقىن دوستى، ئۇلار ئىلگىرى بىرگە ھەمكارلاشقان، نەق مەيدان كەيپىياتى ئىنتايىن قالتىس بولغان، ئەگەر باشقا چولپانلار بولغان بولسا، بۇ توغرىسىدىكى سۈرەتلەرنى ئېلان قىلىپ، بىر ھازا ئۆزىنى داڭلىۋالغان بولاتتى، لېكىن GAI دەل شۇنداق، ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ، ھەرقانداق ئىشنى ئۆزىنىڭ يولىغا قويۇپ بېرىدۇ.

ۋاڭ جيائېر بىلەن GAI نىڭ تونۇشقىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغان، GAI مۇسابىقىگە قاتناشقاندا، ۋاڭ جيائېر ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقان، ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولغان. باشقا نۇرغۇن چولپانلارمۇ شۇنداق، گەرچە GAI نۇرغۇن چولپانلار بىلەن دوست بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن باشقىلاردەك كۆز-كۆز قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ تاماشا چەمبىرىكىنىڭ رېئاللىققا تولغانلىقىنى بىلىدۇ، بۈگۈن دوست بولغان بولسا، ئەتىسى تونۇماسقا سېلىشىدۇ، تاماشا چەمبىرىكىدىكى نۇرغۇن مۇناسىۋەتلەر پەقەتلا پايدىلىنىش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئەلۋەتتە، GAI بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号