باش بەت

نۇسرەتگۈل

10538يوللانما
188مەستانە

ئۆتكەن ئەسىردە بايۋەتچىلەرلا ئىشلىتەلىگەن نەرسىلەردىن قايسىلىرىنى بىلىدىكەنسىز؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 17:26 9 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-، 90-يىللىرىدا ئىشلىتىلگەن 2000 نەچچە يۈەنلىك چاقىرغۇ. ئەينى ۋاقىتلاردا بۇنداق چاقىرغۇسىدىن بىرى بار ئادەمنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ئابرويلۇق ھېسابلايدىغانلىقىنى ھەرگىز پەرەز قىلالمايسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ نەرسىنى سېتىۋېلىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى، بىر مۇنچە خۇشامەت قىلىشقا توغرا كېلەتتى.

بۇمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئىشلىتىلگەن شياۋلىڭتوڭ، يەنى كۆچمە تېلېفون بولۇپ، پەقەت شەھەر ئىچىگىلا تېلېفون قىلغىلى بولاتتى، ئائىلىدىكى مۇقىم تېلېفونغا ئۇلانغان، باھاسى خېلى قىممەت ئىدى.

پىليونكىلىق فوتو ئاپپارات ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كىشىلەر بىر يىللىق مائاشىنى يىغسىمۇ سېتىۋالالمايتتى، بىر يۆگەم پىليونكا ئېلىش ئۈچۈن بىر ئايلىق مائاش سەرپ قىلىناتتى، سۈرەتكە تارتىش ئالاھىدە ھوزۇرلۇق كەسپ ئىدى.

بۇ ئاشلىق بېلىتى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئاشلىق بېلىتى بولمىسا ئاشلىق سېتىۋالغىلى، يىراققا بارغىلى بولمايتتى، پۇلى بولۇپ ئاشلىق بېلىتى بولمىغان ئادەمنىڭ كۈنى تەس ئىدى.

تاماق قاچىسى ھازىرقى زاماندىكى تاماق قاچىلىرىغا ئوخشايدۇ.

سۇداننى بىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ؟

تۆمۈردىن قۇيۇلغان قازان مىس قازانغا تەرەققىي قىلدى.

بۇنداق چايدانلارنى ھازىر كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىلا ئۇچرىتىش مۇمكىن.

بۇ ساندۇق تاماق ئېتىشتە ئىشلىتىلىپتىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىرزاتجان3 ھەپتە ئىلگىرى

    دادام تۇنجى قېتىم داگىدادىن (يان تېلفۇن) بىرنى كۇتۇرۇپ ئۆيگە كىرگەندە بىز قاتتىق ھەيران قالغان ئىدۇق.

  • سۆيگۇ بۇلاڭچىسى3 ئاي ئىلگىرى

    بىزنىڭ ئۆيدە قار لەيلىسى ماركىلىق رەڭسىز تىلۋۇزۇر بار گەرچە ھازىر دەم ئىلىشقا چىققان بولسىمۇ توكقا ئۇلىغان ھامان ناھايتى نۇرمال ئىشلەيدۇ

  • xayiduu3 ئاي ئىلگىرى

    شىياۋلىڭتوڭ تېلىفۇنىنى دادامنىڭ ئىشلەتكىنى غۇۋا ئېسىمدە
    باشقىلىرىنى بىلمەيدىكەنمەن !
    چاقىرغۇ بەك پەيزى بولسا كېرەك مەن «يەنە بىر كۆرسەم» دە ، يۇنجۇ ، كۇنجۇلانىڭ ئىشلىتكىنىنى كۆرگەن ھى ھى ھى ...

  • تۈرگۈن3 ئاي ئىلگىرى

    چاقۇرغىسى بالا خەققە داملىتىش ئۈچۈن پەلتۇنى ئىشتاننىڭ ئىچىگە تىقىپ كىيدىغان چاغلار ئىدى ئۇ

  • پەرىشتە3 ئاي ئىلگىرى

    مەن قازان، تاماق قاچىسى، ئاشلىق بېلىتىنى بىلمەيدىكەنمەن، ئاۋۇ ساندۇق شاماق چىقىرىدىغان ساندۇق شۇغۇ ھە؟ قاغانلىرىنى بىلىدىكەممەن

  • قايدا سەن3 ئاي ئىلگىرى

    مەن ھەممىنى بىلىدىكەنمەن

  • تىلسىم3 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ چايدان بىزنىڭ ئۆيدە با ھازىرمۇ نۇرمال خىزمەت قىلىۋاتىدۇ،

  • دەريا3 ئاي ئىلگىرى

    ۋاۋۇي ھازىرھەممە نەرسىلەر ئ‍ۇزمىزدىلا نىمدىگەن قۇلايلىق ھەم نايىتى ئ‍لغار،،،،

  • ئىبراھىمموۋىچ3 ئاي ئىلگىرى

    مەن ساندۇقتىن باشقا ھەممىسىنى ئەمىلى تۇرمۇشتا بەزىلىرىنى ئىشلىتىپ باققان بەزىلىرىنى كۈرۈپ باققان،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号