باش بەت

كىنوچى

2559يوللانما
167مەستانە

نارۇتو بىلەن ساسكېنىڭ قايسىسى كۈچلۈك؟

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 17:39 58 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىنقى مەزمۇندا بىز ياپونىيە كارتون فىلىمى «نارۇتو» (火影忍者)دا ئۇرۇشلارنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەن، ھەمدە بىر قىسىم يۇقىرى پەللىگە چىققان ئۇرۇشلارنى تونۇشتۇرغان. «نارۇتو»، بۇ ئەسەر نارۇتو ۋە ساسكېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى چۆرىدەپ تەرەققىي قىلغان، ئۇلار تونۇشقاندىن بۇيان بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىپ كەلگەن، شۇنداقلا بىر نەچچە قېتىم جەڭمۇ قىلغان. ئالدى بىلەن تاماق يېيىشتە، دەرەخكە يامىشىشتا بەسلەشكەن، كېيىن نارۇتو ئايلانما دولقۇنغا، ساسكې مىڭ قۇشقا ئېرىشكەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئايلانما دولقۇن بىلەن مىڭ قۇش ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ «نارۇتو»نى ئاياغلاشتۇرغان. بولىدۇ، بىز ئالدى بىلەن ئايلانما دولقۇن بىلەن مىڭ قۇشنى سۆزلىمەيلى، بۈگۈن بىز نارۇتو بىلەن ساسكې ئوتتۇرىسىدا، كىمنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدە توختىلىمىز.

بىرىنچى بۆلەك: مەكتەپ ھاياتى

بۇنى كۆپ سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەينى ۋاقىتتا نارۇتو پەقەت بىمەنە چاقچاق قىلىشنىلا بىلەتتى، ساسكې ئۇنىڭدىن كۈچلۈك.

ئىككىنچى بۆلەك: كاكاشى سىنىپى

بۇ ۋاقىتتا نارۇتو يەنىلا توققۇز قۇيرۇقنىڭ كونترول قىلىۋېلىشىغا ئۇچرايتتى، لېكىن ساسكېنىڭ ئىككى ئىلمەكلىك جادۇ كۆزى ئېچىلىپ بولغان، بۇ بۆلەكتىمۇ ساسكې نارۇتودىن كۈچلۈك.

ئۈچىنچى بۆلەك: ئوتتۇرا دەرىجىلىك نىنجا ئىمتىھانى

توققۇز قۇيرۇقنىڭ بىرىنچى قۇيرۇقى پەيدا بولغان، ساسكېنىڭ ئۈچ ئىلمەكلىك جادۇ كۆزى ئېچىلغان، ئوروچىمارۇنىڭ ئەپسۇنى بىلەن قوشۇلغاندا، كۈچ جەھەتتە يەنىلا ساسكې نارۇتودىن كۈچلۈك.

تۆتىنچى بۆلەك: قارا بوران قىسسىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى

نارۇتو ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە، جىراييانىڭ يېتەكلىشىدە زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن، ئايلانما دولقۇنى زور كۈچكە ئىگە بولغان؛ ساسكې ئوروچىمارۇغا ئەگىشىپ، جادۇ كۆزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتكەن، بۇ بۆلەكتە ئىككەيلەننىڭ كۈچى تەڭلىشىدۇ.

بەشىنچى بۆلەك: پېيننىڭ كونوخاغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە ساسكېنىڭ ئىتاچىنى ئۆلتۈرۈشى

بۇ بۆلەك «نارۇتو» مەستانىلىرىنى ئىنتايىن ھاياجانلانغان، مەيلى «تۆتىنچى ئەۋلاد ئوت ئاتامانى بىلەن جىراييا»نىڭ كۈچى مۇجەسسەملەنگەن نارۇتونىڭ پېيننى مەغلۇپ قىلىشى بولسۇن ياكى ئون يىل مابەينىدە قىساس ئوتى بىلەن بىللە ياشىغان ساسكېنىڭ ئاكىسى ئىتاچىنىڭ پىلانى ئاستىدا ئۇنى ئۆلتۈرۈشى بولسۇن، ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ ئاللىبۇرۇن ئىنتايىن كۈچلۈك نىنجاغا ئايلانغىنىنى ئىپادىلەپ بەرگەن، لېكىن ئىككەيلەن بۇ بۆلەكتە قارىمۇ-قارشى جەڭ قىلمىغان، شۇڭا تەڭلەشكەنگە ھېساب.

ئالتىنچى بۆلەك: تۆتىنچى قېتىملىق نىنجا ئۇرۇشى مەزگىلى

سەككىز قۇيرۇققا ئىگە بى نىڭ يېتەكچىلىكىدە، نارۇتو توققۇز قۇيرۇقنى مۇكەممەل كونترول قىلىپ، ئالتۇن رەڭلىك بەدەن ھالىتىگە ئۆتكەن، ساسكې ئىتاچىنىڭ كۆزىنى كۆچۈرگەندىن كېيىن، مەڭگۈلۈك مىڭ گۈل جادۇ كۆزىگە ئېرىشكەن، ئىككەيلەننىڭ كۈچى يەنىلا تەڭلەش.

يەتتىنچى بۆلەك: مادارا بىلەن بولغان جەڭ

ئالتە يوللۇق ئەۋلىيانىڭ كۈچىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىككەيلەننىڭ كۈچى زور دەرىجىدە كۈچەيگەن، لېكىن ئالتە يوللۇق ئەۋلىيانىڭ كۈچىگە ئېرىشكەندىن كېيىنكى ئىككەيلەننىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئىشلىتىشچانلىقىغا قارىغاندا، نارۇتونىڭ كۈچى ساسكېدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن، بۇ بۆلەكتە نارۇتو ساسكېدىن كۈچلۈك.

سەككىزىنچى بۆلەك: ئاخىرلاشتۇرۇش جىلغىسىدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭ

بۇ مەزگىلگە كەلگەندە، نارۇتونىڭ ئالتە يوللۇق ئەۋلىيادىن ئېرىشكەن كۈچى ئاجىزلىغان، لېكىن ساسكې توققۇز ئىلمەكلىك جادۇ كۆزىنى ساقلاپ قالالىغان، ئەمەلىيەتتە توققۇز قۇيرۇقلارنىڭ كۈچىنى سۈمۈرگەن ساسكېنىڭ كۈچى نارۇتونى بېسىپ چۈشكەن بولۇپ، لېكىن توققۇز قۇيرۇقمۇ ئەۋلىيا ھالىتىگە پىششىق بولغاچقا، نارۇتوغا ۋاكالىتەن چاكۇرا يىغىپ، نارۇتونىڭ ھايات تۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغان. ئەگەر بۇ نۇقتىلارنى ھېساب قىلمىساق، ئاخىرقى جەڭدە نارۇتو غەلبە قىلغان. چۈنكى ساسكې جادۇ كۆزگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋالغان، ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن نارۇتونى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغان، ئاخىرىدا چاكۇراسى تۈگۈپ، نارۇتو بىلەن بىرگە ھالەك بولۇشنى تاللىغان ۋە نارۇتو ئوڭ قولىدىن، ساسكې سول قولىدىن ئايرىلغان. نارۇتو ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پەقەت ئەڭ يېقىن بۇرادىرىنىڭ ئەسلىگە قايتىشى ئۈچۈن، ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلغان، گەرچە نارۇتومۇ كۆپلىگەن كۈچلۈك زەربىلەرنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار نارۇتونىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىسىگە يەتمەيدۇ، ئەگەر نارۇتومۇ ساسكېدەك قارشى تەرەپنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسا، بەلكىم ئالتە يوللۇق ئەۋلىيانىڭ كۈچى ئاجىزلىشىشتىن بۇرۇنلا ئۇنى بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 晨曦2 ئاي ئىلگىرى

    خىيال ماھارىتىگە قۇيرۇق مەخلۇق كىرمەيدۇ بۇ قانداق گەپ تۇققۇز قۇيرۇقمۇ شارىنگاندىن قۇرقىدۇ شۇمۇ گەپمۇ

  • سارۇتۇبى (سانداي خوككايدۇ)2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇچىھا جەمەتىنى سۈرۈشتۈرسەك ماداراغا تاقىشىپ قالىدۇ.دىمەك :-سۇباشتىن لاي .قاندا دىدىما؟

  • oooookkkkk2 ئاي ئىلگىرى

    ساسكى ھەرگىزمۇ نارۇتونىڭ رەقىبى ئەمەس

  • ئەزمەت.2 ئاي ئىلگىرى

    ھەي ما ساسكىنى نارۇتۇدىن كۇچلۇك دىسە راسلا غىدىغىم كەلدى جۇمۇ ئېنىقلا نارۇتۇ كۇچلۇك تۇرسا كارتوننىڭ ئىسمىمۇ نارۇتو ئۇنى دىمىسەممۇ نارۇتونىڭ ئەمەلى كۇچىمۇ ساسكىدىن ئېشىپ چۇشىدۇ ناروتۇ ساسكىنى ھەم ئولتۇرۇش نىيتىدە ئەمەس ساسكىچۇ ئۇنىڭ نارۇتۇغا ئوچمەنلىكى ئاكىسىنىڭ ئۆچمىنلىكىدىنمۇ قىلشمايدۇ ساسكى نارۇتونى كۇرەمەيدۇ

  • تىمتاس 12 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇنى كۆرگىلى 10 يىلدىن ئىشىپتۇ ، قايتا قايتا نەچچە كۆرۈپ بولدۇم . نارۇتو كۈچلۈك يەنىلا ....ساسكى ئاخرىقى جەڭدە توققۇز دانە قۇيرۇقلۇق مەخلۇقنىڭ چاكۇراسىغا ئىرىشىپ تۇرۇپمۇ نارۇتونى مەغلۇپ قىلالمايدۇ

  • كاكاشى2 ئاي ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە نارۇتو كۈشلۈك ساسكى بىلەن نارۇتو ئىككىسى دوختۇرخانىنىڭ ئۈستىدە ئىلىشۋاتقاندا ساسكى تۈمەن قۇشنى نارۇتو ئايلانما دولقۇننى چىقارغان چاغدا كاكاش كىلىپ ئىككىسىنى ئىككى ياققا ئىتتىرۋىتىدۇ شۇ چاغدا كاكاشى جىرايياغا ئەگەر ۋاختىدا كەلمىگەن بولسام ئۇ ساسكىنىڭ جىنىنى ئالاتتى دىگەن

  • ۋاھاپ8812 ئاي ئىلگىرى

    ئ‍ۇچىھا جەمەتىنىڭ ئ‍الاھىدلىكى ئ‍ۆچمەنلىك ئ‍ۇلارنى كۈچلەندۈردۇ دىدغۇ بىسسى، ،كۈچلۈگلىكتە نارۇتو كۈچلۈك ،

  • 晨曦3 ئاي ئىلگىرى

    مەخلۇق ئىگىسىڭە تەسىر قىلىدۇ نارۇتۇ مۇ نەچچە چۈشكەن ئاي دۇنياسىغا كۆپ گۈللۈك شارىنگاننىڭ ھەرقاندىغا مەخلۇق لى كونتىرۇل قىلالايدۇ شارىنگاننىڭ كۈچىنى بوش چاغلىماڭلا بۇلۇپمۇ شىسۈي

  • 晨曦3 ئاي ئىلگىرى

    نەگە باسا ما كىرىتۇ دىگەن قالايمىقان جۆيلىگەن ئىتاچىنىڭ شارىنگانسىنىڭ كۈچىنى سەندىن باشقىنىڭ ھەممىسى بىلدىكەن باشقىدىن كۆرە ئاز گەپ قىلىپ

  • نارۇتو3 ئاي ئىلگىرى

    بورۇندىنلام ساسكى نارۇتونى يېڭىشلىنام ئويلاپ كەلگەن ساسكى يىڭەلمىگەن رەقىپلەردىن خاكو گارانى يەڭدىغۇ نارۇتو نارۇتو ئاخىردىمۇ ساسكىنى ئۆلتۈرمىدى ئەگەر شۇنداق نىيەت بولغان بولسا ساسكى ساق قالمايتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号