باش بەت

ئىدىقۇت887

7405يوللانما
16مەستانە

پۇلداننى پارتلاتماقچى بولغان شوتلاندىيەلىك ئەر ئۆزى پارتلاپ ھوشىدىن كەتتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 18:57 1 ئىنكاس چۈشتى

 تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە شوتلاندىيەدىكى 51 ياشلىق ئەر باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ كىلىيدېبانك (Clydebank) شەھىرىدىكى مەلۇم بانكىنىڭ پۇلدانى (يەنە ATM ماشىنىسى) نى پارتلاتماقچى بولغاندا، پارتلاش كۈچى زور بولۇپ كەتكەنلىكتىن ئويلىمىغان يەردىن ئۆزىمۇ پارتلاشتا يارىلىنىپ ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىپ چۈشكەن ھەم نەق مەيداندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان.

نەق مەيداندىكى كامىرا سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئوغرى پۇلداننى پارتلاتقاندىن كېيىن زور پارتلاش كۈچى تەسىرىدە كەينىگە ئۇچۇپ كەتكەن ھەم باش شۇنداقلا يۈز قىسمى ئېغىر  يارىلىنىپ ھوشىدىن كەتكەن. ئۇنىڭ ھەمراھى ئۇنىڭ ئۆلە-تىرىلىشىگە قاراپمۇ قويماستىن قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋەتكەن. بۇ «بىتەلەي» ئوغرى پادىشاھ ئېلزابىت ئۇنىۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىلغان، نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ قېچىپ كەتكەن يەنە بىر ئوغرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرمەكتە. 

بۇ قېتىمقى زور پارتلاش كۈچىنىڭ تەسىرىدە يېقىن ئەتراپتىكى ئىمارەتلەرنىڭ ئەينەك دېرىزىلىرىمۇ چېقىلىپ كەتكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • bahadir 84003 ئاي ئىلگىرى

    ئالە،، شەھرىڭنى،، سۇغۇرتىغا،، قاتناشمىغان، ئۇخشايدۇ، ما،، ئۇغرى،، نەس، بىسىپتۇدە،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号