باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

11610يوللانما
948مەستانە

ئاچا-ئىنى ئىككەيلەن بالىلىق ۋاقىتىدىكى سۈرەتلەرنى قايتىدىن تارتىپ ئاتا-ئانىسىغا سوۋغا قىلدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:51 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا بىر يۈرۈش سۈرەتلەر تۇيۇقسىزلا توردا داڭق قازاندى. سۈرەتتىكىلەر بىر جۈپ ئاچا-ئىنى بولۇپ، ئۇلار كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرىگە ئوخشاش ھالەتتە قايتىدىن بىر يۈرۈش سۈرەتلەرنى تارتىپ، تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.

ئەنگلىيەدىن كەلگەن مارىيا ۋارنېس ئەينى يىلدىكى ئاشۇ كىچىك قىزچاق زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئىنىسى بىلەن بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەرگە چۈشۈشتىكى ئاساسلىق مەقستىىنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ توي قىلغانلىق خاتىرە كۈنىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاچا-ئىنى ئىككەيلەن كىچىك ۋاقىتىدىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشنى قايتىدىن نامايەن قىلدى. سول تەرەپتىكىسى ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتى بولۇپ، ئاچىسى ئىنىسىنى كۆتۈرۈپ باشقىچىلا خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى. ئوڭ تەرەپكە كەلگەندە بولسا، ئىنىسىمۇ چوڭ بولۇپ، ھەتتا ئاچىسىنى كۆتۈرۈۋەتكۈدەك ھالەتكە يەتكەنىدى.

ئاچا-ئىنى ئىككەيلەن كىچىكىدىن باشلاپلا، بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇپ چوڭ بولۇپ، كىچىك ۋاقىتىدىلا دائىم بىر كارىۋاتتا يېتىپ، ئىللىق قېرىنداشلىق مېھرىنى نامايەن قىلاتتى. چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئەينى يىلدىكى مەنزىرىنى قايتىدىن نامايەن قىلغاندا، ئاتا-ئانىسى بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن قانداقراق تۇيغۇدا بولىدىغاندۇ؟

سول تەرەپتىكى ئاچا-ئىنى بىرلىكتە ئويۇن ئويناۋاتقان بولۇپ، ئۇكىسى سېۋەت ئىچىدە تولىمۇ ئوماق ئىدى. چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئىنىسى بەستلىك يىگىتكە ئايلىنىپ، سېۋەتتە ياتاي دېسىمۇ قاملاشماي قالاتتى. كونا سۈرەتلەرنى قايتىدىن نامايەن قىلىش ھەم قىزىقارلىق ھەم ئىللىق جەرياندۇر.

بىرلىكتە ئويناشتىن باشقا، ئاچا-ئىنى ئىككەيلەن يەنە بىرلىكتە ئۆگىنىش قىلىدۇ. كىچىك ۋاقىتىدىكى ئۇكىسى خېلىلا يۇۋاشتەك قىلىدۇ. چوڭ بولغاندىن كېيىن، بۇ سۈرەت قايتىدىن نامايەن بولۇنغاندا، ئىنىسى تېخىمۇ «ئوماقلىشىپ» كەتكەنىدى.

كىچىك ۋاقىتىدىكى ئۇلار تولىمۇ ئوماق بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئەينى يىللاردىكى گۆدەكلىكنىڭ ئورنىغا پىشقان، سالماقلىق ئالماشقانىدى.

ئەينى يىللاردىكى پىستەكلەر چوڭ بولۇپ قۇرامىغا يەتتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ سۈرەتلەرنى كۆرسە چوقۇم تەسىرلەنمەي قالمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئاچا-ئىنى ئىككەيلەنمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەڭ ياخشى شاھىدىدۇر.

كۆپلىگەن تورداشلار بۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇمۇ مۇھەببەتنى نامايەن قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلىكەن، دېيىشتى. بۇمۇ ھەم ئىككەيلەننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك، تاتلىق سوۋغات بولغۇسى.

بۇ ئاچا-ئىنى ئىككەيلەننىڭ ئەينى ۋاقىتتا بىللە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇغاندىكى سۈرىتى. چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئۇلار يەنە قايتىدىن بىللە ئولتۇرۇپ كىتاب كۆردى. بىراق بۇ قېتىم ئۇكىسى ئەينى يىللاردىكى كىچىك شاكىچىك ئەمەس بەلكى ئاچىسىدىنمۇ قامەتلىك كېلىشكەن يىگىت ئىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号