باش بەت

zevmret

268يوللانما
15مەستانە

جيا نەيلياڭنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 21:04 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جيا نەيلياڭنىڭ تەقى-تۇرقى ئەزەلدىن مۇنازىرىگە ئۇچراپ كېلىۋاتاتتى، بەزى تورداشلار ھەتتا جيا نەيلياڭنىڭ سەنئەت ساھەسىگە يېڭىدىن قەدەم قويغاندىكى رەسىملىرىنى ھەمبەھرلەپ، ئۇنىڭ ھۆسن تۈزىتىش گۇمانى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

يەنە ئاز بولمىغان تورداشلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جيا نەيلياڭ ئەر-ئايال تويدىن كېيىن بىر-بىرىگە بارغانسېرى ئوخشاپ كېتىۋاتاتتى، چىرايلىق ئېيتساق بۇنى ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ، دەيمىز، ئېچىپلا ئېيتساق ئۇلار ھۆسن تۈزەتكەن ئەر-ئاياللاردىن ئىدى. ھالبۇكى، جيا نەيلياڭنىڭيېقىندا ئاشكارىلانغان كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى بۇ ئۆسەك سۆزلەرنى رەھىمسىزلەرچە يەرگە ئۇرۇۋەتتى.

بۇ بىر يۈرۈش كونا سۈرەتلەردە جيا نەيلياڭنىڭ بەش ئەزاسىنى يەنىلا ئىنتايىن ئۆلچەملىك دېيىشكە بولاتتى، ھەتتا ھازىرقى جيا نەيلياڭدىن يېقىملىقراق ئىدى، ئەسلىدە، جيا نەيلياڭ كىچىكىدىنلا چىرايلىق بالا ئىدى.

بىر ئاز چوڭ بولغاندىن كېيىنكى جيا نەيلياڭ ھازىرقى تۇرقى بىلەن بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتاتتى، شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنە مودا ساۋاقداشلاردىن ھېسابلىناتتى.

كىچىكىدىنلا تېرىسى بىر ئاز قارامتۇل بولغان جيا نەيلياڭ يەنىلا تەڭ ياشتىكى كىچىك دوستلاردىن جەلپكار كۆرۈنەتتى، گەرچە پىروگراممىلاردا تيەنشىن ئۆزلىرىنى «بىز ئاق تۇرمامدۇق مانا» دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ بۇ تەرىپى بەلكىم دادىسىنى تارتقان بولسا كېرەك. 

ئۆسمۈرلۈك دەۋرىگە قەدەم قويغان سۈرەتلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جيا نەيلياڭ خېلىلا كېلىشكەن بولۇپ قالغانىدى، يەنە كېلىپ ھازىرقى ھالىتى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش دېيىشكىمۇ بولىدۇ، ھۆسن تۈزەتكەن دېگەنگە ئوخشاش ئۆسەك سۆزلەرنى تارتمار قىلىۋەتتى، قىزلار چوڭ بولغىچە 18 قېتىم ئۆزگىرىدۇ، دېيىشىدىكەن، جيا نەيلياڭمۇ قېلىشمايدىكەن.

ھەممەيلەن جيا نەيلياڭنىڭ قىزىنى سەت دېيىشىدىكەن، ئەمەلىيەتتە قىزلار دادىسىنى تارتىدىغان بولغاچقا، جيا نەيلياڭنىڭ كىچىك چېغىغا ئوخشايدىكەن خالاس. ئۇ چوڭ بولغاندا يەنە قانچىلىك چىرايلىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ھېچكىم ھېچنېمە دېيەلمەيدۇ.

جيا نەيلياڭنىڭ يەنە بىر سۈرىتىنى كۆرۈپ بېقىڭ، PG One دېگەنلەردىن خېلىلا تۈزۈك شۇنداقمۇ؟ ھەقىقىي كېلىشكەن يىگىتلار يىللارنىڭ سىناقلىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولىدۇ. 

(يۇقارقى مەزمۇنلار تەرجىمە قىلىندى، تور بېتىمىزنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ)

كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号