بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
لۇ خەن مۇھەببەت ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، ئىزچىل كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلدى. ئەمما بۇ ئىككەيلەن باشقىلارنىڭ قانچىلىك قارشى تۇرۇشىغىمۇ قارىماي يەنىلا بىللە ئۆتۈۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
يېقىندا مەلۇم بىر زىيارەتتە، لۇ خەن ئاپىسىنىڭ ئۇنى بالدۇرراق توي قىلىشىنى، ئۆزىنىڭ نەۋرە كۆرگۈسى كەلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئالغان. لۇ خەننىڭ بۇ ئىشنى تىلغا ئالغىنىدىن ئۇنىڭمۇ كۆڭلىدە بۇ ئىشقا خېلى قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.
لۇخەن گۇەن شياۋتۇڭدىن يەتتە ياش چوڭ، ھازىرمۇ توي قىلىدىغان يېشىغا كەلدى. لېكىن، گۇەن شياۋتۇڭ تېخى مەكتەپ پۈتتۈرمىگەن قىز. ئۇنداقتا، ئۇ بالدۇر توي قىلىدىغانغا قوشۇلارمۇ؟ بۇ ھەقتە گۇەن شياۋتۇڭ مۇنداق ئىپادە قايتۇردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئاپىسى گۇەن شياۋتۇڭنى 25 ياشتىن بۇرۇن توي قىلسا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن گۇەن شياۋتۇڭ: «مەن ھەممە ئىشتا ئاپامنىڭكىنى ئاڭلاپ كەتسەممۇ بولمايدۇ.» دېگەن. بۇنىڭدىن گۇەن شياۋتۇڭنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۈۋالالايمىز.
ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر جۈپ كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىقى بىلەن كارى بولمايدۇ. ئۆزلىرىنىڭ بەختىنى ئۆزلىرى بىلىشىدۇ، شۇڭا باشقىلارنىڭ گېپىگە ئانچە ئېرەن قىلمىسىمۇ بولىدۇ، بەختلىك بولسىلا كۇپايە.
ulinoxcom2 ئاي ئىلگىرى
بەخىتلىك بولۇڭلار
ئەسەبىي↪مەستانە3 ئاي ئىلگىرى
لۇ خەننى ياقتۇرمايدىغان لار بىكا غا ئاۋارە بۇلاپ ئىنكاس يېزىپ يۇرمەڭلا، قۇلاڭلا ئۇپراپ كەتمىسۇن.
n.a.a.r.3 ئاي ئىلگىرى
قەدەم قويالامتى مۇشۇ ھالىغا
شاھنازـexo3 ئاي ئىلگىرى
لۇخەنگە ھازىرچە مۇشۇ قىز ئەڭ ماسلاشقىنى.بۇنىڭدىن باشقىلا لايىقى بۇلۇشقا قۇشۇلىشى تەس. شۇڭا ئايرىلماي مەڭگۈ بىللە ئۆتۈپ كەتسۇن
فىروزە3 ئاي ئىلگىرى
مىنىڭچە قەدەم قۇيالمايدۇ،قانداقلا قارىسام ھامان ئايرىلىپ كىتىدىغان چىراي
Alice3 ئاي ئىلگىرى
لۇخەن ھېچ بىرسىگە ئەر بۇلالايدىغاندەك ئەمەس
گۈزەلئاي7773 ئاي ئىلگىرى
رانىيە تورداش قايسى كۈنى ۋاڭزۇلەننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاندا دىڭچاۋ يوللىغان شىفىڭدا لۇخەن گۇەنشاۋتۇڭنى يىنىغا بىللە ئىلۋاپتىكەن ئۈزىنى قاچۇرماپتىغۇ
بىلەمسەن3 ئاي ئىلگىرى
گۇلنەزەر مۇھابىتىغۇ بۇ ئوماق ئاقپۇشماق ئاداشنىڭ قاندا بوپكەتتى ئىمدى
رانىيە3 ئاي ئىلگىرى
شۇ بىر ئاشكارلىغانچە جامائەت ئالدىدا بىللە پەيدا بوپباقمىدى ئاشكارلاپبۇلۇپ ئۆزىنى قاچۇرۋاتقاندەك تۇيۇلدى بۇلۇپمۇ لۇخەن
رانىيە3 ئاي ئىلگىرى
ماسلاشمايدۇ ھەم ئادەمگە مۇھەببەتلەشكەندەك ئەمەس شۇ كىچىڭ بالىلار نىڭ ئۇيۇنىدەك بىلنىدۇ غەلىتىلا