باش بەت

نۇسرەتگۈل

8952يوللانما
149مەستانە

ئەنگلىيەدە بىر تور چولپىنى مالتېسې ئىتى بايۋەتچىلەرگە خاس مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:39 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 14-يانۋار خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىت يىلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا كىشىلەرنىڭ دىققىتى ھەرخىل ئىتلارغا چۈشتى. بىراق، چولپان سىياقىدىكى ئىتلار تىلغا ئېلىنسا ئەنگلىيەدىكى بۇ مالتېسې ئىتىنى ھەقىقىي تور چولپىنى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئەنگلىيە «ئەينەك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىللىپۇت (Lilliput) ئىسىملىك بۇ سەككىز ياشلىق ئىتنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى مەستانىلىرىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشىدىكەن. «خىزمەت» جەريانىدا ئۇ بىر دەرىجىدىن تاشقىرى مودېل بولغاندىن باشقا، ئادەتتىمۇ ناھايىتى داڭلىق.

لىللىپۇت يەتتە يىل ئىلگىرى ئەنگلىيەدىكى بىر ئەرمەك ھايۋاناتلار پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا ئوماق، مۇلايىملىقى بىلەن تېزلا نام چىقىرىپ ئەنگلىيەگە داڭلىق چولپان ئەرمەككە ئايلانغان. نۆۋەتتە، ئۇنىڭ مەخسۇس ئوزۇقشۇناسى، ئاشپىزى، دوختۇرى ۋە مەشىقلەندۈرگۈچىسى بار.

بۇنىڭدىن باشقا، لىللىپۇت يەنە ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات شىركەتلىرىگە سۈرەتكە چۈشۈپ بەرگەن. ئەنگلىيە «پوچتا گېزىتى»نىڭ 2017-يىلى 5-ئايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىللىپۇتنىڭ سائەتلىك مائاشى 100 فوندستېرلىڭغا (خەلق پۇلىدا تەخمىنەن 887 يۈەن) يېتىدىكەن.

ھازىر ئۇ ئىگىسى مارىيان بىلەن لوندوننىڭ شىمالىدا تۇرىدۇ. مارىيان: «مارتېسې ئىتى بېقىۋېلىشنى ئويلىشىپ تۇرغىنىمدا ئۇنى ماڭا بىر ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسسىس بەردى. بېقىۋالغان ۋاقتىمدا ئۇ بەكلا كىچىك ئىدى، ئۇنى ھەرخىل مەشىقلەرگە سېلىش، تور چولپىنىغا ئايلاندۇرۇش خىيالىمغا كىرىپمۇ چىقمىغانىدى» دېدى. ھازىر لىللىپۇت بۇيرۇق بويىچە ئولتۇرىدۇ، ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۆمىلەيدۇ، شاپىلاق ئۇرۇشىدۇ، قول ئېلىشىدۇ، پۇتبول ئوينايدۇ.

مارىيان لىللىپۇتنىڭ شەكىل چىقىرىپ سۈرەتكە چۈشۈشكە ئامراقلىقى، تونۇمايدىغان كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە: «ھازىر ئۇنىڭ مەستانىلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. قارىماققا ئۇنىڭ سۈرەتلىرى مۇنداقلا تارتىلغاندەك تۇرىدۇ. ئەمما ئۇ خېلى داڭلىقلاردىنمۇ كۆپ تىرىشتى» دېدى.

لىللىپۇتنىڭ مەستانىلىرى ھەرخىل ياشتىكى ئاياللارنى ئاساس قىلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، بۇ مەستانىلار ئاساسلىقى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە ۋە سىنگاپورلۇق ئىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号