باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

13345يوللانما
1333مەستانە

غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بالا پايپاق زاۋۇتى قۇرۇپ مىليورنېرغا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 19:09 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

BBC ئاخباراتىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جون كىرونىم دوۋن سىندرومىغا گىرىپتار بولغان شۇنداقلا پايپاق ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، يىللىق كىرىمى مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. 2016-يىل 21 ياشلىق جون دادىسى ماركقا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئىگىلىك تىكلىگۈسى بارلىقىنى ئېيتقان.

دەسلەپتە ئۇلار ھەرخىل ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئەمەلدىن قالدى. ئەڭ ئاخىرىدا پىكىرى بىرلىكىگە كەلگەن دادا-بالا پايپاق ماركىسىنى يارىتىشنى قارار قىلدى.

ماركنىڭ دېيىشىچە، جون كىچىكىدىن باشلاپلا ھەرخىل رەڭلىك پايپاقلارنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇمۇ ئىزچىل ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىسى ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، رەڭدار پايپاق ئىنتايىن قىزىقارلىق بولۇپ، ئىجادىيلىققا تولغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، بۇ «ئەسەبىي پايپاق مەستانىسى»نىڭ ماركىسى مەيدانغا كەلدى. جون ۋە دادىسى 1400 خىل ئوخشىمىغان پاسوننى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۈستىگە مۈشۈك، ئىت قاتارلىق ئەرمەك ھايۋانلارنىڭ نۇسخىسىنى چۈشۈردى، بۇنىڭ بەزىلىرىدە يەنە باربى قونچاقلارمۇ ھەتتا تېخى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ سۈرىتىمۇ بار.

دادا-بالىنىڭ ئەڭ چوڭ يۈزلىنىدىغان خىرىسى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش بولۇپ، تۇنجى ئېيىدا ئۇلار 452 زاكاز تاپشۇرۇپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن، 10 مىڭدىن يۇقىرى زاكاز تاپشۇرۇۋالدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار تېخىمۇ چوڭ بىر جايغا ئالمىشىشقا ئېھتىياجلىق بولدى. مارك: «بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش سۈرئىتىمىز كىشىنى چۆچىتىدۇ»، دېدى.

ئەگەر سېتىۋالغۇچىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى يېقىنراق بولسا، جون ئۆزى مال ئاپىرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى مارك كەسپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە تىجارەت تېخنىكىسىدىكى مەسىلىلەرگە مەسئۇل. ئەسەبىي پايپاق مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، ھازىر ئۇلار باشقا خېرىدارلارغىمۇ مال تەمىنلەيدىغان بولدى.

ئۆتكەن بىر يىلدا، جون بىلەن دادىسى بىر مىليون 400 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 9 مىليون يۈەنگە باراۋەر) كىرىم قىلىپ، 30 مىڭ دوللارنى (تەخمىنەن 190 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىئانە قىلدى. ماركنىڭ دېيىشىچە، كانادا زۇڭلىسى بىلەن ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى بۇش ئۇلارنىڭ خېرىدارى ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • bahadir 84003 ئاي ئىلگىرى

    ھەرقانداق،، بىرئادەمدە،، تۇغما، تالانىت، بۇلىدۇ، دەيدۇچۇ،، مەيلى، سىز، كىم، بۇلۇڭ،، شارائىتتىڭىزنىڭ، قانداق، بۇلىشىدىن، قەتئىينەزەر، ئۆزىڭىزدە، بار، ئارتۇقچىلىقنى، بايقاپ،، قۇلىڭىزدىن، كىلىشچە، تىرىشىسىڭىز،، چۇقۇم، غەلبە،، قىلىسز،، غەلبە،، قىلغۇچىلارنىڭ، ھەممىسى، بىركىچىدىلا،،مىليۇنىرغا، ئايلىنىپ، قالغان، ئەمەس،، ئۆزىڭىزنىڭ، قىزىققان،ياخشى، كۇرگەن، ئىشنى، چۇقۇم، قىلىپ، تىرىشىپ، سىناپ، بىقىڭ،، ھىچ، ئىش، قىلماي، ئىككىلىنىپ، تۇرسىڭىز،، بارغانچە،، داتلىشىپ،، كىتىسز،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号