باش بەت

ئىدىقۇت887

7112يوللانما
14مەستانە

ئاۋستىرالىيەدىكى ئورمانلىقتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ئاسماننى قويۇق ئىس-تۈتەك قاپلىدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 20:40 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 يېرىملاردا، غەربىي ئاۋستىرالىيەنىڭ پېرس (Perth) شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر پارچە ئورمانلىقتا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئورمانلىقتىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق ئىس-تۈتەك تاكى مۇندارىڭ (Mundaring) ئاسمىنىغىچە تارقىلىپ ھەيۋەتلىك مەنزىرە شەكىللەندۈرگەن.

شۇ جايدىكى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش تارماقلىرى (DFES) ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن توردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە 150 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ۋە پىدائىيلارنىڭ نەق مەيداندا ئوت ئاپىتى يامراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئوت ئۆچۈرۈش تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئەۋەتىپ ھاۋادىن سۇ چېچىپ ئوت ئۆچۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.


لېكىن ئوت ئاپىتى بىر قەدەر زور شۇنداقلا ئوتنى كونترول قىلىش تەسرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تارماقلىرى يېقىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

ئامېرىكا رادىيو شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇندارىڭ رايونى ئاللىقاچان ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتكەن.



باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号