باش بەت

ئىدىقۇت887

7403يوللانما
16مەستانە

ئايالى بىلەن تەگىشىپ قالغان ئەر ئاچچىققا چىدىماي دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 21:16 15 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلىشىپ قېلىش ۋە تەگىشىپ قېلىش ناھايىتى نورمال ئىش بولۇپ، لېكىن ئاچچىققا چىدىماي ئۆز ھاياتىنى دوغا تىكىش ھەقىقەتەن قىلچە ئەرزىمەيدىغان ئەخمىقانە ئىش ئىدى. 1-ئاينىڭ 8-كۈنى، چىيۇڭخەي شەھىرى شىبى بازىرى شىبى كەنتىدىكى ۋۇ فامىلىلىك كەنت ئەزاسى ئائىلە ماجراسى سەۋەبلىك ئاچچىقىغا پايلىماي ئۆتكۈر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىۋالغان، ئۇ دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىۋالغاندىن كېيىن ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆز ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەرگە دورا ئىچىۋالغانلىقىنى ئېيتىپ خەۋەرلەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغاندا بەك كېچىكىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتكەن.

ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچى زاتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلگۈچىنىڭ فامىلىسى ۋۇ بولۇپ، ئادەتتە ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، بەزىدە يەنە سىرتلارغا ئىشلەمچىلىك قىلغىلى چىقىپ تۇرىدىكەن. ۋۇ فامىلىلىك ئەرنىڭ ئايالى ئادەتتە چىيۇڭخەي شەھىرى جىياجى بازىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوغلىمۇ جياجى بازىرىدىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن. ۋۇ فامىلىلىك ئەر 1-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئايالىغا تېلېفون قىلغاندىن كېيىن نېمە سەۋەبتىندۇر ئەيتاۋۇر قاتتىق ئاچچىقىلىنىپ كەتكەن ھەم ئاچچىقىغا پايلىماي ئۆتكۈر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىۋالغان. ئۇ دورا ئىچىۋالغاندىن كېيىن ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغان ھەم دورا ئىچىۋالغانلىقىنى باشقا ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىغا ئېيتىپ خەۋەرلەندۈرگەن، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ۋۇ فامىلىلىك ئەرنى دەرھال چيۇڭخەي شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئاپارغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ۋۇ فامىلىلىك ئەر ئۆتكۈر زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىسى ئىچىۋالغان بولۇپ، گەرچە دوختۇر-سېستىرالار پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆلۈمگە ئامال قىلالمىغان.

شىبى كەنتى ئاھالىلەر كومېتىتىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ۋۇ فامىلىلىك ئەر 30 نەچچە ياشلاردا بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى ئۈچ جان كىشى چوڭلاردىن ئايرىم تۇرىدىكەن، ۋۇ فامىلىلىك ئەرنىڭ دادىسىنىڭ يېشى چوڭ، سالامەتلىكى ناچار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادى تازا دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىكەن. يېقىندا بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىدىكىلەر ۋۇ فامىلىلىك ئەرنىڭ دادىسىنى يوقلاپ ئەھۋال سورىغانىكەن. ۋۇ فامىلىلىك ئەرنىڭ ئوغلى باشقا بازاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، ئادەتتە ئىچ مىجەز كەلگەن ۋۇ فامىلىلىك ئەر بىلەن ئايالىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەن زىددىيەت بار ئىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ3 ئاي ئىلگىرى

    ھازىرقى ئاياللارنى ئالماي بۇرۇنقى ئاياللاردىن ئېلىڭ،ئاپاشلارنى موماشلارنى دېگەندەكچۇ…ئۆزىڭەز قانچىلىك بولسىڭىز شۇنىڭغا تۇشلۇق بولمامدۇ…

  • توپچى3 ئاي ئىلگىرى

    ھازىرقى ئاياللاردا ئنساپ دىگەن نەرسە يوق ھە دىسىلا ئەرلە ئانداق ئەرلە مانداق دەپ ئۆزىنى تاكتا بىشىغا ئەپقوياپ ئۆزلىرىنىڭ ئنسان قىلىپىدىن چىققان پەس قىلىقلىرىنى پەردازلاپ ئۆزلىرىنى داڭلايدۇ

  • *~قارا كۆز~*3 ئاي ئىلگىرى

    ئەكەك دېگەن مۇشۇنداق بولۇش كېرەك....

  • ماڭا ئىسىم قالماپتۇ3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ دۇنيادا ھېچكىم ھاياتنى قۇربان قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ،ئاتا ئانىڭىزدىن بۆلەك،تەنناز قىز بۇندىن كېيىن ئەخمەقلىق قىلماڭ،ھاياتنى ئاتا ئانىڭىز بەرگەن،سىزنىمۇ قەدىرلەپ مۇھەببىتىنى بېغىشلايدىغانلار چىقىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن ھايات تۇرىشىڭىز كېرەك،ئۆلۈپ كەتسىڭىز سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنىڭ ھېچيېرىگە كلىپ قالمايدۇ،ئاتا ئانىڭىز ئازابلىنىدۇ شۇ…

  • 《قايتىپ كەل》404~9243 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭچە ئەرزىمەيدۇ!!^ - ^

  • غېرىپ دىل3 ئاي ئىلگىرى

    قازان بىلەن چۆمۈچمۇ،
    تاراڭ_تۇرۇڭ قىلارمىش·
    ئەرئۇرسا گەر خوتۇننى،
    ئىچ ئاغىرتىپ سىلارمىش

    بالىسىمۇچوڭ بوپتۇ ،
    ئوڭشۇلۇپمۇ قالاتتى .
    ئون يىل ئۆتسە ئوغلىنىڭ ،
    تويىغا داخىل بولاتتى ··

    ئەپسۇس ،كۆزى ئوچۇق كېتىپتۇ رەھمەتلىك

  • 09953 ئاي ئىلگىرى

    ئادەتتە ئائقلە زوراۋانلىقى 2خىل بولىدۇ بىرى ئۇرۇش چىقىش قاتارلىقلا بۇخىلدىكىلە تولاراق ئەرلەنەڭ ئايەللانى خورلىشىدا بولىدۇ يەنەبىرى پىسخىكىلىق زوراۋانلىق گەپلە بىلەنلا مۇئامىلىسى بىلەنلا زوراۋانلىق قىلىش بۇ ئاياللانىڭ زورلوق قىلشى

  • پەرىزات3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ جاھاننڭ ئشلىرى بەك كوپ لىكىن ئاچىققا ھاي بىرىش كىرەك بىردەمىلك ئشنى دەپ ئوزىنى نابۇت قىلپتۇ بۇھايات بەكىمۇ قىممەتىلك ھەم قىسقا

  • izhar09033 ئاي ئىلگىرى

    ئادەتتە ئائىلە زوراۋانلىقى دەپ ئەرلەرگىلا قارىتىلىدۇ،،،ئەمەلىيەتتە ئائىلە زوراۋانلىقى ئاياللاردىمۇ ئىغىر بولاۋاتىدۇ ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە

  • توغراق،شاھى3 ئاي ئىلگىرى

    تەنناز خېنىم.قىلغان گېپىڭىز قىلغان ئىشىڭىز بىلەن ئىسمىڭىز ماس كەلمەي قاپتۇ ھە.سىزدىكى لاتاپەت سالاپەت كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغاندەك بولىۋاتىدۇ ھە ، خېنىم.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号