باش بەت

نۇرباغ

727يوللانما
48مەستانە

نىگېرىيە: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەنبە كەمچىللىك مەسىلىسىنى تولۇقلاش تېخىمۇ كۆپ كاپىتالىغا ئېھتىياجلىق

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2018-01-14 21:37 157 ئىنكاس چۈشتى

ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى سالونى،نۇر تورى تەرجىمىسى.ئۈزۈندە: 2016-يىلىغىچە، نىگېرىيەدە ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلگەنلەر سانى 2006-يىلىدىكى 210 مىڭدىن ئازىيىپ 160 مىڭغا يەتمىگەن ھالەتكە كەلدى، بىراق مەزكۇر دۆلەتتىكى ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى ئىچىدە، ئاران ئۈچتىن بىر قىسىمغا يەتمىگەن كىشى داۋالاشنى قوبۇل قىلماقتا. نىگېرىيەنىڭ ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش-ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن چەتئەل كاپىتالىغا تايىنىدۇ. ئەيدىز كېسىلىدىن ئىبارەت بۇ ئاممىۋىي ساغلاملىققا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، نىگېرىيە تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ئىچى كاپىتال سېلىنمىسىغا ئېھتىياجلىق.

سىياسىي رەھبەرلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە تەرەققىيات شېرىكلىرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، نىگېرىيە، ئەيدىز كېسىلىدىن ئىبارەت بۇ ئاممىۋىي ساغلاملىققا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىمەن دەيدىكەن، دۆلەت ئىچى كاپىتالىنى ئاشۇرۇشى زۆرۈر دەپ قارىدى.

ئۆتكەن ئون يىلدا، نىگېرىيە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش جەھەتتە چوڭ ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈردى. 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە، پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ۋىرۇسنىڭ قايتما كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر سانى بىر مىليون ئادەمدىن ئاشتى. ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلگەنلەر سانى 2006-يىلىدىكى 210 مىڭدىن ئازىيىپ 2016-يىلى 160 مىڭغا يەتمىگەن ھالەتكە كەلدى. گەرچە نۆۋەتتە نىگېرىيەدە ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ ئاران %30 تى داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ %81 تىدىكى ۋىرۇس ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنغان.

نىگېرىيە ئائىلە ساغلاملىق جەمئىيىتى (Society for Family Health) نىڭ ماتېرىيالىدىن كۆرسىتىلىشىچە، نىگېرىيەدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش چىقىمى 2007-يىلىدىكى 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 2013-يىلى 730 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئەمما ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى-ئېلىش داۋالاش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن چەتئەل كاپىتالىغا تايىنىپ قالغان، كاپىتالنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئەيدىز كېسىلىنى قۇتقۇزۇش جىددى پىلانى (the United States President’s Emergency Plan for AIDS Relief) ۋە خەلقئارالىق ئەيدىز، تۇبىركىلىيۇز ۋە بەزگەككە زەربە بېرىش فوندى (the Fund to Fight AIDS, Tuberculosis and Malaria) دىن كېلىدىكەن.

دۆلەت ئىچىدىكى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش خىزمىتى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، نىگېرىيەدىكى 36 ئىشتات فېدراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر ئايدا %1 ئاجىرىتىدىغان ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مۇلازىمىتىنى تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان تۆھپە كاپىتالىغا پۇل ئاجىرىتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. نىگېرىيە ھۆكۈمىتى ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تېخنىكىلىق قوللىشى ئاستىدا، ئەيدىز كېسىلى ھاۋالە فوندى قۇرماقتا، مەقسەت شەخسىي تاپاۋەت تارماقلىرىنىڭ ئىئانىسىنى 2014-يىلىدىكى %2.1 تىن 2018-يىل ئاخىرىغىچە %10گە يەتكۈزۈش ئىكەن.

دۆلەت ئىچى كاپىتالىنىڭ ئېشىشى، ئىككى مىليون ئەتراپىدىكى ئۆزىدە يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بارلىقىدىن خەۋەرسىز كىشىلەر ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان يۇقۇمدارلارغا ياردەم بېرەلەيدۇ. 2016-يىلى 12-ئايدا، نىگېرىيە زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بۇخارى (Muhammadu Buhari) دۆلەت ئىچى كاپىتالىدىن پايدىلىنىپ، 60 مىڭ ئەيدىز يۇقۇمدارىنى داۋاملىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈردىغان بىر تۈرلۈك «يېشىل يول» پىلانى تۈرىنى قوزغاتقان، ھەمدە يىلىغا 50 مىڭ كىشىنى كۆپەيتىپ داۋالاشتىن بەھرىمان قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

نىگېرىيە سەھىيە مىنىستىرى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: نىگېرىيە نۆۋەتتە ئاساسلىق ھالدا ئىئانە قىلغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تۈرىنى ئېلىپ بارىدىغان ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشماقتا. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مالىيە مەبلىغىنى دورا سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەقسىملەيدۇ.

ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ نىگېرىيەدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى دۆلەتلىك ۋەكىلى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: نىگېرىيە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئەيدىز يۇقۇمدارىنى داۋالاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىراق مۆلچەرچە ئىككى مىليون ئەتراپىدىكى ئەيدىز يۇقۇمدارى ئۆزىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز شۇنداقلا داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغان. بۇ كەلگۈسىدە ئۇچرايدىغان ئىنتايىن چوڭ رىقابەت. فېدېراتسىيە، ئىشتات ۋە شەخسىي تاپاۋەت تارماقلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋە سىجىل ئىئانە ياردىمى، بىزنىڭ دىياگنوزىمىزغا ۋە ھاياتنى قۇتقۇزىدىغان داۋالىشىمىزغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 0998ئەسقەر2 ھەپتە ئىلگىرى

    سالام دوسلار مەن قەشقەر مىنىمۇ توپقا قوشۇپ قويساڭلا

  • دەت تاتقان بويتاق3 ھەپتە ئىلگىرى

    ياخشىمۇ دۇسلار مەن يىڭى كىردىم مارالبىشىدىن

  • 0998 MUSAPA3 ھەپتە ئىلگىرى

    دوسلار ياخشىمۇ سىلەر

  • ob7719911 ئاي ئىلگىرى

    ئەزىز دوسلۇرۇم ماڭا بىر ياردەم قىلغان بولساڭ لار
    ئادەتتە بۇ كىسەلگە نىسبەتەن گۇماندا بولساق قايسى ئورۇندا تەكشۈرتىمىز، تەكشۈرۈشى ھەقلىق بولامدۇ ياكى ھەقسىزمۇ

  • 29833478431 ئاي ئىلگىرى

    دوستلار مىنمۇ ئۈندىدىارغا قۇشۋېلىڭلار ئىسمىمنى بېسىپ

  • z.a1 ئاي ئىلگىرى

    سالام دوسلا مەن مۇ بىر يۇقۇملانغۇچى شۇنداخ چۈن بوسا مىنى مۇ ئەكرىپ قۇياڭلا رەھمەت دۇسلۇرۇم

  • M2F8821 ئاي ئىلگىرى

    ياخشى ،،تەنھا ئۈزىڭىز نەدىن بۇلىىز،

  • M2F8821 ئاي ئىلگىرى

    لام باللا كۇچالىق قىز ياكى ئوغۇللە بارمۇ ئۈزەم ئوغول بالا كۇچادىن باللا بولسە كۈرۈشۈپ سىردىشاي دىگەن بەك يەلغۇزلق ھېس قىپ قالدىم

  • 6286281 ئاي ئىلگىرى

    ياخشىمۇ سىلەر دوسىتلۇرۇم

  • ھايات1232 ئاي ئىلگىرى

    كۈرەش ئاقسۇ ،،،، ياخشىمۇ سىز مىنمۇ چۈنگە ئەكرىپ قۇياڭلا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号