باش بەت

خەندان

1021يوللانما
87مەستانە

سالمانخاننىڭ يېڭى فىلىمى «Bharat» نىڭ رولچىلىرى بېكىتىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 23:13 9 ئىنكاس چۈشتى

20180213161127431.jpg

بوللىۋود خەۋەرلىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بومباي، 13-فېۋرال خەۋىرى: رېژىسسور ئەلى ئابباس زەفەر ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان سالمانخان بىلەن كېيىنكى سودا فىلىمى « Bharat» تا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى، سالمانخاننىڭ ئۇ فىلىمدە ئەر باش قەھرىماننىڭ رولىنى ئالىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. ھازىرغىچە بۇ فىلىمنىڭ باش قەھرىمانى سالمانخاندىن باشقا ئارتىسلار ئاشكارىلانمىغانىدى. دۈشەنبە كۈنى رېژىسسور ئەلى ئابباس ماقالە ئېلان قىلىپ بوللىۋود چولپانلىرىدىن بوبى دېئول(Bobby Deol) بىلەن كەترىنا كەيىفنىڭ يېڭى فىلىمىدە رول ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ سالمانخاننىڭ ئەلى ئابباس زەفەر بىلەن ئۈچىنچى قېتىم ھەمكارلىشىشى بولۇپ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلار «سۇلتان» ۋە «يولۋاس ھەرىكىتى 2» فىلىملىرىدە ھەمكارلاشقان.

«بارات» فىلىمى كورېيەنىڭ 2014-يىلى قويۇلغان تەسىرلىك فىلىمى «خەلقئارا بازار» ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ ئىشلىنىدۇ.

بۇ فىلىم ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسى ۋە يېڭى دېھلىدا سۈرەتكە ئېلىنغاندىن سىرت، يەنە ئەبۇزەبىي ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. بۇ فىلىم 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى قويۇلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • دەرت ئېغىر2 كۈن ئىلگىرى

    ھەي لىكىن سالمانخان يولۋاس ئككىنى بىرىنجىسىدەك ياخشى ئىشلەممەپتۇ بۇ ئاداش

  • 特别爱3 كۈن ئىلگىرى

    ياخشى تىزراق قۇيۇلسا تىز تەرجىمە قىلىنسا

  • كارۋان …23 كۈن ئىلگىرى

    سەلمان نىمىشقا خوتۇن ئالمايدىكىن دىسەم بەكلا ئالدىراشكەنغۇ بۇ ئاداش …! لىكىن ئەتراپىدىغۇ ئاياللار كەم ئەمەسكەن بۇ ئاداشنىڭ، تېخى ھەممىسى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەللەر……كاترىنا ھەقىقەتەن گۈزەلدە!

  • DON...........3 كۈن ئىلگىرى

    نەچچە يىلدىن كىيىن قويۇلدىغان فىلىمنىڭ تەشۋىقاتى ھازېر ئىلان قىلىندى

  • ئەلشېر4 كۈن ئىلگىرى

    تىخى كىنونى ئىشلىمەي تۇرۇپ قويولۇش ۋاقىتنى بىكىتىپ بوپتۇ ھەقىقەتەن ئالدىن كۆرەر

  • TIGER 34 كۈن ئىلگىرى

    رەھمەت تەھرىرلەر بوللىۋود خەۋەرلىرىنى ئۈزۈپ قويمىغىنىڭلارغا

  • TIGER 34 كۈن ئىلگىرى

    فىلىمىڭغا ئۇتۇق ئىشلىرىڭغا ئامەت تىلەيمەن سالمانباي مۇشۇ كۈنلەردە سىنارىيەلەر ساڭا ئۆچىرەتقۇ

  • 沙鲁克.汗4 كۈن ئىلگىرى

    سالمان خان شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىسى

  • 沙鲁克.汗4 كۈن ئىلگىرى

    دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号