باش بەت

زىيارەت

2611يوللانما
30مەستانە

ياۋروپا تۆت چوڭ بىرلەشمىسىدە ئەزەلدىن دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان كوماندىلار

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 22:32 5 ئىنكاس چۈشتى

باشبەت تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى

كەسىپلەشكەن گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى 1963/1964-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلانغان بولۇپ، دەرىجە چۈشۈپ كېتىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغان كوماندىدىن ئالتە كوماندا بار ئىكەن، ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە بىرلەشمىسىگە يېڭى «مېھمان» لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسىمۇ بار ئىكەن.

گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە پەقەتلا بىر كوماندا ھازىرغىچە ھەر پەسىللىك گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ پىشقەدەم كۈچلۈك قوشۇن ھامبۇرگ كوماندىسى ئىكەن، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھامبۇرگ كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ناچار بولۇپ، داۋاملىق دېگۈدەك دەرىجە چۈشۈش رايونىدا تۇرۇش، دەرىجە چۈشۈش ۋە ئۆرلەش سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئويناش ئارقىلىق، «گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى يىقىلماس مۇنار» بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، ناۋادا كەسىپلەشمىگەن گېرمانىيە بىرلەشمىسىنى قوشۇپ ھىساپلايدىغان بولساق، ھامبۇرگ كوماندىسى 1919-يىلىدىن باشلاپ، گېرمانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە توپ ئويناپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ھازىر 98 مۇسابىقە پەسلى بولغان.

بىرلەشمىدىكى ئەڭ پىشقەدەم ھامبۇرگ كوماندىسى بىلەن ئەڭ يېڭى لېيپزىگ قىزىل كالا كوماندىسىدىن باشقا ھازىرغىچە دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان تۆت كوماندا بولسا: بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى (1965-يىلى گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلىگەن)، لېۋېركۇسېن كوماندىسى (1979-يىلى گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلىگەن)، ۋولسىفبۇرگ (1997-يىلى گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلىگەن)، ئاۋگىسبۇرگ كوماندىسى (2011-يىلى گېرمانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلىگەن) بولۇپ بۇلار ھازىرغىچە دەرىجە چۈشۈپ كېتىشتەك ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ باقمىغان.

ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى

كەسىپلەشكەن ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى 1929/1930-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىن باشلانغان بولۇپ، ئىزچىل دەرىجە چۈشۈپ كەتمەي، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ بارلىق مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەن كوماندىدىن پەقەتلا بىرى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ خەلقئارا مىلان كوماندىسى ئىكەن، ناۋادا كەسىپلەشمىگەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنى قوشۇپ ھىساپلايدىغان بولساق، خەلقئارا مىلان كوماندىسى 1909-يىلىدىن باشلاپ، (كوماندا قۇرۇلۇپ 2-يىلى) ئىتالىيە يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە توپ ئويناپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ھازىر 108 مۇسابىقە پەسلى بولغان.

خەلقئارا مىلان كوماندىسىدىن باشقا ھازىرغىچە ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان كوماندىلارنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن دەرىجە ئۆرلەپ چىققان كوماندىلار، ئۇلار ساسسولو كوماندىسى (2013-يىلى دەرىجە ئۆرلىگەن)، كىروتونى (2016-يىلى دەرىجە ئۆرلىگەن)، بېنېۋېنتو (2017-يىلى دەرىجە ئۆرلىگەن) بولۇپ ھازىرغىچە دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان.

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (ئېنگلاند A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى)

ئېنگلاند يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىلەرنىڭ تارىخىنى 1889-يىلىدىن باشلاپ سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئەمما ھازىرغىچە بارلىق بىرلەشمە مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ كەلگەن بىرمۇ كوماندا يوق، ئارسېنال كوماندىسى 1919-يىلى يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىلەرگە قاتناشقاندىن باشلاپ، تاكى ھازىرغىچە 98 مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەن.

 

ئارسېنال كوماندىسىدىن باشقا پەقەت يېڭىدىن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىگە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان بوۋرنېموۋس كوماندىسى (2015-يىلى دەرىجە ئۆرلەپ چىققان) ھازىرغىچە دەرىجە چۈشۈشكە دۇچ كەلمىگەن.

ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى

ئەڭ قالتىسى ئەلۋەتتە ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى بولۇپ، ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى 1928/1929-يىللىق مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە پەقەت ئۈچ كوماندىلا بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەن، ئەلۋەتتە ئۇلار ھازىرغىچە دەرىجە چۈشۈپ كېتىشكە ئۇچراپ باقمىغان، ئۇلار بولسا: «ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى قوش بۈركۈتى» خانلىق مادرىد بىلەن بارسېلونا كوماندىسى ھەمدە «تارىخىي زومىگەر» بىلباۋ ئاتلېتىكا كوماندىسى بولۇپ، ھازىرغىچە دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان.  

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2014-يىلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان ئېيبار كوماندىسى بىلەن 2017-يىلى دەرىجە ئۆرلەپ چىققان گىرونا كوماندىسى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ھازىرغىچە دەرىجە چۈشۈپ كېتىشكە ئۇچراپ باقمىغان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئارسېنال3 ئاي ئىلگىرى

    غەيرەت قىل ئارسىنال سەن ھەمىنىدىن قالتىس باشقىلىرى بىر شوركا پەقەت ئنگىلاندتا

  • ئەلفا3 ئاي ئىلگىرى

    ئۈچ توپ سېلىپ بىر توپ يەپ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە ئۇتۇپ قويدۇق، كەمىنە ئەلفا ئەينى چاغدا ئېيتقان ، مادرىد ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە ئۇتىدۇ ،ئۇتاممىسا ئىنكاس يېزىش ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن دەپ ، دەرۋەقە رونالدو بىلەن مارسىلو مىنىڭ داۋاملىق ئىنكاس يېزىشىمنى ئۈمۈت قىلسا كېرەك ، يارايدۇ بىزنىڭ باللا ، ئالغا مادرىد ، گەرچە رىپىر بىزگە پايدىلىق پۈشتەكنى سەل جىق چېپ قويغان ، پارىژدىن سېرىق كارتا ئىستىمال قىلىۋالغانلار سەل كۆپ بوپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمما چۈشكەن توپ ۋە نوقتا توپتا قىلچە سو يوق ، كىيىنكى ئۇچىرشىشتا جىق ئەمەس يانا ئۈچ توپ سېپ قۇيىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ، قەتئىي توپ يەپكەتمەڭلا لىكىن

  • نۇرلۇق (بارسېلونا )3 ئاي ئىلگىرى

    ئالدىنقى مەيدان تۈگىدى 1.1

  • خانلېق مادرېد3 ئاي ئىلگىرى

    زادې مادرېد بېلەن بارسېلونا قالتېس

  • زۇبەيدە 77773 ئاي ئىلگىرى

    ھەممە يەردە مادىرىد بىلەن بارسىلونا غەيرەت قىلىڭلار ھەر ئىككى كوماندىغا ئامەت تىلەيمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号