باش بەت

خەندان

1021يوللانما
87مەستانە

ئىرفان خاننىڭ يېڭى فىلىمى «كارۋان» بۇ يىل 6-ئايدا قويۇلىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2018-02-14 23:34 1 ئىنكاس چۈشتى

20180214224856285.jpg

بوللىۋود خەۋەرلىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىرفان خان(Irrfan Khan) ۋە دۇلكۇر سالمان (Dulquer Salmaan) ۋە Mithila Palkar لار باش رول ئالغان يېڭى فىلىم «كارۋان» (Karwaan) بۇ يىل 6-ئاينىڭ 1-كۈنى قويۇلىدىغانغا بېكىتىلدى.

بۇ فىلىم ئۈچ غەلىتە بالىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چۆرىدەپ قانات يايىدۇ. ئۇلار ئۆملۈكتە غەلىتە سەپەرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بۇ سەپەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى نورمال ھالىتىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

دۇلكۇر سالمان جەنۇبىي ھىندىستان كىنوچىلىق ساھەسىدىكى داڭلىق چولپان. ئۇ بۇ قېتىم ئىرفان خان بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ فىلىم بىلەن بوللىۋودقا كىرمەكچى. مىسىلا (Mithila) مۇ بۇ فىلىمدە تۇنجى قېتىم ئايال باش رولنى ئېلىپ بوللىۋودقا ئاتلانماقچى بولۇۋاتىدۇ.

بۇ فىلىمگە Akarsh Khurana رېژىسسورلۇق قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ بوللىۋود فىلىم رېژىسسورى سالاھىيىتدە نامايەن قىلىنىدىغان تۇنجى فىلىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ فىلىم گۈزەل كېرالا شىتاتىدا سۈرەتكە ئېلىنغان. روننى سىكرېۋۋالا (Ronnie Screwvala) قارمىقىدىكى ئىجادىيەت خىزمەتخانىسى RSVP بىلەن Ishka Films كىنوچىلىقى ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • TIGER 34 كۈن ئىلگىرى

    مۇشۇ ئىرفانخان بەك مەنىلىك ئىسىل فىلىملەرنى ئىشلەيدىكەن ئەپسۇس بىزگە تەرجىمە قىلىنىپ كىرگەنلىرى بەك ئاز

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号