باش بەت

arken_1228

281يوللانما
1مەستانە

يانفوندا تورغا چىقىشنى 4G دىن 1000 ھەسسە تېزلىتىدىغان يېڭى تېخنىكا

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2015-02-26 10:38 0 ئىنكاس چۈشتى


تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى، Artemis Networks نىڭ CEO سى ستېۋ پېرلمان (Steve Perlman) نىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇنىڭ شىركىتى بىر خىل يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، يەنى يانفوندا تورغا چىقىش سۈرئىتىنى نۆۋەتتىكىدىن 1000 ھەسسە تېزلىتىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ خىل تېخنىكا سان فىرانسىسكودا بازارغا چىقىشقا تەييارلىنىپ بولغان.


مەزكۇر شىركەتنىڭ ئېلان قىلىشىچە، سان فىرانسىسكودىكى ئابونتلار Artemis تور بېكىتىدىن SIM كارتىسى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇ كارتا يانفونىنى مەزكۇر شىركەتنىڭ pCell تورىغا ئۇلىيالايدىكەن. Artemis بىلەن DISH ھەمكارلاشقانلىقتىن، مەزكۇر شىركەت DISH نىڭ قارىمىقىدىكى بەزى چاستوتىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سان فىرانسىسكودا pCell ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىكەن.


pCell نۆۋەتتە پەقەت سان فىرانسىسكودىلا قۇرۇلغانلىقتىن، سان فىرانسىسكونىڭ سىرتىدىكى رايونلاردا Artemis نىڭ SIM كارتىسى مەۋھۈم سودىگەرلەرنىڭ تورىغا ئۇلىنىدىكەن. پېرلماننىڭ BI غا بىلدۈرىشىچە، Artemis تور بېكىتىدە ئوخشىمىغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت تاللىشىنى تەمىنلەيدىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر شىركەت بۇ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان، بىراق پېرلمان مەزكۇر شىركەتنىڭ چەكسىز مىقداردىكى سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى تەمىنلايدىغانلىقى ھەمدە باھاسى نۆۋەتتىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش سودىگەرلىرىنىڭ مۇلازىمىتىدىن تېخىمۇ ئەرزان بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇندىن باشقا، ئابونتلار تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئىقتىدارلارغا ئېرىشەلەيدىكەن.


ئەمەلىيەتتە، Artemis نىڭ pCell توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشى مەزكۇر تور قوللانغان تېخنىكا 5G ئۆلچىمگە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. 5G تورىنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا ئاندىن سودا خاراكتېرىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.


پېرلماننىڭ بىلدۈرىشىچە، مەزكۇر تورنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغانلىقتىن، ئەنئەنىۋى سىملىق مودۇلياتسىيەلىك دېمودۇلياتورنىڭ ئورنىنى ئالالايدىكەن.


پېرلمان كۆرسىتىپ مۇنداق دېگەن: «بىزنى تەننەرخىمىز ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، سىملىق مودۇلياتسىيەلىك دېمودۇلياتور بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ».


pCell نىڭ باھاسىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، مەزكۇر تور كەسپى ھەجىمى كىچىك بولۇپ، WiFi توچكىسى ئەسلىھەسىگە ئوخشايدىكەن، ئەنئەنىۋى پونكىت ۋە تۆمۈر مۇنارنى كېرەك قىلمايدىكەن.


pCell تورى Verizon ۋە AT&T قاتارلىق شىركەتلەرگە ئوخشاش چاستوتا ئىشلەتكەن بولۇپ، پەقەت ئورۇنلاشتۇرۇش شەكلى ئوخشىمايدىكەن. چوڭ تىپتىكى پونكىت بەلگىلىك دائىرىدە بارلىق يانفون ئابونتلىرىغا سېگنال تارقىتىدىكەن، بىراق pCell بولسا ھەربىر ئابونتقا مۇستەقىل تور يارىتىپ بېرىدىكەن. pCell بولسا pWaves ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号