باش بەت

ئادىل

5031يوللانما
1مەستانە

ئەڭ قالتىس ئۈچ چاقلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بارلىققا كەلدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2015-03-20 18:25 0 ئىنكاس چۈشتى



يەرشارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

ئۈچ چاقلىق ماشىنىنى تىلغا ئالغاندا، مورگېننىڭ ئۈچ چاقلىق ماشىنىسىنى كىلاسسىك دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر يەنە باشقا بىر نۇسخىدىكى ئۈچ چاقلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى پەيدا بولدى، گەرچە يېڭى ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى قاتاردىكى مودا ئوبرازى كىشلەرنى جەلپ قىلىدۇ. 



مورگېننىڭ كونىلىقنى تىرىلدۈرۈش لاھىيەسى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، ئامېرىكىنىڭ قارلىق موتسىكىلىتى ۋە تولۇق يەر شەكىللىك ماشىنا ياساش شىركىتى شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى ( Polaris Industries) چىقارغان Polaris Slingshot ئۈچ چاقلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ئىنتايىن ئالدىنقى قاتاردىكى لاھىيە ھازىرلىغان، قارىماقتتا بىر چاقىنى ئېلىۋەتكەن KTM X-Box قا ئوخشايدۇ. 



Polaris Slingshot قا 4.3 دىيۇملۇق سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران، ئېكرانلىق ماشىنىنى ئارقىغا ياندۇرۇش ئۈسكۈنىسى، كۆك چىش، USB ۋە ئالتە دانە ياڭراتقۇ سەپلەنگەن. ئورۇندۇقنىڭ ئارقىسىدىكى مال ساقلاش بوشلۇقىغا قالپاق قويغىلى بولىدۇ، ئادەتتىكى پىكاپ بىلەن ئوخشاش پەلەي ساندۇقى تەمىنلىگەن.



ئۇنىڭدا يەنە 2.4 لىتىرلىق Ecotec تىك قاتارلىق تۆت كۇبلۇق بېنزىن ماتور سەپلەنگەن، چىقىرىش قۇۋۋىتى 173 ئات كۈچى، چوققا بۇرۇلۇش مومېنتى 226ن.م، بەش خوتلۇق سۈرەت ئۆزگەرتكۈچ سەپلەنگەن، ھەرىكەت كۈچىنى مۇستەقىل ھالدا ئارقا چاققا ئۇزىتىپ بېرىدۇ.



ئۇنىڭدا پولات تۇربىلىق ماشىنا گەۋدىسى ئىشلىتىلگەن، ئالدى ئىككى ئارقىسى بىر ئۈچ چاقلىق لاھىيە بولۇپ، ئالدى-ئارقا چاقنىڭ رازمىرى ئايرىم-ئايرىم 18 دىيۇم ۋە 20 دىيۇم، ماشىنا گەۋدىسى ئاران 771 كىلوگرام. گەرچە پەقەت 173 ئات كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما 700 كىلوگرامدىن ئارتۇق ئېغىرلىققا ئىگە، بىز Slingshot نىڭ ماڭغاندىكى ئېتىلىپ چىقىش تۇيغۇسىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز.

باھاسى 23999 دوللار (تەخمىنەن 148 مىڭ يۈەن). بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، كىشلەرنىڭ مورگېندىن باشقا يەنە بىر تاللىشى كۆپىيىدۇ. 























باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号